كىچىك بالىلاردىمۇ دىئابېت كېسىلى بولىدۇ ، كىچىك بالىلاردا قانداق قىلغاندا دىئابېت كېسىلنىڭ ئالدىنى ئالغىلى بولىدۇ؟

ﺑﺎﻟﯩﻼﺭﺩﯨﻜﻰ ﺩﯨﺌﺎﺑﯧﺖ ﻛﯧﺴﯩﻠﯩﻨﯩﯔ ﺋﺎﻟﺪﯨﻨﻰ ﺋﯧﻠﯩﺶ ﺋﯘﺳﯘﻟﻠﯩﺮﻯ


1.ﺗﺎﺗﻠﯩﻖ ﻳﯧﻤﻪﻛﻠﯩﻜﻨﻰ ﺋﺎﺯ ﻳﯧﻴﯩﺶ. ﺑﺎﻟﯩﻼﺭﻧﯩﯔ ﺗﺎﺗﻠﯩﻖ ﻳﯧﻤﻪﻛﻠﯩﻜﻨﻰ ﻳﯧﻴﯩﺸﻜﻪ ﺋﺎﻣﺮﺍﻕ ﺑﻮﻟﯘﺷﻰ ﮔﻪﺭﭼﻪ ﺗﻪﺑﯩﺌﯩﻲ ﺋﻪﮬﯟﺍﻝ ﺑﻮﻟﺴﯩﻤﯘ, ﺋﻪﻣﻤﺎ ﺋﺎﺗﺎ-ﺋﺎﻧﯩﻼﺭ ﺑﯘﻧﯩﯖﻐﺎ ﻳﻮﻝ ﻗﻮﻳﻤﺎﺳﻠﯩﻘﻰ ﻛﯧﺮﻩﻙ. ﺗﺎﺗﻠﯩﻖ ﻳﯧﻤﻪﻛﻠﯩﻜﻨﻰ ﻛﯚﭖ ﻳﯧﮕﻪﻧﺪﻩ, ﭼﯩﺸﻨﻰ ﺋﺎﺳﺎﻧﻼ ﻗﯘﺭﺕ ﻳﻪﻳﺪﯗ, ﺑﯘﻧﯩﯖﺪﯨﻦ ﺳﯩﺮﺕ ﻳﻪﻧﻪ, ﺋﺎﺳﺎﻧﻼ ﺩﯨﻴﺎﺑﯧﺖ ﻛﯧﺴﯩﻠﯩﻨﻰ ﭘﻪﻳﺪﺍ ﻗﯩﻠﯩﺪﯗ. ﺋﻪﻟﯟﻩﺗﺘﻪ, ﺑﯘ ﮬﻪﺭﮔﯩﺰ ﺋﺎﺗﺎ-ﺋﺎﻧﯩﻼﺭﻧﻰ ﺑﺎﻟﯩﻼﺭﻧﯩﯔ ﺗﺎﺗﻠﯩﻖ ﻳﯧﻤﻪﻛﻠﯩﻜﻨﻰ ﻳﯧﻴﯩﺸﯩﮕﻪ ﻳﻮﻝ ﻗﻮﻳﻤﺎﺳﻠﯩﻘﻘﺎ ﺩﻩﯞﻩﺕ ﻗﯩﻠﻐﺎﻧﻠﯩﻖ ﺋﻪﻣﻪﺱ. ﭼﯜﻧﻜﻰ ﺗﺎﺗﻠﯩﻖ ﻳﯧﻤﻪﻛﻠﯩﻜﻨﻰ ﻣﯘﯞﺍﭘﯩﻖ ﻣﯩﻘﺪﺍﺭﺩﺍ ﻳﻪﭖ ﺑﻪﺭﺳﻪ, ﺑﻪﺩﻩﻧﻨﻰ ﺋﯧﻨﯧﺮﮔﯩﻴﻪ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺗﻪﻣﯩﻨﻠﻪﻳﺪﯗ.

2.ﺋﻮﺯﯗﻗﻠﯘﻗﻨﻰ ﺗﻪﯕﭙﯘﯕﻼﺷﺘﯘﺭﯗﺵ. ﺗﺎﻣﺎﻗﻨﻰ ﻛﯚﭖ ﻳﯧﻴﯩﺶ ﮬﻪﺭﮔﯩﺰ ﺋﻮﺯﯗﻗﻠﯘﻗﻨﻰ ﻳﯧﺘﻪﺭﻟﯩﻚ ﺗﻮﻟﯘﻗﻼﺵ  ﮬﯧﺴﺎﺑﻼﻧﻤﺎﻳﺪﯗ. ﺑﻪﺯﻯ ﺑﺎﻟﯩﻼﺭ ﺋﻮﺯﯗﻗﻠﯘﻕ ﻗﯩﻤﻤﯩﺘﻰ ﻳﻮﻕ, ﻳﯘﻗﯩﺮﻯ ﺋﯩﺴﺴﯩﻘﻠﯩﻖ ﻳﯧﻤﻪﻛﻠﯩﻜﻠﻪﺭﻧﻰ ﻳﯧﻴﯩﺸﻨﻰ ﻳﺎﺧﺸﻰ ﻛﯚﺭﯨﺪﯗ. ﺑﯘﻧﺪﺍﻕ ﻗﯩﻠﻐﺎﻧﺪﺍ ﺑﺎﻟﯩﻼﺭ ﺋﺎﺳﺎﻧﻼ ﺳﻪﻣﺮﯨﭗ ﻛﯧﺘﯩﺪﯗ ﻳﻪﻧﻪ ﻛﯧﻠﯩﭗ ﺑﻪﺩﻩﻧﮕﻪ ﺳﯜﻣﯜﺭﯛﻟﯩﺪﯨﻐﺎﻥ ﺋﻮﺯﯗﻗﻠﯘﻕ ﻣﺎﺩﺩﯨﻼﺭ ﺗﻪﯕﭙﯘﯓ ﺑﻮﻟﻤﺎﻱ, ﺋﻮﺯﯗﻗﻠﯘﻕ ﺯﯨﻴﺎﺩﻩ ﺋﯧﺸﯩﭗ ﻛﯧﺘﯩﺪﯗ ﻳﺎﻛﻰ ﻳﯧﺘﯩﺸﻤﻪﻳﺪﯗ, ﺑﯘ ﺳﺎﻻﻣﻪﺗﻠﯩﻜﻜﻪ ﺋﯩﻨﺘﺎﻳﯩﻦ ﺯﯨﻴﺎﻧﻠﯩﻖ. ﺑﺎﻟﯩﻼﺭﺩﺍ ﺗﺎﻣﺎﻕ ﺗﺎﻟﻼﻳﺪﯨﻐﺎﻥ ﻳﺎﻣﺎﻥ ﺋﺎﺩﻩﺗﻨﯩﯔ ﻳﯧﺘﯩﻠﯩﺸﯩﮕﻪ ﻳﻮﻝ ﻗﻮﻳﻤﺎﺳﻠﯩﻖ ﻛﯧﺮﻩﻙ, ﺋﻪﮔﻪﺭ ﺷﯘﻧﺪﺍﻕ ﺋﻪﮬﯟﺍﻟﻼﺭ ﻛﯚﺭﯛﻟﺴﻪ ﯞﺍﻗﺘﯩﺪﺍ ﺗﯜﺯﯨﺘﯩﺶ ﻛﯧﺮﻩﻙ.

3.ﻛﯚﭖ ﮬﻪﺭﯨﻜﻪﺕ ﻗﯩﻠﯩﺶ. ﺑﺎﻟﯩﻼﺭﻧﯩﯔ ﺳﻪﻣﺮﯨﭗ ﻛﯧﺘﯩﺸﻰ ﺗﺎﻣﺎﻗﻨﻰ ﻛﯚﭖ ﻳﯧﮕﻪﻧﻠﯩﻜﻰ, ﺋﻮﺯﯗﻗﻠﯘﻗﻨﯩﯔ ﺯﯨﻴﺎﺩﻩ  ﺋﯧﺸﯩﭗ ﻛﻪﺗﻜﻪﻧﻠﯩﻜﻰ ﻳﺎﻛﻰ ﻳﯧﺘﻪﺭﻟﯩﻚ ﺑﻮﻟﻤﺎﺳﻠﯩﻘﯩﺪﯨﻦ ﺑﺎﺷﻘﺎ ﻳﻪﻧﻪ ﮬﻪﺭﯨﻜﻪﺕ ﺋﺎﺯ ﺑﻮﻟﯘﺵ ﺑﯩﻠﻪﻧﻤﯘ ﻣﯘﻧﺎﺳﯩﯟﻩﺗﻠﯩﻚ. ﺑﺎﻟﯩﻼﺭ ﺋﺎﺩﻩﺗﺘﻪ ﻛﯜﻧﺪﯛﺯﻯ ﺩﻩﺭﺳﺨﺎﻧﯩﺪﺍ ﻣﯩﺪﯨﺮﻟﯩﻤﺎﻱ ﺩﻩﺭﺱ ﺋﺎﯕﻼﭖ ﻛﻪﭼﺘﻪ ﺋﯚﻳﮕﻪ ﻗﺎﻳﺘﻘﺎﻧﺪﯨﻦ ﻛﯧﻴﯩﻦ ﺗﯧﻠﯧﯟﯨﺰﻭﺭ ﻛﯚﺭﯨﺪﯗ ﻳﺎﻛﻰ ﺗﺎﭘﺸﯘﺭﯗﻕ ﺋﯩﺸﻠﻪﻳﺪﯗ, ﺋﺎﺳﺎﺳﻪﻥ ﻛﯚﭖ ﮬﻪﺭﯨﻜﻪﺕ ﻗﯩﻠﻤﺎﻳﺪﯗ. ﺑﺎﻟﯩﻼﺭ ﻛﯩﭽﯩﻚ ﯞﺍﻗﺘﯩﺪﺍ ﮬﻪﺭﯨﻜﻪﺕ ﻗﯩﻠﯩﺸﻨﻰ ﺧﺎﻟﯩﻤﯩﺴﺎ ﻳﺎﻛﻰ ﮬﻪﺭﯨﻜﻪﺕ ﻗﯩﻠﻤﯩﺴﺎ, ﭼﻮﯓ ﺑﻮﻟﻐﺎﻧﺪﯨﻦ ﻛﯧﻴﯩﻦ ﭼﻮﻗﯘﻡ ﻧﯘﺭﻏﯘﻥ ﻛﯧﺴﻪﻟﻠﯩﻜﻠﻪﺭﻧﯩﯔ ﺋﺎﺯﺍﺑﯩﻨﻰ ﺗﺎﺭﺗﯩﺪﯗ. ﻳﻪﻧﻪ ﻛﯧﻠﯩﭗ ﺳﯧﻤﯩﺰﻟﯩﻚ ﺩﯨﻴﺎﺑﯧﺖ ﻛﯧﺴﯩﻠﻰ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺯﯨﭻ ﻣﯘﻧﺎﺳﯩﯟﻩﺗﻠﯩﻚ ﺑﻮﻟﻐﺎﭼﻘﺎ, ﺋﺎﺗﺎ-ﺋﺎﻧﯩﻼﺭ ﺑﺎﻟﯩﻼﺭﻧﻰ ﻛﯩﭽﯩﻚ ﯞﺍﻗﺘﯩﺪﯨﻦ ﺗﺎﺭﺗﯩﭙﻼ ﮬﻪﺭﯨﻜﻪﺕ ﻗﯩﻠﯩﺸﻘﺎ ﺩﻩﯞﻩﺕ ﻗﯩﻠﯩﺸﻰ ﻛﯧﺮﻩﻙ. (ﺋﺎﻳﺰﯙﮬﺮﻩ ﺋﻪﻧﯟﻩﺭ ﺗﻪﺭﺟﯩﻤﯩﺴﻰ)


ئالدىنقى ماقالىمىزدا دىئابېت كېسىلىدىن ساقلانغىلى بولامدۇ؟ تېمىسىدا تەپسىلى توختالدۇق .