تۆۋەندىكى ﺋﻪﺭﻟﻪﺭﻧﯩﯔ ﺑﻪﺩﯨﻨﯩﺪﯨﻜﻰ ﺋﻪﯓ ﺋﺎﺳﺎﻥ ﻛﯧﺴﻪﻝ ﺑﻮﻟﯩﺪﯨﻐﺎﻥ ﺋﺎﻟﺘﻪ ﺋﻮﺭﯗننى بىلىۋېلىڭ

ﺋﻪﺭﻟﻪﺭﻧﯩﯔ ﺑﻪﺩﯨﻨﯩﺪﯨﻜﻰ ﺋﻪﯓ ﺋﺎﺳﺎﻥ ﻛﯧﺴﻪﻝ ﺑﻮﻟﯩﺪﯨﻐﺎﻥ ﺋﺎﻟﺘﻪ ﺋﻮﺭﯗﻥ


1.ﺋﺎﺷﻘﺎﺯﺍﻥ: ﺋﻪﺭﻟﻪﺭ ﺗﺎﻣﺎﻛﺎ ﭼﯧﻜﯩﺸﻜﻪ, ﮬﺎﺭﺍﻕ ﺋﯩﭽﯩﺸﻜﻪ ﺋﺎﻣﺮﺍﻕ, ﺗﺎﻣﺎﻗﻨﻰ ﭼﺎﻳﻨﯩﻤﺎﻱ ﻳﯜﺗﯩﺪﯗ ﻳﺎﻛﻰ ﺩﺍﺋﯩﻢ ﻛﯚﭖ ﻳﻪﯞﺍﻟﯩﺪﯗ, ﺷﯘﯕﺎ ﺋﻪﺭﻟﻪﺭﺩﻩ ﺋﺎﺷﻘﺎﺯﺍﻥ ﻛﯧﺴﯩﻠﯩﻨﯩﯔ ﭘﻪﻳﺪﺍ ﺑﻮﻟﯘﺵ ﻧﯩﺴﺒﯩﺘﻰ ﺋﺎﻳﺎﻟﻼﺭﻏﺎ ﻗﺎﺭﯨﻐﺎﻧﺪﺍ 622 ﮬﻪﺳﺴﻪ ﻳﯘﻗﯩﺮﻯ.

2.ﺗﯧﺮﻩ: ﻣﯘﺗﻠﻪﻕ ﻛﯚﭖ ﺳﺎﻧﺪﯨﻜﻰ ﺋﻪﺭﻟﻪﺭ ﺋﺎﭘﺘﺎﭘﺘﯩﻦ ﺳﺎﻗﻠﯩﻨﯩﺸﻘﺎ ﺩﯨﻘﻘﻪﺕ ﻗﯩﻠﻤﺎﻳﺪﯗ, ﺗﯧﺮﻩ ﺭﺍﻛﻰ ﺗﻪﻛﺸﯜﺭﺗﯜﺷﻜﻪ  ﺋﻪﮬﻤﯩﻴﻪﺕ ﺑﻪﺭﻣﻪﻳﺪﯗ, ﺷﯘﯕﺎ ﺋﻪﺭﻟﻪﺭﻧﯩﯔ ﻗﺎﺭﺍ ﭘﯩﮕﻤﯧﻨﺖ ﺋﯚﺳﻤﯩﺴﻰ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺋﯚﻟﯜﭖ ﻛﯧﺘﯩﺶ ﻣﯘﻣﻜﯩﻨﭽﯩﻠﯩﻜﻰ ﺋﺎﻳﺎﻟﻼﺭﻧﯩﯔ ﺋﯩﻜﻜﻰ ﮬﻪﺳﺴﯩﺴﯩﮕﻪ ﺗﻪﯓ ﻛﯧﻠﯩﺪﯗ.

3.ﻳﯜﺭﻩﻙ: ﺋﻪﺭﻟﻪﺭﻧﯩﯔ ﺧﯩﺰﻣﯩﺘﻰ ﺋﺎﻳﺎﻟﻼﺭﻧﯩﯖﻜﯩﺪﯨﻦ ﺋﺎﻟﺪﯨﺮﺍﺵ ﺑﻮﻟﯩﺪﯗ, ﺑﻪﺭﺩﺍﺷﻠﯩﻖ ﺑﯧﺮﯨﺪﯨﻐﺎﻥ ﺑﯧﺴﯩﻤﯩﻤﯘ ﺋﺎﻳﺎﻟﻼﺭﻏﺎ  ﻗﺎﺭﯨﻐﺎﻧﺪﺍ ﺗﯧﺨﯩﻤﯘ ﭼﻮﯓ, ﺷﯘﯕﺎ ﺋﻪﺭﻟﻪﺭﻧﯩﯔ ﻳﯜﺭﻩﻙ ﻣﯘﺳﻜﯘﻝ ﺗﯩﻘﯩﻠﻤﺎ ﻛﯧﺴﯩﻠﻰ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺩﻭﺧﺘﯘﺭﺧﺎﻧﯩﻐﺎ ﻛﯩﺮﯨﭗ ﺩﺍﯞﺍﻟﯩﻨﯩﺶ ﻧﯩﺴﺒﯩﺘﻰ ﺋﺎﻳﺎﻟﻼﺭﻏﺎ ﻗﺎﺭﯨﻐﺎﻧﺪﺍ 7~10 ﮬﻪﺳﺴﯩﮕﯩﭽﻪ ﻳﯘﻗﯩﺮﻯ ﺑﻮﻟﯩﺪﯗ. ﺷﯘﯕﺎ ﻳﯜﺭﻩﻙ ﻛﯧﺴﯩﻠﯩﻨﯩﯔ ﺋﺎﻟﺪﯨﻨﻰ ﺋﯧﻠﯩﺶ ﺋﯜﭼﯜﻥ, ﺗﺎﻣﺎﻛﺎ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﮬﺎﺭﺍﻗﻨﻰ ﭼﻪﻛﻠﻪﺷﺘﯩﻦ ﺳﯩﺮﺕ, ﻧﻮﺭﻣﺎﻝ ﺑﻪﺩﻩﻥ ﺋﯧﻐﯩﺮﻟﯩﻘﯩﻨﻰ ﺳﺎﻗﻼﺵ, ﺑﯧﺴﯩﻤﻨﻰ ﻳﻪﯕﮕﯩﻠﯩﺘﯩﺸﻨﻰ ﺋﯚﮔﯩﻨﯩﺶ ﻛﯧﺮﻩﻙ.

4.ﺟﯩﮕﻪﺭ: ﺋﻪﺭﻟﻪﺭﻧﯩﯔ ﺋﯩﺠﺘﯩﻤﺎﺋﯩﻲ ﺋﺎﻻﻗﯩﺴﻰ ﻛﯚﭖ ﺑﻮﻟﯘﭖ, ﺋﺎﺳﺎﻥ ﺟﯩﮕﻪﺭ ﻳﺎﻟﻠﯘﻏﻰ ﯞﯨﺮﯗﺳﻰ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﻳﯘﻗﯘﻣﻠﯩﻨﯩﺪﯗ, ﺋﯘﻧﯩﯖﺪﯨﻦ ﺑﺎﺷﻘﺎ, ﺋﯘﻻﺭﻧﯩﯔ ﻛﯚﭘﯩﻨﭽﯩﺴﻰ ﮬﺎﺭﺍﻕ ﺋﯩﭽﯩﺪﯗ, ﺟﯩﮕﻪﺭ ﻛﯜﻧﯩﮕﻪ ﺋﻪﯓ ﻛﯚﭖ ﺑﻮﻟﻐﺎﻧﺪﺍ 600-80 ﮔﺮﺍﻣﻐﯩﭽﻪ ﺋﯩﺴﭙﯩﺮﺗﻨﻰ ﭘﺎﺭﭼﯩﻼﭖ ﺋﺎﻳﻼﻧﺪﯗﺭﯨﺪﯗ, ﺑﯘ ﻣﯩﻘﺪﺍﺭﺩﯨﻦ ﺋﯧﺸﯩﭗ ﻛﻪﺗﻜﻪﻧﺪﻩ ﺟﯩﮕﻪﺭ ﺯﻩﺧﻤﯩﻠﯩﻨﯩﺪﯗ.

5.ﺗﻮﻏﺮﺍ ﺋﯜﭼﻪﻱ: ﺋﻪﺭﻟﻪﺭ ﺋﺎﺩﻩﺗﺘﻪ ﻳﺎﻍ ﯞﻩ ﺋﺎﻗﺴﯩﻞ ﺗﯜﺭﯨﺪﯨﻜﻰ ﻳﯧﻤﻪﻛﻠﯩﻜﻠﻪﺭﻧﻰ ﺋﺎﻳﺎﻟﻼﺭﻏﺎ ﻗﺎﺭﯨﻐﺎﻧﺪﺍ ﻛﯚﭖ ﺋﯩﺴﺘﯧﻤﺎﻝ ﻗﯩﻠﯩﺪﯗ, ﭘﻪﻥ ﺗﻪﺗﻘﯩﻘﺎﺕ ﺷﯘﻧﻰ ﺋﯩﺴﭙﺎﺗﻠﯩﺪﯨﻜﻰ, ﻳﺎﻍ ﯞﻩ ﺋﺎﻗﺴﯩﻞ ﺗﯜﺭﯨﺪﯨﻜﻰ ﻳﯧﻤﻪﻛﻠﯩﻜﻠﻪﺭﻧﻰ ﮬﻪﺩﺩﯨﺪﯨﻦ ﺯﯨﻴﺎﺩﻩ ﺋﯩﺴﺘﯧﻤﺎﻝ ﻗﯩﻠﯩﺶ ﺗﯜﺯ ﺋﯜﭼﻪﻱ ﺭﺍﻛﯩﻨﻰ ﭘﻪﻳﺪﺍ ﻗﯩﻠﯩﺸﻨﯩﯔ ﻣﯘﮬﯩﻢ ﺳﻪﯞﻩﺑﻰ ﺋﯩﻜﻪﻥ, ﺷﯘﯕﺎ ﺗﻮﻏﺮﺍ ﺋﯜﭼﻪﻱ ﺟﻪﮬﻪﺗﺘﯩﻜﻰ ﻛﯧﺴﻪﻟﻠﯩﻜﻠﻪﺭﻧﯩﯔ ﺋﺎﻟﺪﯨﻨﻰ ﺋﯧﻠﯩﺶ ﺋﯜﭼﯜﻥ, ﺗﺎﻣﺎﻕ ﺋﯜﺳﺘﯩﻠﯩﺪﻩ ﺩﺍﺋﯩﻢ ﺳﯧﻠﻠﯘﻟﻮﺯﺍ ﺗﻪﺭﻛﯩﺒﻰ ﻣﻮﻝ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ ﻛﯚﻛﺘﺎﺕ, ﻣﯧﯟﻩ ﻗﺎﺗﺎﺭﻟﯩﻘﻼﺭ ﻛﻪﻡ ﺑﻮﻟﻤﺎﺳﻠﯩﻘﻰ ﻛﯧﺮﻩﻙ.

6.ﻣﻪﺯﻯ ﺑﯧﺰﻯ: ﺋﺎﻻﻗﯩﺪﺍﺭ ﺗﻪﺗﻘﯩﻘﺎﺗﻘﺎ ﺋﺎﺳﺎﺳﻼﻧﻐﺎﻧﺪﺍ, 50 ﻳﺎﺷﺘﯩﻦ ﺋﺎﺷﻘﺎﻥ ﺋﻪﺭﻟﻪﺭﻧﯩﯔ %60 ﻯ ﻣﻪﺯﻯ ﺑﯧﺰﻯ  ﻛﯧﺴﻪﻟﻠﯩﻜﯩﮕﻪ ﮔﯩﺮﯨﭙﺘﺎﺭ ﺑﻮﻟﯩﺪﯨﻜﻪﻥ. 

ﺑﯘ ﺧﯩﻞ ﻛﯧﺴﻪﻟﻠﯩﻜﻨﯩﯔ ﺋﺎﻟﺪﯨﻨﻰ ﺋﯧﻠﯩﺶ ﺋﯜﭼﯜﻥ,

 ﺑﯩﺮﯨﻨﭽﯩﺪﯨﻦ, ﻣﻪﺯﻯ ﺑﯧﺰﯨﻨﯩﯔ ﺋﯘﺯﺍﻕ ﻣﯘﺩﺩﻩﺕ ﺑﯧﺴﯩﻠﯩﺸﯩﺪﯨﻦ  ﺳﺎﻗﻠﯩﻨﯩﺶ; 

ﺋﯩﻜﻜﯩﻨﭽﯩﺪﯨﻦ, ﺋﻪﺭ – ﺧﻮﺗﯘﻧﻠﯘﻕ ﺗﯘﺭﻣﯘﺷﻘﺎ ﭼﻪﻙ ﻗﻮﻳﯘﺵ; 

ﺋﯜﭼﯩﻨﭽﯩﺪﯨﻦ, ﺋﺎﭼﭽﯩﻖ ﻳﯧﻤﻪﻛﻠﯩﻜﻠﻪﺭﻧﻰ ﺋﺎﺯ ﻳﯧﻴﯩﺶ ﻛﯧﺮﻩﻙ.(ﺭﺍﮬﯩﻠﻪ ﺋﺎﺯﺍﺩ ﺗﻪﺭﺟﯩﻤﯩﺴﻰ)


ئالدىنقى ماقالىمىزدا مەزى بېزى بىمارلىرى دورا ئىشلەتكەندە دىققەت قىلىدىغان ئىشلار تېمىسىدا تەپسىلى توختالدۇق .