مەزى بېزى ياللۇغى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغان كېسەللىكلەر

مەزى بېزى ياللۇغى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغان كېسەللىكلەر


1) بەدەننىڭ ھەرقانداق يېرىدىكى يۇقۇملىنىش، مەسىلەن: تېرە، نەپەس يولى، ئېغىز بوشلۇقى قاتارلىق ئەزالاردىكى يۇقۇملىنىش قان ئارقىلىق كېڭىيىپ مەزى بېزىنى ياللۇغلاندۇرىدۇ. 

2) تۈز ئۈچەي، بوغماق ئۈچەي، تۆۋەنكى سۈيدۈك يولى قاتارلىق مەزى بېزىگە يېقىن ئەزالاردىكى ياللۇغلارمۇ لىمغا كانىلى ئارقىلىق مەزى بېزىنى ياللۇغلاندۇرىدۇ. 

3)مەزى بېزىدە تاش پەيدا بولسا ياكى مەزى بېزى يوغىنىۋالغان بولسا، ئۇنىڭغا قان تولۇۋېلىپ، غەيرىي خاس يۇقۇملىنىشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. 

4) جىنسىي كېسەللىك بىلەن ئاغرىغانلار (كۆپىنچە سۆزنەك شارچە باكتېرىيەسى سەۋەبلىك سۈيدۈك يولى ياللۇغلانغانلار) دا سۆزنەك شارچە باكتېرىيەسى سۈيدۈك يولى ۋە مەزى بېزى نەيچىسى ئارقىلىق مەزى بېزىگە كىرىپ، ئۇنىڭدا كېسەللىك پەيدا قىلىدۇ. 

5) ۋىرۇس، مىكوپىلازما، تامچە قۇرت قاتارلىقلاردىن يۇقۇملانغاندىمۇ مەزى بېزى ياللۇغلىنىدۇ. 


ئالدىنقى ماقالىمىزدا تۇرمۇشتا قايسى ئامىللار مەزى بېزىنى ياللۇغلاندۇرىدۇ؟ تېمىسىدا تەپسىلى توختالدۇق . ياكى قايسى تەكشۈرۈش ياكى داۋالاش ئۇسۇللىرى مەزى بېزىنى ياللۇغلاندۇرىدۇ؟ توغرىسىدىكى ماقالىنى ئوقۇپ بېقىشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمىز .