ئاۋسترالىيەدە ئىشلەنگەن پەرزەنت كۆرەلمەسلىك ھەققىدىكى بىر تەتقىقاتتىن مەلۇم بولۇشىچە، جورىسى ھامىلىدار بولمايدىغان ئەرلەردە ئومۇميۈزلۈك ۋىتامىن D كەمچىل بولۇش ئەھۋالى بولىدىكەن

    ئاۋسترالىيەدە ئىشلەنگەن پەرزەنت كۆرەلمەسلىك ھەققىدىكى بىر تەتقىقاتتىن مەلۇم بولۇشىچە، جورىسى ھامىلىدار بولمايدىغان ئەرلەردە ئومۇميۈزلۈك ۋىتامىن D كەمچىل بولۇش ئەھۋالى بولىدىكەن.

ئاۋسترالىيە تۇغماسلىق، پەرزەنت كۆرمەسلىكنى داۋالاش مەركىزىدىكى دوكتور ئاننىي كلارك پەرزەنت كۆرەلمەسلىك كېسىلىگە گىرىپتار بولغان 800 گە يېقىن ئەرنىڭ قېنىنى تەكشۈرگەندە، ئۇلارنىڭ ئۈچتىن بىرىنىڭ بەدىنىدىكى ۋىتامىن D نىڭ نورمال سەۋىيەدىن تۆۋەن، شۇنىڭ بىلەن بىللە فۇلىك كىسلاتاسى يېتەرسىز ئىكەنلىكىنى بايقىغان. ۋىتامىن D بىلەن فۇلىك كىسلاتاسىنىڭ يېتەرسىز بولۇشى ئاياللارنىڭ ھامىلىدار بولماسلىقى بىلەن مۇناسىۋەتلىك ئىكەن.



   تەتقىقاتچىلارنىڭ قارىشىچە، ۋىتامىن D بىلەن فۇلىك كىسلاتاسىنىڭ يېتەرسىز بولۇشى DNA ئۈزۈلۈش چاستوتىنىڭ يۇقىرىراق بولۇشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىشى مۇمكىن بولۇپ، نۇر چۈشۈشنى قوبۇل قىلىش ۋىتامىن D نى تولۇقلاشتىكى ئۈنۈملۈك ئۇسۇل ئىكەن.

ئەرلەر پەرزەنت كۆرەلمەسلىك 男性不育 male sterility
 

مەسغۇت خەسەنى تەرجىمىسى



ئالدىنقى ماقالىمىزدا ئوتتۇرا ياشلىقلارنىڭ بويتاق ئۆتۈشى دىۋەڭلىك كېسىلى تېمىسىدا تەپسىلى توختالدۇق . ياكى مەزى بېزى بىمارلىرى يېمەك–ئىچمەكتە بىلىشكە تېگىشلىك ئىشلار توغرىسىدىكى ماقالىنى ئوقۇپ بېقىشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمىز .