ئائىلىدىن ئىبارەت بۇ قورغانغا قەدەم ئالغىنىمدىن تارتىپ، تۇرمۇشتىكى نۇرغۇن خۇشاللىقلىرىمنىڭ ئورنىنى غەم–غۇسسىلەر ئىگىلەشكە باشلىدى مەن ئېرىمنىڭ قاچانلاردىن باشلاپ ماڭا بۇنداق قوپال مۇئامىلە قىلىدىغان بولۇپ قالغانلىقىنى سەزمەيلا قاپتىمەن

   بىر كۈنى دوستۇم بىلەن مۇڭدىشىپ ئولتۇرۇپ ئېرىمغا بولغان سان–ساناقسىز نارازىلىقلىرىم ۋە ئاغرىنىشلىرىمنى ئاغزىم بېسىقمىغان ھالدا سۆزلەپ بېرىۋىدىم، دوستۇم: ‹‹سەن بۇنداق قاقشاۋەرسەڭ كۈنلىرىڭ قانداق ئارامىدا ئۆتىدۇ؟ سەن ئاۋۋال مەنمۇ ئېرىمغا خۇشاللىق ئاتا قىلالىدىممۇ؟ دېگەننى ئويلاپ باققىن›› دېدى. دوستۇمنىڭ سۆزلىرىنى ئاڭلاپ تۇرۇپلا قالدىم. ئويلاپ باقسام، ھازىرغىچە ئۇنىڭغا خۇشاللىقلىرىمنى ئەمەس، خاپىلىقلىرىمنىلا بىلدۈرۈپ كەپتىمەن. ئۇنىڭ كەيپىياتى بىلەن زادىلا ھېسابلىشىپ باقماپتىمەن. ئېرىمغا ھە دېسىلا خىزمەتداشلىرىم بىلەن نېمە توغرىسىدا خاپىلىشىپ قالغانلىقىم، سېتىۋالغان نەرسەمنىڭ بۇزۇق چىققانلىقى، ئۆيدىكى چىراغ، تۇرۇبىلارنىڭ بۇزۇلۇپ قالغانلىقى دېگەندەك كۆڭۈلسىز ئىشلارنى سۆزلەپلا يۈرۈپتىمەن، ئىشقىلىپ بىرەر ئېغىزمۇ خۇش بولغۇدەك گەپ قىلماپتىمەن. بۇنداق قاقشاپلا ئۆتسەم قانداقمۇ بەختلىك ياشىيالايمەن؟
 
 
   ئەتىسى كەچتە ئاشخانىدا تاماققا تۇتۇش قىلىۋاتاتتىم، ئېرىم كىرىپ كەلدى. مەن دەرھاللا ئۇنىڭغا بۈگۈن تاللا بازىرىدا يۈز بەرگەن ھېلىقى كۆڭۈلسىز ئىشنى ئېيتىشقا تەمشىلىپ بولۇپ، دوستۇمنىڭ سۆزىنى ئېسىمگە ئېلىپ ئۆزۈمنى تۇتۇۋالدىم–دە، ئۇنىڭغا: ‹‹قاراڭ، تاللا بازىرىغا كىرسەم مۇشۇ بىر پارچىلا لوق گۆش قاپتىكەن، سېتىۋالدىم، بولمىسا بۈگۈن كەچتە تاماق ئېتەلمەيتتىم›› دېدىم. ئۇزۇندىن بېرى دەپ باقمىغان بۇ بىر ئېغىز گەپنى دەپ بولۇپ ئىچىمدە ئېغىر ئۇھسىندىم.
 
   جۈمە كۈنى كەچتە ئىشتىن چۈشۈشتىن بۇرۇن ئېرىمغا تېلېفون قىلىپ بىللە تاماق يېيىشنى ئېيتتىم. بىز كۆڭۈللۈك پاراڭلىشىپ ئولتۇرۇپ تاماق يېدۇق. بۇرۇنقى ۋاقىتلار بولغان بولسا، مەن بۇ تاماقنى قاقشاپ، ھەر خىل ئاغرىنىشلىرىمنى تۆكۈۋالغاچ يېگەن بولاتتىم. بىراق بۇ قېتىم ئۆتكەن–كەچكەن كۆڭۈللۈك ئىشلارنى، خىزمەتداشلىرىم ئارىسىدىكى قىزىقارلىق گەپلەرنى قىلغاچ يېدىم، ئىككىمىز خۇددى مۇھەببەتلىشىۋاتقان چاغلاردىكىدەك كۆڭۈللۈك كەچنى ئۆتكۈزدۇق. تاماق يەپ بولۇپ تاكسىغا ئولتۇرماستىن كوچا ئايلانغاچ قايتتۇق، ئۆيىمىزگە يېقىن يەردىكى گۈل دۇكىنىنىڭ ئالدىغا كەلگەندە ئۇ: ‹‹بىردەم تۇرۇپ تۇرۇڭ–ھە!›› دەپ مېنى ساقلىتىپ قويۇپ بىر تال ئەتىرگۈلنى كۆتۈرۈپ چىقىپتۇ. گۈلنى كۆرۈپ ۋۇجۇدۇمغا بىر ئىللىق ئېقىم تارالغاندەك بولدى. بۇ ئۇنىڭ تويدىن كېيىن ماڭا تۇنجى قېتىم گۈل سوۋغا قىلىشى ئىدى.
 
   ئۆيگە كىرىپ كېتىۋېتىپ توك سائىتىگە قارىسام ‹‹0››گە كېلىپ قاپتۇ، بۇنى كۆرۈپ ‹‹غۇژژىدە›› ئاچچىقىم كېلىپ قاپىقىم تۈرۈلدى، بىراق، دەرھال ئۆزۈمنى تۇتىۋېلىپ كۈلۈپ تۇرۇپ: ‹‹يەنە توك تۈگەپتۇ، ئەتە كارتىغا پۇل قاچىلىۋەتسەم بولغۇدەك›› دېدىم. بارا–بارا ئۆزۈمنىڭلا ئەمەس، ئېرىمنىڭ مىجەزىنىڭمۇ شۇنداق ياخشى بولۇپ كەتكەنلىكىنى ھېس قىلدىم. ھەر ئىككىمىز قارشى تەرەپنى ئاياشنى، خۇشاللىق ئاتا قىلىشنى ئۆگەندۇق. شۇنداق قىلىپ ئائىلىمىزنىڭ كەيپىياتى بارغانسېرى ياخشىلاندى. بۇ جەرياندا مەن ھەقىقەتەن ئۆزگەردىم، مۇلايىملىشىپ ھەم كۆيۈمچانلىشىپ كەتكەنلىكىمنى ھېس قىلدىم. كۈنلىرىم شۇنداق ئازادىلىك ۋە خۇشاللىق ئىچىدە ئۆتۈشكە باشلىدى. تېرەممۇ ياخشىلىنىپ كەتتى. قارىغاندا ھۆسن گۈزەللەشتۈرۈشتە ياخشى كەيپىياتنىڭ ئالدىغا ئۆتىدىغان دورا بولمىسا كېرەك.
 
‹‹ شىنجاڭ ئاياللىرى ›› ژۇرنىلىدىن ئېلىندى
 

ئالدىنقى ماقالىمىزدا بۇ بىزنىڭ ئائىلە تېمىسىدا تەپسىلى توختالدۇق . ياكى ئاياللار ئەرلەرنىڭ قايسى ئىشلىرىدىن رازى ئەمەس توغرىسىدىكى ماقالىنى ئوقۇپ بېقىشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمىز .