رېئال تۇرمۇشتا كىشلەر چىراي - تۇرقى ئوخشىشىپ كېتىدىغان ئەر -خوتۇنلارنى كۆپ ئۇچرىتىدۇ ، شۇڭا ئۇلارنىڭ كۆپىنچىسى : ‹‹ ئەر-خوتۇنلار ئۇزۇنراق ۋاقىت بىرگە ياشىغاچقا ، ئۇلارنىڭ ئارىسىدا ‹ئەر - خوتۇنلار ئوخشىشىپ كېتىش ھادىسىسى› شەكىللەنگەن ››دېگەن قاراشقا ئىشىنىدۇ

لېكىن ئەنگىلىيە كىلىنىكا پىسخىكىسى دوكتورى ھامباد مۇنداق دەيدۇ : ‹‹ بۇنداق قاراشنىڭ ھېچقانداق ئەمەلىي ئاساسىي يوق ،‹ئەر - خوتۇنلار ئوخشىشىپ كېتىش ھادىسىسى› كىشلەر ئېيتقانداق ئۇنداق ئاددىي سەۋەب ئۈستىگە قۇرۇلغان ئەمەس ›› .

ھامباد ياردەمچىلىرى بىلەن بىرلىكتە 1296 جۈپ ئەر-خوتۇنغا مۇناسىۋەتلىك ئۇچۇرلارنى ئانالىز قىلغاندىن كېيىن مۇنداق نەتىجىگە ئىگە بولدى : ئەر - خوتۇنلار ئارىسىدىكى ئوخشىشىپ كېتىش ئېھتىماللىقى ھەقىقەتەن ئادەتتىكى كىشلەرنىڭكىدىن گەۋدىلىك بولىدۇ ، ئەمما بۇ خىل ھادىسە توي قىلىپ بولغاندىن كېيىن شەكىللەنگەن بولماستىن ، كىشلەر ئۆزىگە ھەمراھ تاللىغان چاغدا كۆپ ھاللاردا چىراي تۇرقى ۋە بەدەن شەكلى ئۆزىگە ئوخشىشىپ كېتىدىغان يات جىنىسلارنى ئاسانراق قوبۇل قىلىدۇ ، يەنى ھېسيات جەھەتتىن بىر-بىرىنى تارتىدۇ .

ئۇنىڭ تەتقىقات دوكلاتىدا مۇنداق دېيىلدى : ‹‹ ئەر -خوتۇنلارنىڭ نىكاھلىق تۇرمۇشى قانچە ئۇزاق بولسا، ئۇلارنىڭ بىر-بىرىگە ئوخشىشىپ كېتىدىغانلىقى ھەقىقەت ، ئەمما بۇ پەقەت تاشقى كۆرۈنۈش جەھەتتىلا ئۆز ئىپادىسىنى تاپمايدۇ .

چىراي -تۇرقىنىڭ ئوخشىشىپ كېتىش ئېھتىماللىقىغا قارىغاندا ، ئەر-خوتۇنلارنىڭ مىجەز-خۇلقى ۋە ھەرىكىتى تېخىمۇ ئاسان تەسىر كۆرسىتىدۇ ۋە يۇقىرى . مەسلەن ، ئەرنىڭ گەپ قىلغان چاغدىكى قول ھەرىكىتى ئاسانلا ئايالىغا ئۆزلىشىپ قالىدۇ ›› .


ئالدىنقى ماقالىمىزدا قانداق ئائىلىلەردە كېسەللىك كۆپرەك كۆرۈلدۈ ؟ تېمىسىدا تەپسىلى توختالدۇق . ياكى بالىلاردا زادى نېمە گۇناھ توغرىسىدىكى ماقالىنى ئوقۇپ بېقىشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمىز .