مەزى بېزى ياللۇغى بىلەن ئاغرىغانلارنى تەكشۈرگەندە نېمە ئۈچۈن تۈز ئۈچەيدىن بارماق تىقىپ تەكشۈرۈش ئۇسۇلى قوللىنىلىدۇ؟

مەزى بېزى ياللۇغى بىلەن ئاغرىغانلارنى تەكشۈرگەندە تۈز ئۈچەيدىن بارماقنى تىقىپ تەكشۈرۈشكە توغرا كېلىدۇ، بۇنىڭ دىياگنوزغا ناھايىتى زور ياردىمى بولىدۇ. ئەمما، ئۆتكۈر خاراكتېرلىك مەزى بېزى ياللۇغىغا گىرىپتار بولغانلارنى تۈز ئۈچەيدىن بارماقنى تىقىپ تەكشۈرۈشكە بولمايدۇ، ئۇلارنىڭ مەزى بېزىنى ئۇۋۇلاش چەكلىنىدۇ.

ئالدىنقى ماقالىمىزدا قايسى تەكشۈرۈش ياكى داۋالاش ئۇسۇللىرى مەزى بېزىنى ياللۇغلاندۇرىدۇ؟ تېمىسىدا تەپسىلى توختالدۇق . ياكى مەزى بېزى ياللۇغى ئومۇمىي بەدەن خاراكتېرلىك قانداق كېسەللىك ئالامەتلىرىنى پەيدا قىلىدۇ؟ توغرىسىدىكى ماقالىنى ئوقۇپ بېقىشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمىز .