ﺑﻪﺭﻩﯕﮕﻪ ﻛﯜﻧﺪﯨﻠﯩﻚ ﺗﯘﺭﻣﯘﺷﺘﺎ ﻛﯚﭖ ﺋﯩﺸﻠﯩﺘﯩﻠﯩﺪﯨﻐﺎﻥ ﻛﯚﻛﺘﺎﺗﻼﺭﻧﯩﯔ ﺑﯩﺮﻯ ﺑﻮﻟﯘﭖ, ﻧﯘﺭﻏﯘﻥ ﻛﯩﺸﯩﻠﻪﺭ ﻳﺎﻗﺘﯘﺭﯗﭖ ﻳﻪﻳﺪﯗ. ﺋﯘﻧﯩﯖﺪﺍ ﻛﺮﺍﺧﻤﺎﻟﺪﯨﻦ ﺑﺎﺷﻘﺎ ﻳﻪﻧﻪ ﺋﺎﻗﺴﯩﻞ, ﻣﺎﻱ, ﻳﯩﺮﯨﻚ ﺗﺎﻻ, ﻣﯩﻨﯧﺮﺍﻝ ﻣﺎﺩﺩﯨﻼﺭ ﯞﻩ ﯞﯨﺘﺎﻣﯩﻦ ﻗﺎﺗﺎﺭﻟﯩﻖ ﺋﻮﺯﯗﻗﻠﯘﻕ ﻣﺎﺩﺩﯨﻼﺭ ﺑﺎﺭ ﺑﻮﻟﻐﺎﭼﻘﺎ, «ﻳﻪﺭ ﺋﺎﺳﺘﯩﺪﯨﻜﻰ ﺋﺎﺩﻩﻣﮕﯩﻴﺎﮪ» ﺩﯦﮕﻪﻥ ﻧﺎﻣﻰ ﺑﺎﺭ. ﺋﯘﻧﺪﺍﻗﺘﺎ ﺋﻮﺯﯗﻗﻠﯘﻕ ﻗﯩﻤﻤﯩﺘﻰ ﻳﯘﻗﯩﺮﻯ ﮬﻪﻡ ﻛﺮﺍﺧﻤﺎﻝ ﺗﯜﺭﯨﺪﯨﻜﻰ ﺑﻪﺭﻩﯕﮕﯩﻨﻰ ﺩﯨﺌﺎﺑﯧﺖ ﻛﯧﺴﯩﻠﻰ ﺑﯩﻤﺎﺭﻟﯩﺮﻯ ﻳﯧﺴﻪ ﺑﻮﻻﻣﺪﯗ؟

ﺋﻪﻣﻪﻟﯩﻴﻪﺗﺘﻪ, ﺩﯨﺌﺎﺑﯧﺖ ﻛﯧﺴﯩﻠﻰ ﺑﯩﻤﺎﺭﻟﯩﺮﻯ ﻣﯘﺗﻠﻪﻕ ﻳﯧﺴﻪ ﺑﻮﻟﻤﺎﻳﺪﯨﻐﺎﻥ ﻳﯧﻤﻪﻛﻠﯩﻚ ﻳﻮﻕ. ﻣﯩﻘﺪﺍﺭﯨﻨﻰ ﻛﻮﻧﺘﺮﻭﻝ ﻗﯩﻠﯩﭗ, ﻗﺎﻥ ﻗﻪﻧﺘﯩﻨﻰ ﻳﯘﻗﯩﺮﯨﻠﯩﯟﯦﺘﯩﺪﯨﻐﺎﻥ ﻳﯧﻤﻪﻛﻠﯩﻜﻨﻰ ﺋﺎﺯﺭﺍﻕ ﻳﻪﭖ, ﻗﺎﻥ ﻗﻪﻧﺘﯩﻨﻰ ﻳﯘﻗﯩﺮﯨﻼﺗﻤﺎﻳﺪﯨﻐﺎﻥ ﻳﯧﻤﻪﻛﻠﯩﻜﻨﻰ ﻛﯚﭘﺮﻩﻙ ﻳﯧﺴﯩﻼ ﺑﻮﻟﯩﯟﯦﺮﯨﺪﯗ. ﺷﯘﯕﺎ, ﺩﯨﺌﺎﺑﯧﺖ ﻛﯧﺴﯩﻠﻰ ﺑﯩﻤﺎﺭﻟﯩﺮﻯ ﺑﻪﺭﻩﯕﮕﯩﻨﻰ ﭘﯩﺸﯘﺭﯗﺵ ﺋﯘﺳﯘﻟﻰ ﺗﻮﻏﺮﺍ ﺑﻮﻟﺴﯩﻼ ﻣﯘﯞﺍﭘﯩﻖ ﻣﯩﻘﺪﺍﺭﺩﺍ ﺋﯩﺴﺘﯧﻤﺎﻝ ﻗﯩﻠﺴﺎ ﺑﻮﻟﯩﺪﯗ.

ﺩﯨﺌﺎﺑﯧﺖ ﻛﯧﺴﯩﻠﻰ ﺑﯩﻤﺎﺭﻟﯩﺮﻯ ﺑﻪﺭﻩﯕﮕﻪ ﻳﯧﺴﻪ ﺑﻮﻻﻣﺪﯗ؟

ﺑﻪﺭﻩﯕﮕﯩﺪﻩ ﺯﻭﺭ ﻣﯩﻘﺪﺍﺭﺩﺍ ﻛﺮﺍﺧﻤﺎﻝ ﺑﺎﺭ. ﻛﺮﺍﺧﻤﺎﻝ ﺑﻪﺩﻩﻥ ﺗﻪﺭﯨﭙﯩﺪﯨﻦ ﻗﻮﺑﯘﻝ ﻗﯩﻠﯩﻨﻐﺎﻧﺪﯨﻦ ﻛﯧﻴﯩﻦ ﻗﻪﻧﺘﻜﻪ ﺋﺎﻳﻠﯩﻨﯩﭗ, ﻗﺎﻥ ﻗﻪﻧﺘﯩﻨﻰ ﺗﯧﺰﻻ ﻳﯘﻗﯩﺮﯨﻠﯩﯟﯦﺘﯩﺪﯗ. ﺷﯘﯕﺎ ﺑﻪﺭﻩﯕﮕﻪ ﻗﺎﻥ ﻗﻪﻧﺘﯩﻨﻰ ﻳﯘﻗﯩﺮﯨﻠﯩﯟﯦﺘﯩﺪﯨﻐﺎﻥ ﻳﯧﻤﻪﻛﻠﯩﻚ ﮬﯧﺴﺎﺑﻠﯩﻨﯩﺪﯗ. ﺋﯘﻧﺪﺍﻗﺘﺎ, ﺩﯨﺌﺎﺑﯧﺖ ﻛﯧﺴﯩﻠﻰ ﺑﯩﻤﺎﺭﻟﯩﺮﻯ ﺑﻪﺭﻩﯕﮕﯩﻨﻰ ﻗﺎﻧﭽﯩﻠﯩﻚ ﻳﯧﺴﻪ ﻣﯘﯞﺍﭘﯩﻖ ﺑﻮﻟﯩﺪﯗ ﮬﻪﻡ ﻗﺎﻥ ﻗﻪﻧﺘﻰ ﻳﯘﻗﯩﺮﯨﻼﭖ ﻛﻪﺗﻤﻪﻳﺪﯗ؟

ﺑﯩﺮﯨﻨﭽﻰ, ﺗﻪﯓ ﻣﯩﻘﺪﺍﺭﻟﯩﻖ ﺋﺎﻟﻤﺎﺷﺘﯘﺭﯗﺵ. ﺩﯨﺌﺎﺑﯧﺖ ﻛﯧﺴﯩﻠﻰ ﺑﯩﻤﺎﺭﻟﯩﺮﯨﻨﯩﯔ ﮬﻪﺭ ﻛﯜﻧﻠﯜﻙ ﺗﺎﻣﺎﻕ ﻣﯩﻘﺪﺍﺭﻯ ﯞﻩ  ﻛﺎﺭﺑﻮﻥ ﺳﯘ ﺑﯩﺮﯨﻜﻤﯩﻠﯩﻚ ﻳﯧﻤﻪﻙ-ﺋﯩﭽﻤﻪﻛﻨﯩﯔ ﻣﯩﻘﺪﺍﺭﯨﻤﯘ ﺑﻪﻟﮕﯩﻠﯩﻚ ﺑﻮﻟﯘﺷﻰ ﻛﯧﺮﻩﻙ. ﻧﻮﺭﻣﺎﻝ ﻣﯩﻘﺪﺍﺭﺩﺍ ﺗﺎﻣﺎﻕ ﻳﯧﮕﻪﻧﺪﻩ, ﺑﻪﺭﻩﯕﮕﯩﻨﻰ ﻛﯚﭘﺮﻩﻙ ﻳﯧﺴﻪ ﻗﺎﻥ ﻗﻪﻧﺘﻰ ﻳﯘﻗﯩﺮﯨﻼﭖ ﻛﯧﺘﯩﺸﻰ ﻣﯘﻣﻜﯩﻦ. ﺷﯘﯕﺎ ﺑﻪﺭﻩﯕﮕﻪ ﻳﯧﮕﻪﻧﺪﻩ ﺋﺎﺳﺎﺳﯩﻲ ﺗﺎﻣﺎﻗﻨﯩﯔ ﻣﯩﻘﺪﺍﺭﯨﻨﻰ ﻣﯘﯞﺍﭘﯩﻖ ﻣﯩﻘﺪﺍﺭﺩﺍ ﺋﺎﺯﺍﻳﺘﯩﭗ, ﻛﺎﺭﺑﻮﮔﯩﺪﺭﺍﺗﻨﯩﯔ ﺗﻪﯕﭙﯘﯕﻠﯘﻗﯩﻨﻰ ﺳﺎﻗﻼﺵ ﻛﯧﺮﻩﻙ.

ﺋﯩﻜﻜﯩﻨﭽﻰ, ﭘﯩﺸﯘﺭﯗﺵ ﺋﯘﺳﯘﻟﻰ. ﺩﯨﺌﺎﺑﯧﺖ ﻛﯧﺴﯩﻠﻰ ﺑﯩﻤﺎﺭﻟﯩﺮﻯ ﺑﻪﺭﻩﯕﮕﻪ ﻳﯧﮕﻪﻧﺪﻩ ﺑﻪﺭﻩﯕﮕﯩﻨﻰ ﭘﯩﺸﯘﺭﯗﺵ  ﺋﯘﺳﯘﻟﻰ ﺋﯩﻨﺘﺎﻳﯩﻦ ﻣﯘﮬﯩﻢ. ﭘﯩﺸﯘﺭﯗﺵ ﺋﯘﺳﯘﻟﯩﻤﯘ ﻗﺎﻥ ﻗﻪﻧﺘﯩﻨﯩﯔ ﺋﯧﺸﯩﺸﯩﻐﺎ ﺗﻪﺳﯩﺮ ﻛﯚﺭﺳﯩﺘﯩﺪﯗ. ﺑﻪﺭﻩﯕﮕﯩﻨﻰ ﺳﻮﻏﯘﻕ ﺳﻪﻱ ﻗﯩﻠﯩﭗ, ﻳﺎﭘﺮﺍﻗﭽﻪ ﻳﺎﻛﻰ ﻗﻪﻟﻪﻣﭽﻪ ﻗﯩﻠﯩﭗ ﺋﺎﭼﭽﯩﻘﺴﯘ ﻗﻮﺷﯘﭖ ﺋﯩﺴﺘﯧﻤﺎﻝ ﻗﯩﻠﺴﺎ ﻗﺎﻥ ﻗﻪﻧﺘﯩﮕﻪ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ ﺗﻪﺳﯩﺮﻯ ﺋﺎﻧﭽﻪ ﭼﻮﯓ ﺑﻮﻟﻤﺎﻳﺪﯗ. ﺑﯩﺮﺍﻕ ﺋﺎﺳﺘﺎ ﺋﻮﺗﺘﺎ ﻗﺎﻳﻨﯩﺘﯩﭗ ﭘﯩﺸﯘﺭﯗﻟﺴﺎ ﻛﺎﺭﺑﻮﮔﯩﺪﯨﺮﺍﺗﻨﯩﯔ ﻗﻮﺑﯘﻝ ﻗﯩﻠﯩﻨﯩﺶ ﻣﯩﻘﺪﺍﺭﻯ ﻳﯘﻗﯩﺮﯨﻼﭖ, ﻗﺎﻥ ﻗﻪﻧﺘﯩﻤﯘ ﺗﯧﺰﻻ ﻳﯘﻗﯩﺮﯨﻼﭖ ﻛﯧﺘﯩﺪﯗ.

ﺋﯜﭼﯩﻨﭽﻰ, ﻛﯚﻛﺘﺎﺗﻼﺭﻧﻰ ﺋﺎﺭﯨﻼﺷﺘﯘﺭﯗﭖ ﺋﯩﺴﺘﯧﻤﺎﻝ ﻗﯩﻠﯩﺶ. ﺑﻪﺭﻩﯕﮕﯩﻨﻰ ﺗﺎﻻ ﻣﺎﺩﺩﯨﺴﻰ ﻳﯘﻗﯩﺮﻯ ﺑﺎﺷﻘﺎ ﻛﯚﻛﺘﺎﺗﻼﺭ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﻗﻮﺭﯗﭖ ﺋﯩﺴﺘﯧﻤﺎﻝ ﻗﯩﻠﺴﺎ, ﺋﻮﺯﯗﻗﻠﯘﻗﻠﯩﺮﻯ ﺳﻪﺭﺧﯩﻠﻠﯩﺸﯩﭗ ﺑﻪﺭﻩﯕﮕﯩﻨﯩﯔ ﻗﺎﻥ ﻗﻪﻧﺘﯩﻨﻰ ﻳﯘﻗﯩﺮﯨﻠﯩﯟﯦﺘﯩﺶ ﻛﯚﺭﺳﻪﺗﻜﯜﭺ ﺳﺎﻧﻰ ﺗﯚﯞﻩﻧﺮﻩﻙ ﺑﻮﻟﯩﺪﯗ.

ﺗﯚﺗﯩﻨﭽﻰ, ﺳﻮﯞﯗﺗﯘﭖ ﻳﯧﻴﯩﺶ. ﻧﻮﺭﻏﯘﻥ ﻛﯩﺸﯩﻠﻪﺭ ﻗﻮﺭﯗﻣﯩﻼﺭﻧﻰ ﻗﯩﺰﯨﻖ ﻳﯧﻴﯩﺸﻜﻪ ﺋﺎﻣﺮﺍﻕ. ﺩﯨﺌﺎﺑﯧﺖ ﻛﯧﺴﯩﻠﻰ  ﺑﯩﻤﺎﺭﻟﯩﺮﻯ ﻗﯩﺰﯨﻖ ﺑﻪﺭﻩﯕﮕﯩﻨﻰ ﻳﯧﺴﻪ ﻗﺎﻥ ﻗﻪﻧﺘﻰ ﻳﯘﻗﯩﺮﯨﻼﭖ ﻛﯧﺘﯩﺪﯗ. ﺋﻪﮔﻪﺭ ﺑﯩﺮﺩﻩﻡ ﻗﻮﻳﯘﭖ ﻗﻮﻳﯘﭖ ﻳﺎﻛﻰ ﺗﻮﯕﻼﺗﻘﯘﻏﺎ ﺳﯧﻠﯩﭗ ﻗﻮﻳﯘﭖ ﺋﯩﻜﻜﯩﻨﭽﻰ ﻛﯜﻧﻰ ﻳﯧﺴﻪ ﺑﻪﺭﻩﯕﮕﯩﻨﯩﯔ ﻗﺎﻥ ﻗﻪﻧﺘﯩﻨﻰ ﻳﯘﻗﯩﺮﯨﻠﯩﯟﯦﺘﯩﺶ ﻛﯚﺭﺳﻪﺗﻜﯜﭺ ﺳﺎﻧﻰ ﺗﯚﯞﻩﻧﻠﻪﻳﺪﯗ. (ﺋﺎﻧﯩﻘﯩﺰ ﺭﻭﺯﻯ ﺗﻪﺭﺟﯩﻤﯩﺴﻰ)


ئالدىنقى ماقالىمىزدا ﺑﺎﻟﯩﻼﺭﺩﯨﻜﻰ ﺩﯨﺌﺎﺑﯧﺖ ﻛﯧﺴﯩﻠﯩﻨﯩﯔ ﺋﺎﻟﺪﯨﻨﻰ ﺋﯧﻠﯩﺶ ﺋﯘﺳﯘﻟﻠﯩﺮﻯ تېمىسىدا تەپسىلى توختالدۇق .