ﮬﻪﺭﯨﻜﻪﺕ ﺭﯦﺘﺴﯩﭙﻰ ﺩﯦﮕﻪﻥ ﺳﯚﺯﻧﻰ ﺋﺎﯕﻠﯩﻐﺎﻧﻤﯘ؟ ﺋﺎﻣﯧﺮﯨﻜﯩﺪﺍ ﮬﺎﺯﯨﺮ ﻛﯚﭘﻠﯩﮕﻪﻥ ﺩﻭﺧﺘﯘﺭﻻﺭ ﺑﯩﻤﺎﺭﻻﺭﻏﺎ ﮬﻪﺭﯨﻜﻪﺕ ﺭﯦﺘﺴﯩﭙﻰ ﻛﯧﺴﯩﭗ ﺑﯧﺮﯨﭗ, ﺳﻮﺯﯗﻟﻤﺎ ﺧﺎﺭﺍﻛﺘﯧﺮﻟﯩﻚ ﻛﯧﺴﻪﻟﻠﯩﻜﻠﻪﺭﻧﻰ ﺩﺍﯞﺍﻻﯞﺍﺗﯩﺪﯗ. ﺑﯘ ﺋﺎﺳﺎﺳﻠﯩﻘﻰ, ﺩﯨﺌﺎﺑﯧﺖ, ﻳﯘﻗﯩﺮﻯ ﻗﺎﻥ ﺑﯧﺴﯩﻢ, ﺳﯧﻤﯩﺰﻟﯩﻚ ﻗﺎﺗﺎﺭﻟﯩﻖ ﺳﻮﺯﯗﻟﻤﺎ ﺧﺎﺭﺍﻛﺘﯧﺮﻟﯩﻚ ﻛﯧﺴﻪﻟﻠﯩﻜﻠﻪﺭﮔﻪ ﻗﺎﺭﯨﺘﯩﻠﻐﺎﻥ ﺑﻮﻟﯘﭖ, ﺑﯩﻤﺎﺭ ﺩﻭﺭﺍ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﮬﻪﺭﯨﻜﻪﺗﻨﻰ ﻗﻮﺷﯘﭖ ﺩﺍﯞﺍﻻﻧﺴﺎ, ﻛﯧﺴﻪﻟﻠﯩﻚ ﮬﺎﻟﯩﺘﯩﻨﻰ ﺯﻭﺭ ﺩﻩﺭﯨﺠﯩﺪﻩ ﻳﺎﺧﺸﯩﻠﯩﻐﯩﻠﻰ ﺑﻮﻟﯩﺪﯗ.

ﺩﯗﻧﻴﺎ ﺳﻪﮬﯩﻴﻪ ﺗﻪﺷﻜﯩﻼﺗﻰ ﮬﻪﺭﯨﻜﻪﺕ ﻳﯧﺘﻪﺭﻟﯩﻚ ﺑﻮﻟﻤﺎﺳﻠﯩﻘﻨﻰ ﺋﯚﻟﯜﺷﻨﻰ ﻛﻪﻟﺘﯜﺭﯛﭖ ﭼﯩﻘﯩﺮﯨﺪﯨﻐﺎﻥ ﺗﯚﺗﯩﻨﭽﻰ ﭼﻮﯓ ﺋﺎﻣﯩﻞ ﮬﯧﺴﺎﺑﻠﯩﻐﺎﻥ. ﭼﯜﻧﻜﻰ ﮬﻪﺭﯨﻜﻪﺕ ﻗﯩﻠﻤﺎﺳﻠﯩﻘﺘﯩﻦ ﻛﯩﺸﯩﻠﻪﺭﻧﯩﯔ ﺳﻮﺯﯗﻟﻤﺎ ﺧﺎﺭﺍﻛﺘﯧﺮﻟﯩﻚ ﻛﯧﺴﻪﻟﻠﯩﻚ, ﻳﯜﺭﻩﻙ ﻗﺎﻥ ﺗﻮﻣﯘﺭ ﻛﯧﺴﻪﻟﻠﯩﻜﻰ, ﺭﺍﻙ ﻛﯧﺴﯩﻠﻰ, ﻣﻪﻳﯜﺳﻠﯜﻙ ﻛﯧﺴﯩﻠﻰ ﻗﺎﺗﺎﺭﻟﯩﻘﻼﺭﻏﺎ ﮔﯩﺮﯨﭙﺘﺎﺭ ﺑﻮﻟﯘﺵ ﻧﯩﺴﺒﯩﺘﻰ ﻳﯘﻗﯩﺮﯨﻼﭖ ﻛﯧﺘﯩﺪﯨﻜﻪﻥ. ﺋﻪﻧﮕﻠﯩﻴﻪ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺋﺎﻣﯧﺮﯨﻜﺎ ﺑﯩﺮﻟﯩﺸﯩﭗ ﺋﯧﻠﯩﭗ ﺑﺎﺭﻏﺎﻥ ﺗﻪﺗﻘﯩﻘﺎﺗﺘﺎ ﺑﺎﻳﻘﯩﻠﯩﺸﯩﭽﻪ, ﮬﻪﺭﯨﻜﻪﺕ ﻗﯩﻠﯩﺸﻨﯩﯔ ﻳﯘﻗﯩﺮﻯ ﻗﺎﻥ ﺑﯧﺴﯩﻢ ﯞﻩ ﺩﯨﺌﺎﺑﯧﺖ ﻛﯧﺴﯩﻠﯩﻨﻰ ﺩﺍﯞﺍﻻﺷﺘﯩﻜﻰ ﺋﯜﻧﯜﻣﻰ ﺩﻭﺭﺍ ﺋﺎﺭﻗﯩﻠﯩﻖ ﺩﺍﯞﺍﻻﺷﺘﯩﻜﻰ ﺋﯜﻧﯜﻣﯩﮕﻪ ﻳﻪﺗﻜﻪﻥ. ﺳﻮﺯﯗﻟﻤﺎ ﺧﺎﺭﺍﻛﺘﯧﺮﻟﯩﻚ ﻛﯧﺴﻪﻝ ﺑﯩﻤﺎﺭﻟﯩﺮﻯ ﺩﻭﺧﺘﯘﺭﻧﯩﯔ ﻛﯚﺭﺳﻪﺗﻤﯩﺴﻰ ﺑﻮﻳﯩﭽﻪ, ﻣﯘﯞﺍﭘﯩﻖ ﺳﯩﺠﯩﻠﻠﯩﻖ ﯞﻩ ﻣﯘﯞﺍﭘﯩﻖ ﯞﺍﻗﯩﺖ ﮬﻪﺭﯨﻜﻪﺕ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺷﻮﻏﯘﻟﻼﻧﺴﺎ ﺑﻮﻟﯩﺪﯨﻜﻪﻥ.

ﺩﯨﺌﺎﺑﯧﺖ, ﻳﯘﻗﯩﺮﻯ ﻗﺎﻥ ﺑﯧﺴﯩﻢ ﺑﯩﻤﺎﺭﻟﯩﺮﯨﻨﯩﯔ ﮬﻪﺭﯨﻜﻪﺕ ﺭﯦﺘﺴﯩﭙﻰ

1. ﺩﯨﺌﺎﺑﯧﺖ ﻛﯧﺴﯩﻠﻰ ﺑﯩﻤﺎﺭﻟﯩﺮﻯ. ﺋﯩﻨﺴﯘﻟﯩﻦ ﻳﺎﻛﻰ ﻗﺎﻧﺪﯨﻜﻰ ﺷﯧﻜﻪﺭﻧﻰ ﺗﯚﯞﻩﻧﻠﯩﺘﯩﺪﯨﻐﺎﻥ ﺩﻭﺭﺍ ﻳﻪﯞﺍﺗﻘﺎﻥ ﺑﯩﻤﺎﺭﻻﺭ  ﮬﻪﺭﯨﻜﻪﺕ ﺟﻪﺭﻳﺎﻧﯩﺪﯨﻜﻰ ﺗﯚﯞﻩﻥ ﻗﺎﻥ ﻗﻪﻧﺘﻰ ﻛﯧﺴﯩﻠﯩﻨﯩﯔ ﺋﺎﻟﺪﯨﻨﻰ ﺋﯧﻠﯩﺶ ﺋﯜﭼﯜﻥ, ﻧﺎﺷﺘﯩﻠﯩﻘﺘﯩﻦ ﺑﯩﺮ ﺳﺎﺋﻪﺕ ﻛﯧﻴﯩﻦ ﮬﻪﺭﯨﻜﻪﺕ ﻗﯩﻠﯩﺸﻰ, ﮬﻪﺭﯨﻜﻪﺕ ﯞﺍﻗﺘﻰ ﺷﯘﻧﺪﺍﻗﻼ ﮬﻪﺭﯨﻜﻪﺕ ﻗﯩﻠﯩﺶ ﺗﯜﺭﯨﻨﻰ ﺗﯘﺭﺍﻗﻼﺷﺘﯘﺭﯗﺷﻰ ﻛﯧﺮﻩﻙ.

2. ﺳﯧﻤﯩﺰﻟﯩﻚ. ﺋﻮﻛﺴﯩﮕﯧﻨﻠﯩﻖ ﮬﻪﺭﯨﻜﻪﺕ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺷﻮﻏﯘﻟﻠﯩﻨﯩﺶ. ﮬﻪﺭ ﻛﯜﻧﻰ ﮬﻪﺭﯨﻜﻪﺕ ﯞﺍﻗﺘﻰ 45 ﻣﯩﻨﯘﺗﻘﺎ  ﻳﯧﺘﯩﺶ ﻛﯧﺮﻩﻙ. ﺗﯧﺰ ﻣﯧﯖﯩﺶ, ﺋﺎﺳﺘﺎ ﻳﯜﮔﯜﺭﯛﺵ, ﯞﯦﻠﯩﺴﭙﯩﺖ ﻣﯧﻨﯩﺶ ﻗﺎﺗﺎﺭﻟﯩﻖ ﮬﻪﺭﯨﻜﻪﺗﻠﻪﺭ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺷﻮﻏﯘﻟﻼﻧﺴﺎ ﺋﯜﻧﯜﻣﻰ ﺗﯧﺨﯩﻤﯘ ﻳﺎﺧﺸﻰ ﺑﻮﻟﯩﺪﯗ.

3. ﻳﯘﻗﯩﺮﻯ ﻗﺎﻥ ﺑﯧﺴﯩﻢ ﺑﯩﻤﺎﺭﻟﯩﺮﻯ. ﺋﯧﻐﯩﺮﻟﯩﻖ ﻛﯚﺗﯜﺭﯛﺷﺘﯩﻦ ﺳﺎﻗﻠﯩﻨﯩﺶ. ﻧﺎﯞﺍﺩﺍ, ﻣﯘﻧﺎﺳﯩﯟﻩﺗﻠﯩﻚ ﻳﯜﺭﻩﻙ ﻗﺎﻥ  ﺗﻮﻣﯘﺭ ﻛﯧﺴﻪﻟﻠﯩﻜﻠﯩﺮﻯ ﺑﻮﻟﺴﺎ, ﮬﻪﺭﯨﻜﻪﺕ ﺟﻪﺭﻳﺎﻧﯩﺪﺍ ﺋﺎﺭﺍﻡ ﺋﯧﻠﯩﺶ ﻛﯧﺮﻩﻙ. ﺋﻪﯓ ﻳﺎﺧﺸﯩﺴﻰ ﺗﯧﺰ ﻣﯧﯖﯩﺶ ﻛﯧﺮﻩﻙ.

ﺳﻮﺯﯗﻟﻤﺎ ﺧﺎﺭﺍﻛﺘﯧﺮﻟﯩﻚ ﻛﯧﺴﻪﻟﻠﯩﻚ ﻳﯜﺯ ﺑﻪﺭﮔﻪﻧﺪﻩ, ﮬﻪﺭﯨﻜﻪﺗﻜﯩﻼ ﺗﺎﻳﻨﯩﭗ ﻛﯧﺴﻪﻟﻠﯩﻚ ﺋﻪﮬﯟﺍﻟﯩﻨﻰ ﻳﺎﺧﺸﯩﻠﯩﻐﯩﻠﻰ ﺑﻮﻟﻤﺎﻳﺪﯗ. ﺋﻪﻣﻤﺎ, ﺋﯘﺯﯗﻥ ﯞﺍﻗﯩﺖ ﺩﺍﯞﺍﻣﻼﺷﺘﯘﺭﻏﺎﻧﺪﺍ ﻗﺎﻥ ﺑﯧﺴﯩﻢ ﯞﻩ ﻗﺎﻥ ﻗﻪﻧﺘﯩﻨﻰ ﺗﯘﺭﺍﻗﻼﺷﺘﯘﺭﻏﯩﻠﻰ, ﺩﻭﺭﯨﻐﺎ ﺑﯧﻘﯩﻨﯩﭗ ﻗﯧﻠﯩﺸﺘﯩﻦ ﺳﺎﻗﻼﻧﻐﯩﻠﻰ ﺑﻮﻟﯩﺪﯗ. ﮬﻪﺭﯨﻜﻪﺕ ﻗﯩﻠﯩﺶ ﺋﺎﺩﯨﺘﯩﻨﻰ ﻳﯧﺘﯩﻠﺪﯛﺭﯨﯟﺍﻟﻐﺎﻧﺪﺍ ﺑﻪﺩﻩﻧﻨﯩﯔ ﻣﯧﺘﺎﺑﻮﻟﯩﺰﻡ ﭘﺎﺋﺎﻟﯩﻴﯩﺘﻰ ﺗﯧﺰﻟﯩﺸﯩﭗ, ﻣﯘﺳﻜﯘﻝ ﻛﯜﭼﯩﻴﯩﺪﯗ ﮬﻪﻣﺪﻩ ﺳﺎﻏﻼﻡ ﮬﺎﻟﻪﺗﻨﻰ ﺳﺎﻗﻼﭖ ﻗﺎﻟﻐﯩﻠﻰ ﺑﻮﻟﯩﺪﯗ. ﻗﻮﺭﺍﻣﯩﻐﺎ ﻳﻪﺗﻜﻪﻧﻠﻪﺭ ﮬﻪﺭ ﻛﯜﻧﻰ ﺋﺎﺯ ﺩﯦﮕﻪﻧﺪﻩ 30 ﻣﯩﻨﯘﺕ ﮬﻪﺭﯨﻜﻪﺕ ﻗﯩﻠﺴﺎ, ﮬﻪﺭ ﺧﯩﻞ ﻛﯧﺴﻪﻟﻠﯩﻜﻠﻪﺭﻧﯩﯔ ﺋﺎﻟﺪﯨﻨﻰ ﺋﺎﻟﻐﯩﻠﻰ ﯞﻩ ﺑﻪﺩﻩﻥ ﺋﯩﻘﺘﯩﺪﺍﺭﯨﻨﻰ ﺋﯩﻠﮕﯩﺮﻯ ﺳﯜﺭﮔﯩﻠﻰ ﺑﻮﻟﯩﺪﯗ. (ﻳﺎﺳﯩﻨﺠﺎﻥ ﺭﻭﺯﻯ ﺗﻪﺭﺟﯩﻤﯩﺴﻰ)


ئالدىنقى ماقالىمىزدا يۈرەك مۈسكۈلى ياللۇغى ۋە زۇكام تېمىسىدا تەپسىلى توختالدۇق .