مەزى بېزى ياللۇغى ئومۇمىي بەدەن خاراكتېرلىك قانداق كېسەللىك ئالامەتلىرىنى پەيدا قىلىدۇ؟

ئادەتتە ئومۇمىي بەدەن خاراكتېرلىك ئالامىتى روشەن بولمايدۇ، ئەمما مەزى بېزى ياللۇغى ئۆتكۈر خاراكتېرلىك قوزغالغان ياكى مەزى بېزى ئىششىغاندا قىزىتىش، كۆڭۈل ئېلىشىش، قۇسۇش، توڭۇپ تىترەش، كوللاپس دېگەنگە ئوخشاش قان بۇزۇلۇش ئالامەتلىرى كۆرۈلىدۇ.

كېسەللىك ئۇشتۇمتۇت قوزغالغاندا ئومۇمىي بەدەن خاراكتېرلىك ئالامىتى قىسمەن جايدىكى ئالامىتىدىن ئۆتكۈر بولىدۇ. ئۆتكۈر خاراكتېرلىك مەزى بېزى ياللۇغى قوشۇمچە ئۇرۇقدان ياللۇغى، ئۇرۇق خالتىسى ياللۇغى ۋە ئۇرۇق نەيچىسى ياللۇغلىرىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ، ئەھۋال ئېغىرلاردا بۆرەك سانجىقىنى پەيدا قىلىشى مۇمكىن. 

ئالدىنقى ماقالىمىزدا مەزى بېزى ياللۇغى بىلەن ئاغرىغانلارنى تەكشۈرگەندە نېمە ئۈچۈن تۈز ئۈچەيدىن بارماق تىقىپ تەكشۈرۈش ئۇسۇلى قوللىنىلىدۇ؟ تېمىسىدا تەپسىلى توختالدۇق . ياكى مەزى بېزى ياللۇغى يەرلىك ئورۇندا قانداق ئارامسىزلىقلارنى پەيدا قىلىدۇ؟ توغرىسىدىكى ماقالىنى ئوقۇپ بېقىشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمىز .