مەنى بالدۇر يۈرۈپ كېتىش ئەرلەر جىنسىي كېسەللىكلىرىنىڭ ئالامەتلىرىنىڭ بىرى ھىسابلىنىدۇ بۇ ھەم ئەرلەرنىڭ بېشىنى قاتۇرۇپ كېلىۋاتقان بىر مەسىلە تۆۋەندىكى 3 ئامىل دەل ئەرلەردىكى مەنى بالدۇر يۈرۈپ كېتىشنىڭ 3 جىنايەتچىسى ھېسابلىنىدۇ

 
 
1.روھىي ئامىللار
 
بۇ تۈردىكى بىمارلارنى يەنە روھىي پىسخىكىلىق بالدۇر يۈرۈپ كېتىش دىسىمۇ بولىدۇ . بۇخىل روھىي پىسخىكىلىق مەنىي بالدۈر يۈرۈپ كېتىشنىڭ ئىچكى ئامىلى ھەم تاشقى ئامىللار كۆپ ، مەسىلەن خىزمەت بېسىمى ، تۇرمۇش بېسىمى ۋەھاكازالار.
 
دىققەت قىلىشقا تىگىشلىك بولغىنى ، بۇ خىل مەنىي بالدۇر يۈرۈپ كېتىش ئالامىتى روھىي كەيپىياتنى بىردەملىك تەڭشىگەنگە ئوڭشىلىپ قالمايدۇ . ھەم بۇ خىل بالدۇر يۈرۈپ كېتىش ئەھۋالى كۈندىلىك تۇرمۇشقا ، روھىي كەيپىياتقا تەسىر يەتكۈزۈپ ، بىمارنىڭ روھىي بېسىمىنى تېخىمۇ ئېغىرلاشتۇرۋېتىدۇ . شۇڭلاشقا ئاۋۋال ئىچكى ۋە تاشقى ئامىللارنى تېپىپ چىقىپ ، قەدەممۇ قەدەم ھەل قىلىش لازىم . 


 
 
2.جىنسىي كۆپىيىش سىستېمىسىدىكى كېسەللىكلەر

كۆپىنچە جىنسىي كۆپىيىش سىستىمىسى كېسەللىلىرى ئەرلەرنىڭ مەنى چىقىرىش نېرۋا سىستىمىسىغا تەسىر يەتكۈزۈپ ، ھاياجانلىنىش دەرىجىسىنى تۆۋەنلىتىۋېتىدۇ . بۇ دىگىنى تېخىمۇ ئاسان مەنى يۈرۈپ كېتىش ئەھۋالىنى كۆزدە تۇتىدۇ . مەسىلەن سۈيدۈك يولى ياللۇغى ، ئۇرۇقدان خالىتىسى ياللۇغى ، مەزى بېزى ياللۇغى قاتارلىقلار . بۇلارنى نوپۇزلۇق دوختۇرخانىغا بېرىپ كۆرۈنۈپ داۋالىنىش لازىم .
 


 
3.باشقا ئامىللار

خەتنە تېرىسى زىيادە ئۇزۇن بولۇش ، تار ئىچ كىيىم كىيىۋېلىش قاتارلىق ئامىللار جىنسىي ئەزانى داۋاملىق غىدىقلاپ تۇرغاچقا ، ئەرلەردىكى بالدۈر يۈرۈپ كېتىش ئەھۋالىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ . 

ئالدىنقى ماقالىمىزدا ئۇيقۇ ۋە ئەرلەردىكى سېمىزلىك تېمىسىدا تەپسىلى توختالدۇق . ياكى ئەرلەرنىڭ تاقىرباش بولۇپ قېلىشىدىكى ئاساسلىق سەۋەبلەر توغرىسىدىكى ماقالىنى ئوقۇپ بېقىشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمىز .