1 ئىلگىرىكى چاغلارنى دائىم ئەسلەپ تۇرۇش مۇھەببەتلەشكەن، يېڭى توي قىلغان چاغدىكى قىزغىن كەيپىياتنى دائىم ئەسلەپ تۇرسا، ئەر - خوتۇننىڭ مۇھەببىتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇشقا پايدىلىق

 

 2.شېرىن ئاينى قايتا ئۆتكۈزۈش تويدىن كېيىنمۇ دەم ئېلىش ۋاقىتلىرىدىن پايدىلىنىپ «شېرىن ئاي» ئۆتكۈزۈپ، ئەر - خوتۇن ئىككەيلەنگە مەنسۇپ بوشلۇق ھازىرلىسا، ھېسسىياتنى تېخىمۇ چوڭقۇرلاشتۇرغىلى بولىدۇ.


 3.خاتىرە كۈنلەرنى تەبرىكلەپ تۇرۇش توي خاتىرە كۈنى، قارشى تەرەپنىڭ تۇغۇلغان كۈنى، تونۇشقان كۈن قاتارلىقلار ئەر - خوتۇننىڭ مۇھەببەت تارىخىدىكى ئەھمىيەتلىك كۈنلەر ھېسابلىنىدۇ. بۇ كۈنلەرنى مۇۋاپىق ئۇسۇللاردا خاتىرىلەش ئارقىلىقمۇ قارشى تەرەپكە ئىككىسى ئوتتۇرىسىدىكى مۇھەببەتنىڭ چوڭقۇرلىقىنى ھېس قىلدۇرغىلى بولىدۇ.


 4.قارشى تەرەپنى خۇش قىلىش بەزىلەر تويدىن كېيىن قارشى تەرەپنىڭ ھېسسىياتىغا ئانچە ئېتىبار بېرىپ كەتمەيدۇ. بۇنداق بولغاندا ئەر - خوتۇنلۇق مېھىر - مۇھەببەت سۇسلىشىپ، نىكاھقا تەسىر يېتىدۇ.


 5.كۈتۈلمىگەن خۇشاللىقلارنى ئاتا قىلىش قارشى تەرەپ ئۇزۇندىن بۇيان ئېرىشىشنى ئويلاۋاتقان نەرسىنى سېتىۋېلىپ سوۋغا قىلىشقارشى تەرەپ تەييارلىق قىلمىغان، ئەمما ناھايىتى ياخشى كۆرىدىغان پائالىيەتلەرنى ئورۇنلاشتۇرۇش قاتارلىقلار ئەر - خوتۇنلۇق تۇرمۇشقا يېڭى مەنالارنى قوشىدۇ.


 6.ئۆزىنى تۈزەشتۈرۈشكە ئەھمىيەت بېرىش ئۆزىنى تۈزەشتۈرۈپ يۈرۈش قارشى تەرەپ ئالدىدىكى ئوبرازىغا مۇناسىۋەتلىك بولۇپلا قالماي، يەنە باشقىلارنىڭ ئالدىدا قارشى تەرەپنىڭ ئابرويىنى قىلغانلىق، بولمىسا بىر - بىرىدىن زېرىكىش كېلىپ چىقىدۇ.


 7.بالىلىرىغا بولغان مۇھەببىتىنى تەڭشەپ تۇرۇش كېرەك نۇرغۇن ئەر - خوتۇنلار بالىلىق بولغاندىن كېيىن بارلىق مېھرىنى پەرزەنتىگىلا ئاتا قىلىپ، ئەر - خوتۇن ئارىسىدىكى كۆيۈنۈش ۋە مېھىر - مۇھەببەتكە سەل قارايدۇ، بولۇپمۇ ئاياللاردا بۇ خىل ئەھۋال كۆپ كۆرۈلىدۇ. بۇنىڭغا دىققەت قىلىش زۆرۈر.


 8.مۇۋاپىق ئارىلىق ساقلاش كېرەك مۇۋاپىق ئارىلىق ساقلاپ، ئازراق سىر ساقلاشقا يول قويۇشمۇ ئەر - خوتۇننىڭ مۇھەببىتىنى مۇستەھكەملەش ۋە تەرەققىي قىلدۇرۇشقا پايدىلىق.


ئالدىنقى ماقالىمىزدا ئەر - خوتۇنلار ئاسان ئۇرۇشۇپ قالىدىغان 8 مىنۇت تېمىسىدا تەپسىلى توختالدۇق . ياكى ئەر خوتۇنلار ئىقتىساد ئىشىدا توغرىسىدىكى ماقالىنى ئوقۇپ بېقىشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمىز .