ياغلىق جىگەر كېسىلى بىمارلىرى تاماق يەپ ئىككى سائەتتىن كېيىن، سۇس دەملەنگەن چاي ئىچسە، سالامەتلىكنىڭ ئەسلىگە كېلىشىگە پايدىلىق

ئادەتتە، دائىم ئىچىلىدىغان چايلاردىن پەمىل چاي، كۆك چاي، قارا چاي، ۋۇلۇڭ چېيى قاتارلىقلار بولۇپ، ھەممىسىنىڭ ياغنى تۆۋەنلىتىش رولى بار. بۇلارنىڭ ئىچىدە كۆك چاينىڭ ياغنى تۆۋەنلىتىش ئۈنۈمى ئەڭ ياخشى. چاي تەركىبىدىكى يېمەكلىك تالاسى، ۋىتامىن B1 ئورگانىزمنىڭ ماددا ئالماشتۇرۇشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ياغنىڭ جىگەردە توپلىنىشىنى تىزگىنلەيدۇ. ۋىتامىن B1 ياغنى ئېرىتىپ، ئورگانىزمغا ئېھتىياجلىق ئېنېرگىيەگە ئايلاندۇرىدۇ ھەم جىگەر توقۇلمىلىرىدىكى جىگەر يېغى فېرمېنتىنى جانلاندۇرۇپ، ياغ پىروكسىد مىقدارىنى تۆۋەنلىتىپ، قان يېغىنى تەڭشەيدۇ.

    تاماق يەپ بولۇپلا چاي ئىچمەسلىك، بولۇپمۇ گۆشلۈك يېمەكلىكلەرنى ئىستېمال قىلغاندىن كېيىن دەرھال چاي ئىچمەسلىك كېرەك. چۈنكى، چاي تەركىبىدىكى تاننىك كىسلاتاسى ئاقسىل بىلەن بىرىكىپ، ھەزىم قىلىشقا پايدىسىز ماددا ھاسىل قىلىپ، ئۈچەينىڭ لۆمۈلدىشىنى ئاستىلىتىۋېتىدۇ . بۇنىڭ بىلەن قەۋزىيەت پەيدا بولۇپ، زەھەرلىك ماددىلارنىڭ ئۈچەيدە تۇرۇش ۋاقتى ئۇزىراپ، ياغلىق جىگەرنى ئېغىرلاشتۇرىۋېتىدۇ. شۇڭا، ياغلىق جىگەر كېسىلى بىمارلىرى تاماق يەپ ئىككى سائەتتىن كېيىن ئاندىن سۇس دەملەنگەن چاي ئىچىشى كېرەك .


ئالدىنقى ماقالىمىزدا قاندىكى شېكەر ماددىسى يۇقىرى بولسا ئاسانلا جىگەر كېسىلى بولۇپ قالىدۇ تېمىسىدا تەپسىلى توختالدۇق . ياكى زەنجىۋىل ئىستېمال قىلىپ بېرىلسە،ئۆتتە تاش تۇرۇپ قېلىش كېسەللىكىنىڭ ئالدىنى ئالغىلى بولىدۇ توغرىسىدىكى ماقالىنى ئوقۇپ بېقىشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمىز .