كىشىلەر: ‹‹مۇۋەپپەقىيەت قازانغان ئادەمنىڭ جورىسى ئۇنىڭ مۇۋەپپەقىيەت قازىنىشىدا مۇھىم رول ئوينايدۇ›› دەپ قارايدۇ، بۇ خاتا قاراش ئەمەس

بىراق ئامېرىكىلىق ئالىملارنىڭ ئەڭ يېڭى تەتقىقات نەتىجىسىگە قارىغاندا، ئەگەر جورىسىغا ياردەم بېرىش ئۇسۇلى مۇۋاپىق بولمىسا، ياردەمدىن ئۈنۈم كۆرۈنمەستىن، بالا–قازا كېلىدىكەن.

ئەنگىلىيەدىكى ئاخبارات ۋاستىلىرىنىڭ خەۋىرىدە مۇنداق دېيىلدى: ئامېرىكىدىكى دۇك ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ پىسخولوگىيە مۇتەخەسسىسلىرى ئەر–خوتۇن مۇناسىۋىتىگە ئالاقىدار تەجرىبە ئىشلىگەندىن كېيىن، سىناققا قاتناشقانلارغا سىناق داۋامىدا جورىسى ھەمراھ بولسا ، ئۇلاردا ئۆزىمۇ سەزمىگەن ھالدا تايىنىۋېلىش كەيپىياتى پەيدا بولىدىكەن.

تەتقىقاتچىلار سىناق داۋامىدا سىناقنى قوبۇل قىلغۇچىنىڭ چېنىقىش ياكى ئوقۇش پىلانىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇشغا جورىسى ياردەم بەرسە، ئۇلارنىڭ ئۆزىگە قويغان تەلەپنى بوشاشتۇرۇپ، ئۆگىنىش ياكى چېنىقىش ۋاقتى ۋە سىجىللىقىنى ئازايتىدىغانلىقىنى، ھەتتا بىر قىسىم مەسئۇلىيەتنى جورىسىغا ئىتتىرىپ قويىدىغانلىقىنى، ئاخىرىدا نىشانىنىڭ بوشاڭلىق ۋە سۆرەلمىلىك سەۋەبىدىن ئەمەلگە ئاشمايدىغانلىقىنى بايقىغان.

تەتقىقاتچىلار مۇنداق دېيىشتى: بۇ نەتىجە جورىسى بەرگەن ياردەمنىڭ ئارتۇقچە ئىكەنلىكىدىن دېرەك بەرمەيدۇ، ئەكسىچە ئەر – خوتۇنلار ئارا مۇۋاپىق ياردەم بېرىش ئىنتايىن مۇھىم. بەزىدە بىر–بىرىنىڭ كۆڭلىنى چۈشەنگەن ئاساستا بېرىلگەن ياردەمنىڭ ئۆز ئارا بۇيرۇق چۈشۈرگەندىن ياخشى ئۈنۈم بېرىدىغانلىقىنى بىلدۈرىدۇ.

ـــ«ئۈرۈمچى كەچلىك گېزىتى» دىن


ئالدىنقى ماقالىمىزدا ياپونىيەلىكلەرنىڭ ئۇزاق ئۆمۈر كۆرۈشتىكى سىرى تېمىسىدا تەپسىلى توختالدۇق . ياكى ياخشى قېينئانا -لاياقەتلىك كېلىن مۇناسىۋىتى تۇغرىسىدا توغرىسىدىكى ماقالىنى ئوقۇپ بېقىشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمىز .