قايسى تەكشۈرۈش ياكى داۋالاش ئۇسۇللىرى مەزى بېزىنى ياللۇغلاندۇرىدۇ؟

1) دوۋساق ئەينىكى ۋە سۈيدۈك يولى ئەينەكلىرى ئارقىلىق تەكشۈرۈش، سۈيدۈكنى تارتىپ چىقىرىش، سۈيدۈك يولىنى كېڭەيتىش ئوپېراتسىيەلىرى تەلەپ بويىچە ئېلىپ بېرىلمىسا، ئىشلىتىلگەن سايمانلاردا باكتېرىيە بولسا مەزى بېزىنى ياللۇغلاندۇرىدۇ. 

2) مەزى بېزىنى ئۇۋۇلاش قېتىم سانى كۆپ، كۈچەپ ئۇۋۇلانغان بولسىمۇ، مەزى بىزىگە قان تولۇۋېلىپ، سۇلۇق ئىششىق پەيدا بولۇپ ياللۇغلىنىدۇ. 

ئالدىنقى ماقالىمىزدا مەزى بېزى ياللۇغى قايسى كېسەللەردىن پەيدا بولىدۇ ؟ تېمىسىدا تەپسىلى توختالدۇق . ياكى مەزى بېزى ياللۇغى بىلەن ئاغرىغانلارنى تەكشۈرگەندە نېمە ئۈچۈن تۈز ئۈچەيدىن بارماق تىقىپ تەكشۈرۈش ئۇسۇلى قوللىنىلىدۇ؟ توغرىسىدىكى ماقالىنى ئوقۇپ بېقىشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمىز .