ﺳﺘﺎﺗﯩﺴﺘﯩﻜﯩﺪﺍ ﻛﯚﺭﺳﯩﺘﯩﻠﯩﺸﯩﭽﻪ, ﺟﯩﮕﻪﺭ ﺭﺍﻛﻰ 55-45 ﻳﺎﺷﺘﯩﻜﻰ ﻛﯩﺸﯩﻠﻪﺭﺩﻩ ﺋﻪﯓ ﻛﯚﭖ ﻛﯚﺭﯛﻟﯩﺪﯨﻜﻪﻥ. ﺟﯩﮕﻪﺭ ﻳﺎﻟﻠﯘﻏﻰ ﯞﯨﺮﯗﺳﯩﻨﯩﯔ ﺗﺎﺭﻗﯩﻠﯩﭗ ﺟﯩﮕﻪﺭ ﺭﺍﻛﯩﻐﺎ ﺋﯚﺯﮔﯩﺮﯨﺸﯩﮕﻪ 30-10 ﻳﯩﻞ ﯞﺍﻗﯩﺖ ﻛﯧﺘﯩﺪﯨﻜﻪﻥ. ﺑﯘﻧﯩﯔ ﺋﯩﭽﯩﺪﯨﻜﻰ ﻛﯚﭖ ﻗﯩﺴﻤﻰ ﺟﯩﮕﻪﺭ ﻗﯧﺘﯩﺸﯩﺶ ﺑﺎﺳﻘﯘﭼﯩﺪﯨﻦ ﺋﯚﺗﯩﺪﯗ, ﻗﯩﺴﻤﻪﻥ ﺳﻮﺯﯗﻟﻤﺎ ﺧﺎﺭﺍﻛﺘﯧﺮﻟﯩﻚ B ﺗﯩﭙﻠﯩﻖ ﺟﯩﮕﻪﺭ ﻳﺎﻟﻠﯘﻏﻰ ﺟﯩﮕﻪﺭ ﻗﯧﺘﯩﺸﯩﺸﺘﯩﻦ ﺋﯚﺗﻤﻪﻳﻼ ﺑﯩﯟﺍﺳﯩﺘﻪ ﺟﯩﮕﻪﺭ ﺭﺍﻛﯩﻐﺎ ﺋﯚﺯﮔﯩﺮﯨﭙﻤﯘ ﻛﯧﺘﯩﺪﯗ. ﻧﯘﺭﻏﯘﻥ ﺟﯩﮕﻪﺭ ﺭﺍﻛﻰ ﺑﯩﻤﺎﺭﻟﯩﺮﯨﻨﯩﯔ ﺋﯧﻴﺘﯩﺸﯩﭽﻪ, ﺟﯩﮕﻪﺭ ﺭﺍﻛﻰ ﺩﻩﭖ ﺩﯨﺌﺎﮔﻨﻮﺯ ﻗﻮﻳﯘﻟﯘﺷﺘﯩﻦ ﺋﯩﻠﮕﯩﺮﻯ ﺋﯘﻻﺭﺩﺍ ﮬﯧﭽﻘﺎﻧﺪﺍﻕ ﺑﯩﺌﺎﺭﺍﻣﻠﯩﻖ ﺗﯘﻳﻐﯘﺳﻰ ﺑﻮﻟﯘﭖ ﺑﺎﻗﻤﯩﻐﺎﻥ.

ﻗﺎﻧﺪﺍﻕ ﺋﻪﺭﻟﻪﺭ ﺟﯩﮕﻪﺭ ﻛﯧﺴﯩﻠﯩﮕﻪ ﺋﺎﺳﺎﻥ ﮔﯩﺮﯨﭙﺘﺎﺭ ﺑﻮﻟﯩﺪﯗ؟

ﻣﯘﺗﻪﺧﻪﺳﺴﯩﺴﻠﻪﺭﻧﯩﯔ ﺋﯧﻴﺘﯩﺸﯩﭽﻪ, ﻛﻠﯩﻨﯩﻜﯩﻠﯩﻖ ﻛﯚﺯﯨﺘﯩﺸﻜﻪ ﺋﺎﺳﺎﺳﻼﻧﻐﺎﻧﺪﺍ, B ﺗﯩﭙﻠﯩﻖ ﺟﯩﮕﻪﺭ ﻳﺎﻟﻠﯘﻏﯩﻐﺎ ﮔﯩﺮﯨﭙﺘﺎﺭ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ ﺑﯩﻤﺎﺭﻻﺭﻧﯩﯔ ﻛﯧﺴﯩﻠﻰ ﺟﯩﮕﻪﺭ ﻗﯧﺘﯩﺸﯩﺶ ﯞﻩ ﺟﯩﮕﻪﺭ ﺭﺍﻛﯩﻐﺎ ﺋﯚﺯﮔﯩﺮﯨﺶ ﺟﻪﺭﻳﺎﻧﯩﺪﺍ ﺭﻭﺷﻪﻥ ﻛﯧﺴﻪﻟﻠﯩﻚ ﺋﺎﻻﻣﻪﺗﻠﯩﺮﻯ ﻛﯚﺭﯛﻟﻤﻪﻳﺪﯨﻜﻪﻥ. ﺷﯘﯕﺎ ﺑﻪﺩﻩﻧﺪﯨﻜﻰ ﺋﯚﺯﮔﯩﺮﯨﺶ ﯞﻩ ﻛﯧﺴﻪﻟﻠﯩﻚ ﺋﺎﻻﻣﻪﺗﻠﯩﺮﻯ ﺟﯩﮕﻪﺭ ﻳﺎﻟﻠﯘﻏﻰ ﻳﺎﻛﻰ ﺟﯩﮕﻪﺭ ﺭﺍﻛﻰ ﺩﯨﺌﺎﮔﻨﻮﺯ ﻛﯚﺭﺳﻪﺗﻜﯜﭼﯩﮕﻪ ﺋﻮﺧﺸﺎﺵ ﺋﯩﭙﺎﺩﯨﻠﻪﻧﻤﻪﻳﺪﯨﻜﻪﻥ ﯞﻩ ﻣﻪﺧﺴﯘﺱ ﺟﯩﮕﻪﺭ ﺗﻪﻛﺸﯜﺭﯛﺷﻰ ﻗﯩﻠﯩﻨﻤﯩﺴﺎ ﺑﺎﻳﻘﯩﻐﯩﻠﻰ ﺑﻮﻟﻤﺎﻳﺪﯨﻜﻪﻥ.

ﺋﻪﮔﻪﺭ ﺟﯩﮕﻪﺭ ﺋﺎﻏﺮﯨﻐﺎﻧﺪﯨﻦ ﻛﯧﻴﯩﻦ ﺟﯩﮕﻪﺭ ﺭﺍﻛﻰ ﺋﯩﻜﻪﻧﻠﯩﻜﻰ ﺑﺎﻳﻘﺎﻟﺴﺎ ﺑﯘ ﯞﺍﻗﯩﺘﺘﺎ ﻛﯧﺴﻪﻟﻠﯩﻚ ﺋﺎﻟﻠﯩﺒﯘﺭﯗﻥ ﺋﺎﺧﯩﺮﻗﻰ ﺑﺎﺳﻘﯘﭼﻘﺎ ﺑﯧﺮﯨﭗ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ ﺑﻮﻟﯩﺪﯨﻜﻪﻥ ﮬﻪﻣﺪﻩ ﺋﯘﺯﯗﻥ ﻳﺎﺷﯩﻴﺎﻟﯩﺸﯩﻨﯩﯔ ﺋﯧﮭﺘﯩﻤﺎﻟﻠﯩﻘﯩﻤﯘ ﻧﺎﮬﺎﻳﯩﺘﻰ ﺗﯚﯞﻩﻥ ﺑﻮﻟﯩﺪﯨﻜﻪﻥ. ﺋﻪﺭﻟﻪﺭﻧﯩﯔ ﺗﯘﺭﻣﯘﺵ ﺋﺎﺩﯨﺘﯩﻨﯩﯔ ﺗﻮﻏﺮﺍ ﺑﻮﻟﻤﺎﺳﻠﯩﻘﯩﺪﯨﻦ ﺋﺎﺳﺎﻧﻼ ﺟﯩﮕﻪﺭ ﯞﻩ ﺑﯚﺭﻩﻛﺘﯩﻦ ﻣﻪﺳﯩﻠﻪ ﻛﯚﺭﯛﻟﯩﺪﯨﻐﺎﻥ ﺑﻮﻟﻐﺎﭼﻘﺎ, ﭼﻮﻗﯘﻡ ﺟﯩﮕﻪﺭ ﯞﻩ ﺑﯚﺭﻩﻛﻨﻰ ﺋﺎﺳﺮﯨﺸﻰ ﻛﯧﺮﻩﻙ. 

ﺋﯘﻧﺪﺍﻗﺘﺎ ﺋﻪﺭﻟﻪﺭﻧﯩﯔ ﺟﯩﮕﻪﺭ ﯞﻩ ﺑﯚﺭﯨﻜﯩﺪﻩ ﺋﺎﺳﺎﻥ ﻣﻪﺳﯩﻠﻪ ﻛﯚﺭﯛﻟﯩﺸﯩﻨﯩﯔ ﺳﻪﯞﻩﺑﻰ ﻧﯧﻤﻪ؟ ﺟﯩﮕﻪﺭ ﯞﻩ ﺑﯚﺭﻩﻛﻨﻰ ﻗﺎﻧﺪﺍﻕ ﺋﺎﺳﺮﺍﺵ ﻛﯧﺮﻩﻙ؟

1.ﺋﯩﺴﯩﭙﯩﺮﺗﻠﯩﻖ ﺋﯩﭽﯩﻤﻠﯩﻜﻨﻰ ﻛﯚﭖ ﺋﯩﭽﯩﺶ. ﻣﯘﺗﻪﺧﻪﺳﺴﯩﺴﻠﻪﺭﻧﯩﯔ ﻛﯚﺭﺳﯩﺘﯩﺸﯩﭽﻪ, ﺟﯩﮕﻪﺭﻧﻰ ﺋﺎﺳﺮﺍﺷﻨﯩﯔ ﺋﻪﯓ ﻳﺎﺧﺸﻰ ﺋﯘﺳﯘﻟﻰ ﺋﯩﺴﯩﭙﯩﺮﺗﻠﯩﻖ ﺋﯩﭽﯩﻤﻠﯩﻜﻨﻰ ﺋﯩﭽﻤﻪﺳﻠﯩﻚ. ﺋﻪﮔﻪﺭ ﻣﻪﺳﺖ ﺑﻮﻟﯘﭖ ﻗﺎﻟﺴﺎ ﭘﻮﻳﺮﺍﺭﯨﻴﻪ ﭼﯧﭽﯩﻜﯩﺪﻩ ﭼﺎﭺ ﺩﻩﻣﻠﻪﭖ ﺋﯩﭽﯩﭗ ﺑﯧﺮﯨﺶ ﻛﯧﺮﻩﻙ ﺋﯩﻜﻪﻥ. ﭘﻮﻳﺮﺍﺭﯨﻴﻪ ﭼﯧﭽﯩﻜﻰ, ﭘﻮﻳﺮﺍﺭﯨﻴﻪ ﻳﯩﻠﺘﯩﺰﯨﻨﯩﯔ ﭼﯧﭽﯩﻜﻰ ﺑﻮﻟﯘﭖ, ﺋﯘﻧﯩﯔ ﻣﻪﺳﺘﻠﯩﻜﻨﻰ ﻳﯧﺸﯩﺶ ﺭﻭﻟﻰ ﺑﺎﺭ.

ﺋﻪﮔﻪﺭ ﺋﯩﺴﯩﭙﯩﺮﺗﻠﯩﻖ ﺋﯩﭽﯩﻤﻠﯩﻚ ﺋﯩﭽﻜﻪﻧﺪﻩ ﻣﯘﯞﺍﭘﯩﻖ ﻣﯩﻘﺪﺍﺭﺩﺍ ﻣﯧﯟﻩ ﻳﻪﭖ ﺑﻪﺭﺳﻪ, ﺋﯩﺴﯩﭙﯩﺮﺗﻨﯩﯔ ﺑﻪﺩﻩﻧﮕﻪ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ ﺗﻪﺳﯩﺮﯨﻨﻰ ﺋﺎﺯﺍﻳﺘﻘﯩﻠﻰ ﺑﻮﻟﯩﺪﯗ. ﺋﺎﺩﻩﺗﺘﻪ ﺟﯩﮕﻪﺭﻧﻰ ﺋﺎﺳﺮﯨﻤﺎﻗﭽﻰ ﺑﻮﻟﺴﺎ ﺟﯘﺧﺎﺭﮔﯜﻟﻰ (ﺳﻪﺑﺪﻩ ﮔﯜﻝ) ﭼﯧﻴﻰ ﯞﻩ ﺋﺎﻟﻘﺎﺕ ﭼﯧﻴﻰ ﺋﯩﭽﯩﭗ ﺑﻪﺭﺳﻪ ﺟﯩﮕﻪﺭﻧﻰ ﺗﺎﺯﯨﻼﭖ, ﺟﯩﮕﻪﺭﻧﻰ ﺋﺎﺳﺮﺍﻳﺪﯗ. ﺑﻪﺭﻏﻪﻣﯘﺕ ﮔﯜﻟﻰ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﻗﯩﺰﯨﻠﮕﯜﻝ ﭼﯧﻴﻰ ﺟﯩﮕﻪﺭﻧﯩﯔ ﺧﯩﺰﻣﯩﺘﯩﻨﻰ ﻳﺎﺧﺸﯩﻼﻳﺪﯗ.

ﮔﯚﺷﻠﯜﻙ ﺗﺎﻣﺎﻗﻼﺭ ﺟﯩﮕﻪﺭﻧﻰ ﺋﺎﺳﺎﻥ ﺯﻩﺧﻤﯩﻠﻪﻧﺪﯛﺭﯨﺪﯨﻐﺎﻥ ﺑﻮﻟﻐﺎﭼﻘﺎ, ﺋﻪﺭﻟﻪﺭ ﺋﺎﻣﺎﻝ ﺑﺎﺭ ﻣﺎﻳﻠﯩﻖ ﮬﻪﻡ ﮔﯚﺷﻠﯜﻙ ﺗﺎﻣﺎﻗﻨﻰ ﺋﺎﺯ ﻳﯧﻴﯩﺸﻰ ﻛﯧﺮﻩﻙ.

2.ﺗﺎﻣﺎﻛﺎ ﭼﯧﻜﯩﺶ. ﺗﺎﻣﺎﻛﺎ ﭼﯧﻜﯩﺸﻨﯩﯔ ﺋﯚﭘﻜﯩﮕﻪ ﺯﯨﻴﺎﻧﻠﯩﻖ ﺋﯩﻜﻪﻧﻠﯩﻜﻰ ﮬﻪﻣﻤﯩﻤﯩﺰﮔﻪ ﻣﻪﻟﯘﻡ. ﺋﻪﻣﻤﺎ ﺗﺎﻣﺎﻛﯩﻨﯩﯔ ﺗﻪﺭﻛﯩﺒﯩﺪﯨﻜﻰ ﺯﯨﻴﺎﻧﻠﯩﻖ ﻣﺎﺩﺩﯨﻼﺭﻧﻰ ﻗﺎﻥ ﺳﯜﻣﯜﺭﯛﯞﺍﻟﻐﺎﻧﺪﯨﻦ ﻛﯧﻴﯩﻦ ﺋﯧﻐﯩﺰ ﺑﻮﺷﻠﯘﻗﻰ ﯞﻩ ﻛﯧﻜﯩﺮﺩﻩﻙ ﻛﯧﺴﻪﻟﻠﯩﻜﻠﯩﺮﯨﻨﻰ ﻛﻪﻟﺘﯜﺭﯛﭖ ﭼﯩﻘﯩﺮﯨﺪﯗ. ﻣﻪﺳﯩﻠﻪﻥ: ﺗﺎﺟﯩﺴﯩﻤﺎﻥ ﻳﯜﺭﻩﻙ ﻛﯧﺴﯩﻠﻰ, ﻳﯘﻗﯩﺮﻯ ﻗﺎﻥ ﺑﯧﺴﯩﻢ ﻗﺎﺗﺎﺭﻟﯩﻘﻼﺭ. ﺗﺎﻣﺎﻛﺎ ﭼﻪﻛﻜﯜﭼﯩﻠﻪﺭ ﺗﺎﻣﺎﻛﺎ ﭼﯩﻜﯩﯟﯨﺘﯩﭗ ﻳﯚﺗﯩﻠﯩﭗ ﻛﯧﺘﯩﺪﯗ, ﺑﯘ ﺩﻩﻝ ﺗﺎﻣﺎﻛﺎ ﺗﻪﺭﻛﯩﺒﯩﺪﯨﻜﻰ ﺯﯨﻴﺎﻧﻠﯩﻖ ﻣﺎﺩﺩﯨﻼﺭﻧﯩﯔ ﺋﯧﻐﯩﺰ ﺑﻮﺷﻠﯘﻗﻰ ﯞﻩ ﻛﯧﻜﯩﺮﺩﻩﻛﻨﻰ ﺑﯘﻟﻐﯩﻐﺎﻧﻠﯩﻘﯩﻨﻰ ﺑﯩﻠﺪﯛﺭﯨﺪﯗ.

ﻛﯧﻜﯩﺮﺩﻩﻛﻨﻰ ﺋﺎﺳﺮﺍﺵ ﺗﯩﻠﻐﺎ ﺋﯧﻠﯩﻨﺴﺎ ﻛﯩﺸﯩﻠﻪﺭﻧﯩﯔ ﺋﯧﺴﯩﮕﻪ ﺳﺘﯧﺮﻛﯘﻟﯩﻴﻪ ﺩﻩﺭﯨﺨﻰ (ﺧﻪﻧﺰﯗﭼﻪ ﻧﺎﻣﻰ ﭘﺎﯕﺪﺍﺧﻪﻱ) ﻛﯧﻠﯩﺪﯗ. ﺋﻪﻣﻤﺎ ﺑﯘﻧﯩﯔ ﭘﻪﻗﻪﺕ ﻛﺎﻧﺎﻳﻨﻰ ﺳﯩﻠﯩﻘﻼﺷﺘﯘﺭﯗﺷﻼ ﺭﻭﻟﻰ ﺑﺎﺭ. ﺷﯘﯕﺎ ﻳﻪﻧﯩﻼ ﻣﻮﻣﻮﺭﺩﯨﻜﺎ (ﺧﻪﻧﺰﯗﭼﻪ ﻧﺎﻣﻰ ﻟﻮﺧﻪﻧﮕﻮ) ﻧﻰ ﭼﯩﻼﭖ ﺋﯩﺴﺘﯧﻤﺎﻝ ﻗﯩﻠﯩﺶ ﻛﯧﺮﻩﻙ.

ﺗﯩﻜﺘﺎﻙ ﺗﻮﭖ ﭼﻮﯕﻠﯩﻘﯩﺪﯨﻜﻰ ﺑﯩﺮ ﺗﺎﻝ ﻣﻮﻣﻮﺭﺩﯨﻜﺎﻧﻰ ﭼﯧﻘﯩﭗ ﺋﯘﯞﯗﺗﯘﭖ ﺳﻪﻛﻜﯩﺰﮔﻪ ﺑﯚﻟﯜﭖ, ﮬﻪﺭ ﺑﯩﺮﯨﻨﻰ ﺑﯩﺮ ﻛﯜﻧﺪﻩ ﺗﺎﻛﻰ ﺗﻪﻣﻰ ﻗﺎﻟﻤﯩﻐﯘﭼﻪ ﺳﯘﻏﺎ ﭼﯩﻼﭖ ﺋﯩﭽﯩﭗ ﺑﯧﺮﯨﺶ ﻛﯧﺮﻩﻙ. ﻣﻮﻣﻮﺭﺩﯨﻜﺎﻧﯩﯔ ﺗﻪﻣﻰ ﮬﻪﻡ ﻗﯩﺮﺗﺎﻕ ﮬﻪﻡ ﺗﺎﺗﻠﯩﻖ ﺑﻮﻟﻐﺎﭼﻘﺎ, ﺋﯩﭽﻤﻪﻙ ﺗﻪﺳﺮﻩﻙ. ﺋﻪﻣﻤﺎ ﮔﺎﻝ ﯞﻩ ﻛﯧﻜﯩﺮﺩﻩﻛﻜﻪ ﭘﺎﻳﺪﺍ ﻗﯩﻠﯩﺪﯗ.

3.ﺗﻮﺭ ﺋﻮﻳﯘﻥ ﮬﻪﯞﻩﺳﻜﺎﺭﻟﯩﺮﻯ. ﮬﻪﺭ ﻛﯜﻧﻰ ﻛﻮﻣﭙﻴﯘﺗﯧﺮ ﺋﺎﻟﺪﯨﺪﺍ ﺋﻮﻟﺘﯘﺭﯗﭖ ﺗﻮﺭ ﺋﻮﻳﯘﻧﻰ ﺋﻮﻳﻨﺎﻳﺪﯨﻐﺎﻧﻼﺭ ﯞﻩ ﻣﺎﺷﯩﻨﺎ  ﮬﻪﻳﺪﻩﻳﺪﯨﻐﺎﻧﻼﺭﻧﯩﯔ ﻛﯚﺯﻯ ﺯﯨﻴﺎﺩﻩ ﭼﺎﺭﭼﺎﻳﺪﯗ. ﺟﯘﯕﮕﻮ ﺗﯧﺒﺎﺑﯩﺘﯩﺪﻩ «ﻛﯚﺯ ﭼﺎﺭﭼﺎﺵ ﺟﯩﮕﻪﺭﮔﻪ, ﺋﯘﺯﯗﻥ ﺋﻮﻟﺘﯘﺭﯗﺵ ﺳﯚﯕﻪﻛﻜﻪ ﺯﯨﻴﺎﻧﻠﯩﻖ» ﺩﻩﭖ ﻗﺎﺭﯨﻠﯩﺪﯗ. ﻳﯘﻗﯩﺮﯨﻘﻰ ﺋﯩﻜﻜﻰ ﺧﯩﻞ ﺗﯜﺭﮔﻪ ﻛﯩﺮﯨﺪﯨﻐﺎﻥ ﺋﻪﺭﻟﻪﺭﮔﻪ ﻣﯘﺗﻪﺧﻪﺳﺴﯩﺴﻠﻪﺭ ﻛﯚﭘﺮﻩﻙ ﮬﻪﺭﯨﻜﻪﺕ ﻗﯩﻠﯩﺶ ﯞﻩ ﺑﻪﺩﻩﻥ ﭼﯧﯩﻘﺘﯘﺭﯗﺷﻨﻰ ﺗﻪﯞﺳﯩﻴﻪ ﻗﯩﻠﯩﺪﯗ.

ﻣﯘﺗﻪﺧﻪﺳﺴﯩﺴﻠﻪﺭﻧﯩﯔ ﺗﻪﯞﺳﯩﻴﻪﺳﻰ: ﻛﯚﺯﯨﻨﻰ ﻛﯚﭖ ﺋﯩﺸﻠﯩﺘﯩﺪﯨﻐﺎﻥ ﻛﯩﺸﯩﻠﻪﺭ ﺟﯜﺧﺎﺭﮔﯜﻟﻰ ﭼﯧﻴﻰ, ﺋﺎﻟﻘﺎﺕ ﭼﯧﻴﻰ ﻗﺎﺗﺎﺭﻟﯩﻘﻼﺭﻧﻰ ﺋﯩﭽﯩﭗ ﺑﯧﺮﯨﺶ ﮬﻪﻣﺪﻩ ﯞﯨﺘﺎﻣﯩﻦ A ﯞﻩ ﺳﻪﯞﺯﯨﻨﻰ ﻛﯚﭘﺮﻩﻙ ﺋﯩﺴﺘﯧﻤﺎﻝ ﻗﯩﻠﯩﺶ ﻛﯧﺮﻩﻙ. (ﺋﺎﻳﺰﯙﮬﺮﻩ ﺋﻪﻧﯟﻩﺭ ﺗﻪﺭﺟﯩﻤﯩﺴﻰ)


ئالدىنقى ماقالىمىزدا جىگەر قېتىش كېسەللىكى بىمارلىرى ئاشقازان قاناشنىڭ قانداق ئالدىنى ئېلىشى كېرەك ؟ تېمىسىدا تەپسىلى توختالدۇق .