مەزى بېزى ياللۇغى دىگىنىمىز مەزى بېزىدە كۆرۈلگەن تىپىك بولغان ياكى تىپىكسىز يۇقۇملىنىش سەۋەبىدىن كېلىپ چىققان جىددىي خاراكتىرلىك ياكى سوزۇلما خاراكتىرلىك ئەرلەر كېسەلىكىدۇر

مەزى بېزى ياللۇغىنىڭ سەۋەبلىرى بىر قانچە تۈرگە بۆلۈنىدۇ . ئۇلار تۆۋەندىكىچە :

1. مىكروپ يۇقۇملىنىش سەۋەبىدىن كېلىپ چىققان مەزى بېزى ياللۇغى
2. تۇبىركۇليۇز ، پارازىت ۋە سۆزنەك باكتېرىيىسى سەۋەبىدىن كېلىپ چىققان مەزى بېزى ياللۇغى
3. گۆش ئۆسۈپ قېلىش سەۋەبلىك مەزى بېزى ياللۇغى 
4. باشقا ۋىرۇس ، مىكوپلازما ، خىلامىديە قاتارلىقلار كەلتۈرۈپ چىقارغان مەزى بېزى ياللۇغى قاتارلىقلار

يۇقارقى كېسەللىك ماددىلىرى سەۋەبىدىن مەزى بېزىدە ئىششىش ، ياللۇغلىنىش ، قان تولۇش ۋە ئاغرىش كېلىپ چىقىدۇ . 

مەزى بېزى ياللۇغى يەنە كېسەل قوزغىلىش شەكلىگە ئاساسەن جىددىي خاراكتىرلىك ۋە سوزۇلما خاراكتىرلىك دەپ ئىككى تۈرگە ئايرىلىدۇ . 
 

جىددىي خاراكتېرلىك مەزى بېزى ياللۇغى ئالامەتلىرى : 
مەزى بېزى ياللۇغى كېسلى كۆرۈلگەن بىمارلاردا سوغۇقتىن قورقۇش ، قىززىش ، كۈچسىزلىنىش قاتارلىق پۈتۈن بەدەن ئالامەتلىرى كۆرۈلىدۇ . بۇنىڭدىن سىرت يەرلىك ئورۇن بولغان چاتراقتا ۋە دوۋسۇن قىسمىنىڭ ئۈستى تەرىپىدە بېسىم ھېس قىلىدۇ ، بۇنداق بېسىم ھىسسى بەلگە ، قوساقنىڭ تۆۋەن تەرىپىگە ۋە كاسسا تەرەپكە تارايدۇ . ئۇزۇن ۋاقىت ئولتۇرغاندا بۇنداق ھىس تۇيغۇ تېخىمۇ ئېغىرلىشىدۇ . ئەگەر مەزى بېزى ياللۇغى بىلەن بىرگە يىرىڭلىق ئىششىق بولسا تېخىمۇ ئاغرىپ ، كىچىك تەرەتنىمۇ تەستە قىلىدۇ . 

سۈيدۈك يولىدىكى ئالامەتلەر : كىچىك تەرەت قىززىق ئىسسىق كېلىش ، قىستاپ كېلىدۇ ئەمما ئازلا چىقىدۇ . كىچىك تەرەتكە كۆپ چىقىدىغان بولۇپ قالىدۇ . بەزىدە ئېغىرلاشقاندا كىچىك تەرەتتە قان ياكى يىرىڭ كۆرۈنىدۇ . 

مەقەت يولىدىكى ئالامەتلەر : مەقەت يولى كېڭىيىپ كەتكەندەك تۇيغۇ  بولىدۇ ، تەرەت قىستاپ كېلىدۇيۇ ئەمما چوڭ تەرەت چىقمايدۇ . چوڭ تەرەت قىلغاندا سۈيدۈك يولىدىن ئاق سۇيۇقلۇق ئېقىپ چىقىدۇ . 

سوزۇلما خاراكتېرلىك مەزى بېزى ياللۇغى
سوزۇلما خاراكتېرلىك مەزى بېزى ياللۇغى ​ئىككى تۈرگە ئايرىغىلى بولىدۇ ، بىرى مىكروپ يۇقۇملىنىش خاراكتېرلىك مەزى بېزى ياللۇغى ، يەنە بىرى مەزى بېزى كېسىلى . 

مىكروپ يۇقۇملىنىش خاراكتېرىلىك مەزى بېزى ياللۇغى ئاساسەن جىددىي خاراكتېرىلىك مەزى بېزى ياللۇغىدىن ئايلانغان بولۇپ ، ئالامەتلىرى ئوخشىشىپ كېتىدۇ ، پەقەت ئالامەتلەر بىر قەدەر ئۇزۇنغا سوزۇلىدۇ ھەم سەل يېنىكرەك ئىپادىلىنىدۇ . 

مەزى بېزى كېسىلى بولسا كۆپىنچىسى ۋىرۇستىن يۇقۇملىنىش ، سۈيدۈك يولىدا تاش پەيدا بولۇش ، سوزۇلما خاراكتېرىلىك مەزى بېزىگە قان تولۇش سەۋەبىدىن كېلىپ چىقىدۇ . 

سۈيدۈك يولىدا تاش پەيدا بولۇشنىڭ كۆپ خىل سەۋەبلىرى بولىدۇ ، مەسىلەن يېمەكلىك ئىچىملىك ، ئاسان تاش پەيدا بولىدىغان بەدەن ئالاھىدىلىكى قاتالىقلار سەۋەبلىك بولىدۇ .

سوزۇلما خاراكتېرىلىك مەزى بىزىگە قان تولۇشنىڭ سەۋەبى ئاساسلىقى خىزمەت ياكى ئۆگىنىش سەۋەبلىك ئۇزۇن مۇددەتلىك ئولتۇرۇش ، دائىم قولدا لەززەتلىنىش ، جىنسىي مۇناسىۋەت زىيادە كۆپ بولۇپ كېتىش قاتارلىقلاردۇر . 

ئالدىنقى ماقالىمىزدا ئانانىزىم (جەلەق) بىلەن شوغۇللىنىش تېمىسىدا تەپسىلى توختالدۇق .