مەزى بېزىگە كىرىۋالغان باكتېرىيەلەرنىڭ سانى ئازراق بولسا ھەمدە كەينى-كەينىدىن كىرىۋالمىسا مەزى بېزى ئاناتومىيىسىدە ۋە فىزىئولوگىيىسىدە نورمالسىز ئۆزگىرىش بولمايدۇ، ئورگانىزمىنىڭ تاقابىل تۇرۇش ئىقتىدارى كۈچلۈك بولسا باكتېرىيەلەر يوقىلىدۇ

دېمەك، مەزى بېزىگە كىرىۋالغان باكتېرىيەلەرنىڭ ھەممىسى مەزى بېزىنى ياللۇغلاندۇرۇشى ناتايىن. ئەمما، ھەرقانداق بىر ئەھۋالدا مەزى بېزىنىڭ ئاناتومىيەسى ۋە فىزىئولوگىيىسىدە نورمالسىزلىق پەيدا بولسا (مەزى بېزىگە قان تولۇۋالسا، مەزى بېزى زەخىملەنسە ياكى باشقا كېسەللىك ئۆزگىرىشى بولسا ) مەزى بېزىنى ياللۇغلاندۇرۇشى مۇمكىن. 

ئالدىنقى ماقالىمىزدا مەزى بېزى ياللۇغىنى قايسى باكتېرىيەلەر پەيدا قىلىدۇ ؟ تېمىسىدا تەپسىلى توختالدۇق . ياكى تۇرمۇشتا قايسى ئامىللار مەزى بېزىنى ياللۇغلاندۇرىدۇ؟ توغرىسىدىكى ماقالىنى ئوقۇپ بېقىشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمىز .