ئادەتتە ئۆت كېسىلى جىددىي قوزغالغاندا ئۆت مەنبەلىك سانجىق پەيدا بولغاندىن باشقا، كۆڭلى ئېلىشىش، قۇسۇش ئەھۋاللىرى كۆرۈلىدۇ، ھەتتا بەزىدە زەھەرلىنىش خاراكتېرلىك شۇك بولۇپ قېلىش، توسۇلۇشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ شۇنىڭ ئۈچۈن ئۆت كېسىلى بارلار تۆۋەندىكىلەرگە دىققەت قىلسا، ئۆت مەنبەلىك سانجىقتىن ساقلىنالايدۇ

ئۆت كېسىلى جىددىي قوزغالغاندا دىققەت قىلىدىغان ئىشلار

ئۆت خالتىسى ياللۇغى ياكى ئۆت تېشى كېسىلى بارلار ياغلىق يېمەكلىكلەرنى يېمەسلىكى كېرەك، چۈنكى ياغلىق يېمەكلىكلەر ئاسانلا ئۆت مەنبەلىك سانجىقنى قوزغايدۇ.

زىيادە چارچاشتىن ساقلىنىش، ھاراق ئىچمەسلىك كېرەك.

ئۆتىدە تاش ياكى ئۆت خالتىسى ياللۇغى ئاغرىقلىرى قەۋزىيەت بولۇپ قېلىشتىن ساقلىنىش كېرەك. قەۋزىيەت بولۇپ قالسا، سۇنى كۆپ ئىچىشى، مېۋە، كۆكتاتنى كۆپرەك يېيىشى كېرەك.

سوغۇق ئۆتۈپ قېلىشتىن ساقلىنىش لازىم. ئۆت كېسىلى سوغۇقنىڭ غىدىقلىشىدىن قورقىدۇ، شۇڭا سوغۇقتىن ساقلىنىش كېرەك.

ئاچچىقلانماسلىق كېرەك. ئاچچىقلىنىش ئۆت مەنبەلىك سانجىقنىڭ قوزغىلىشىدىكى مۇھىم سەۋەبلەرنىڭ بىرى.

سۇ ئىچىپ بېرىشكە سەل قارىماسلىق كېرەك. ئىچىلگەن سۇنىڭ مىقدارى قانچىكى ئاز بولسا، ئۆت سۇيۇقلۇقىنىڭ يېپىشقاقلىقى شۇنچە ئېشىپ كېتىدۇ - دە، ئۆتتە ئاسانلا تاش پەيدا بولۇپ، ياللۇغلىنىشنى كۈچەيتىۋېتىدۇ. يېتەرلىك سۇ بولغاندىلا، ئۆت سۇيۇقلۇقىنىڭ يېپىشقاقلىقى ئېشىپ كەتمەي، ئۆت مەنبەلىك سانجىقنىڭ قوزغىلىشىدىن ساقلانغىلى بولىدۇ.
 

ئالدىنقى ماقالىمىزدا زەنجىۋىل ئىستېمال قىلىپ بېرىلسە،ئۆتتە تاش تۇرۇپ قېلىش كېسەللىكىنىڭ ئالدىنى ئالغىلى بولىدۇ تېمىسىدا تەپسىلى توختالدۇق .