ئۇرۇقدان خالتىسى قىچىشىش ئۇرۇقدان خالتىسى كۈچلۈك قىچىشىش بىلەن ئىپادىلىنىدىغان كېسەللىكتىن ئىبارەت

سەۋەبى: بۇ كېسەللىك ھەرخىل يەل خۇسۇسىيەتلىك ماددىلارنىڭ خالتا تېرە قاتلىمىغا ئورۇنلىشىپ قېلىشى،  تېرىنىڭ ئەسەبىي كېسەللىكى ۋە ياللۇغلىنىشى، ئاشقازان، جىگەر كېسەللىكلىرى، دىيابېت كېسەللىكلىرى سەۋەبىدىن كۆرۈلىدۇ. 

ئالامىتى: ئۇرۇقدان خالتىسى تېرىسى چىدىغۇسىز دەرىجىدە قىچىشىپ ئازابلايدۇ، تولا قاشلاشتىن خالتا تېرىسى زىدىلىنىدۇ، قېلىنلىشىپ كېتىدۇ. بىمارنىڭ ئارام ئېلىشى ۋە ئۇخلىشىغا دەخلى يېتىدۇ، قىچىشىش تۈپەيلىدىن بىمار ئەسەبىيلىشىپ تېرىككەك بولۇپ قالىدۇ. 

داۋالاش پىرىنسىپى: يەل ھەيدىگۈچى، قان تازىلىغۇچى، ياللۇغ قايتۇرغۇچى دورىلار بىلەن داۋالاش ئېلىپ بېرىلىدۇ. 


ئالدىنقى ماقالىمىزدا مەزى بېزى ئاغرىش دېگەن نېمە؟ تېمىسىدا تەپسىلى توختالدۇق . ياكى ئانانىزىم (جەلەق) بىلەن شوغۇللىنىش توغرىسىدىكى ماقالىنى ئوقۇپ بېقىشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمىز .