مەزى بېزى ياللۇغى بىلەن ئاغرىغانلارنىڭ مەزى بېزى سۇيۇقلۇقىدا قانداق ئۆزگىرىشلەر بولىدۇ؟

مەزى بېزى سۇيۇقلۇقى نورمال بولسا، سۈت رەڭ، تۇخۇمنىڭ ئېقىدەك پارقىراق بولىدۇ. مەزى بېزى ياللۇغلانغاندا، زور يۇتقۇچى ھۈجەيرىلەر ياغنىڭ كۆپ قىسمىنى يۇتۇۋېلىپ، مەزى بېزى سۇيۇقلۇقىدىكى لېتىستىننى ئازايتىۋېتىدۇ ياكى يوقىتىۋېتىدۇ، بۇنىڭ بىلەن مەزى بېزى سۇيۇقلۇقىنىڭ رەڭگى سارغۇچ، دۇغلاشقان بولىدۇ ياكى ئۇنىڭدا پاختىسىمان نەرسىلەر پەيدا بولىدۇ. ئادەتتە ياللۇغ پەيدا بولغاندا ھەر بىر ھەسسىلەندۈرۈلگەن نۇقتىدىكى ئاق قان ھۈجەيرىسىنىڭ سانى 10 دىن چوڭ بولىدۇ دەپ قارىلىدۇ. مەزى بېزى سۇيۇقلۇقىنى مازوكقا سۈركەپ گىرام رەڭگىنى تەكشۈرسە، دىياگنوز قويۇشقا ياردەم بېرىدىغان ياللۇغلاندۇرغۇچى باكتېرىيەنى تاپقىلى بولىدۇ، بۇ باكتېرىيەنى بېقىپ كۆپەيتكەندىن كېيىنمۇ دىياگنوز قويۇشقا ياردىمى بولىدۇ، ئامما ئۇنىڭ مۇسبەت چىقىش نىسبىتى ناھايىتى تۆۋەن بولىدۇ. 

ئالدىنقى ماقالىمىزدا مەزى بېزى ياللۇغى يەرلىك ئورۇندا قانداق ئارامسىزلىقلارنى پەيدا قىلىدۇ؟ تېمىسىدا تەپسىلى توختالدۇق . ياكى مەزى بېزى ياللۇغى قايسى ئورۇندا ئاغرىق پەيدا قىلىدۇ؟ توغرىسىدىكى ماقالىنى ئوقۇپ بېقىشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمىز .