مەزى بېزى بىمارلىرى دورا ئىشلەتكەندە دىققەت قىلىدىغان ئىشلار

مەزى بېزى بىمارلىرى دورا ئىشلەتكەندە دىققەت قىلىدىغان ئىشلار


يۈرەك ئاغرىقىنى باسىدىغان دورىلار:بۇ خىل دورا ئاساسلىقى يۈرەك مېڭە قان تومۇر كېسەللىكلىرىگە شىپا، بىراق مەزى بېزى ئۆسۈپ قېلىش كېسىلىنى ئېغىرلاشتۇرۇۋېتىدۇ، دوۋسۇننىڭ سۈيدۈك ھەيدەش مۇسكۇلغا توسقۇنلۇق قىلىپ، سۈيدۈكنىڭ يىغىلىپ قېلىشىغا سەۋەب بولىدۇ.

تىنچلاندۇرۇش دورىلىرى: مەزى بېزى ئۆسۈپ قالغان بىمارلار بەز ئىقتىدارى چېكىنگەنلىكى،بەزدىكى  تۇتاشتۇرغۇچى توقۇلمىلار ئۆسۈپ قالغانلىق سەۋەبىدىن سۈيدۈك يولى قىسىلىپ كىچىك تەرەتتە قىينىلىدۇ، بۇنداق ئەھۋالدا تىنچلاندۇرۇش دورىلىرى ئوت ئۈستىگە ياغ چاچقاندەك، كىچىك تەرەتنى تېخىمۇ قىيىنلاشتۇرۇۋېتىدۇ.

روھىي كېسەللىكلەرگە تاقابىل تۇرۇش دورىلىرى: بۇ خىل دورىلىرىنىڭ موسكارىن رولى روشەن بولۇپ،  سۈيدۈك ھەيدەش مۇسكۇلنىڭ يىغىلىشىغا تەسىر يەتكۈزۈپ، سۈيدۈك ئاستا كېلىش، سۈيدۈك يىغىلىپ قېلىش، سۈيدۈك كۆپ بولۇش ھەتتا سۈيدۈك تۇتالماسلىق قاتارلىق ئەھۋاللارنى پەيدا قىلىدۇ.

مورفىن: مورفىن سۈيدۈكنى ئازايتىۋېتىدۇ ياكى سۈيدۈكنىڭ يىغىلىپ قېلىشىغا سەۋەب بولىدۇ، دوۋسۈننىڭ قورۇغۇچى مۇسكۇلىنى تارتىشتۇرۇپ قويىدۇ-دە، سۈيدۈك راۋانلاشتۇرغۇچى ھورمۇننىڭ ئاجرىلىپ چىقىشنى تېزلەشتۈرۈۋېتىدۇ.

باكتېرىيىگە تاقابىل تۇرۇش دورىلىرى: بۇ خىل دورىلار كىچىك تەرەت قېتىم سانى كۆپەيتىۋېتىدۇ، كىچىك تەرەت سۈيدۈك يولى كۆيگەندەك سېزىم پەيدا قىلىدۇ ھەتتا ئاقسىللىق ۋە قانلىق سۈيدۈك پەيدا قىلىدۇ.

سۇلفونامىدلار: بۇ خىل دورىلار سۈيدۈكنى كرىستاللاشتۇرۇپ قالدۇق سۈيدۈك پەيدا قىلىدۇ،سۈيدۈك يولىنى توسۇۋېلىپ سۈيدۈكنى ئاز كېلىدىغان ياكى كەلمەس قىلىۋېتىدۇ.

خامۇشلۇق كېسىلىگە تاقابىل تۇرۇش دورىلىرى: بۇ خىل دورىلار دوۋسۇننىڭ قورۇغۇچى مۇسكۇلىنىڭ  كېرىلىش كۈچىنى ئاشۇرۇۋېتىدۇ، سۈيدۈك ھەيدەش مۇسكۇلنىڭ قورۇلۇشى ۋە سۈيدۈكنىڭ يىغىلىپ قېلىشىغا سەۋەب بولىدۇ، كىچىك تەرەتنى قىيىنلاشتۇرۇۋېتىدۇ.

ئاشقازان ۋە ئۈچەي ئاغرىقلىرىنى باسىدىغان دورىلار: بۇ خىل دورىلار دوۋسۇن مۇسكۇلنى بوشاشتۇرۇۋېتىپ، سۈيدۈك تۇتۇش كېسىلىنى پەيدا قىلىدۇ.

قان بېسىمىنى تۆۋەنلىتىش دورىلىرى: بۇ خىل دورىلار ئادەمنى كىچىك تەرەت پات-پات قىستايدىغان ياكى سۈيدۈك يىغىلىپ قالىدىغان قىلىپ قويىدۇ.

ۋىتامىنA:بەزى مەزى بېزى ئۆسۈپ قالغانلار بۇ خىلدىكى دورىلارنى ئۇزۇن ۋاقىت ئىچسە، سوزۇلما زەھەرلىنىش، كىچىك تەرەت كۆپ بولۇش، ۋە پات-پات قىستاش ھەتتا سۈيدۈك تۇتالماسلىق ئالامەتلەرنى پەيدا قىلىدۇ.


ئالدىنقى ماقالىمىزدا مەزى بېزى ياللۇغى دىگەن نىمە؟ تېمىسىدا تەپسىلى توختالدۇق .