كۆزگە دورا تېمىتقاندا گاھىدا بۇرۇن بوشلۇقىدىن ئېغىزغا ئېقىپ كىرىپ ئادەمنى بىئارام قىلىدۇ مۇتەخەسسىسلەر كۆزگە تېمىتىش دورىسىنى توغرا ئىشلىتىش ئۇسۇلىنى كۆرسىتىپ بەردى

دورا تېمىتىشتىن بۇرۇن قولنى پاكىز يۇيۇپ، دېزىنفېكسىيەلەنگەن يەلكۈچ بىلەن كۆز ئەتراپىنى پاكىز تازىلاش، ئاندىن تۈپتۈز يېتىپ يۇقىرىغا قاراپ، كۆزنىڭ ئاستىنقى قاپىقىنى تۆۋەنگە قايرىپ دورىنى تېمىتىپ بولغاندىن كېيىن قويۇۋېتىپ، كۆزنى مۇۋاپىق مىدىرلىتىش كېرەك. بۇنداق قىلغاندا دورىنىڭ قۇيۇقلىقى ۋە ئۈنۈمىگە كاپالەتلىك قىلغىلى ھەمدە دورىنىڭ ئېغىزغا كىرىپ كىتىشىنىڭ ئالدىنى ئالغىلى بولىدۇ. ناۋادا كۆزگە تېمىتىش دورىسى ئېغىزغا كىرىپ كەتسىمۇ ھېچقىسى يوق، ئېغىزنى چايقىۋەتسىلا بولىدۇ.

بەزىلەر كۆز دورىسىنى كۆپرەك تېمىتىۋىتىدۇ، ئەمەلىيەتتە ھەر قېتىمدا بىر، ئىككى تېمىملا كۇپايە قىلىدۇ. كۆزگە تېمىتىش دورىسى قاچىلانغان قۇتىنىڭ ئاغزىنى كۆز ۋە كىرپىككە تەگكۈزمەسلىك كېرەك، بولمىسا دورا بۇلغىنىپ قالىدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن تېمىتىش دورىسىنى ئىشلىتىپ بولۇپلا ئاغزىنى ئېتىۋېتىش كېرەك.

ناۋادا ئىككى، ئۈچ خىل تېمىتىش دورىسى ئىشلىتىش توغرا كەلسە، تېمىتىش ۋاقتىنى مۇۋاپىق تەڭشىشى كېرەك. ئەگەر تېمىتىش دورىسى بىلەن مەلھەملىك دورىنى تەڭ ئىشلىتىش توغرا كەلسە، ئاۋۋال تېمىتىش دورىسىنى ئىشلىتىپ، بەش مىنۇتتىن كېيىن مەلھەملىك دورىنى ئىشلىتىش كېرەك.

ئالدىنقى ماقالىمىزدا كۆكتات كۆزگە ئاق چۈشۈشنى تېزگىنلەيدۇ تېمىسىدا تەپسىلى توختالدۇق .