مەزى بېزى ياللۇغىنى پەيدا قىلىدىغىنى ئاساسلىقى گىرام مەنپىي باكتېرىيەسى بولۇپ، بۇنىڭدا چوڭ ئۈچەي ت

مەزى بېزى ياللۇغىنى پەيدا قىلىدىغىنى ئاساسلىقى گىرام مەنپىي باكتېرىيەسى بولۇپ، بۇنىڭدا چوڭ ئۈچەي تاياقچە باكتېرىيەسى ئاساسىي ئورۇندا، شەكىل ئۆزگەرتكۈچى تاياقچە باكتېرىيە، كىرېبس تاياقچە باكتېرىيەسى، ساختا بىر ئىسپورىلىق باكتېرىيە ئۇرۇقدىشى قاتارلىقلار، شۇنداقلا كەم ئۇچرايدىغان باشقا گىرام مەنپىي باكتېرىيەلىرى ئىككىنچى ئورۇندا تۇرىدۇ.

 گىرام مۇسبەت باكتېرىيىلىرىدىن ئۈچەي شارچە باكتېرىيەسىدىن باشقىلىرى ئاساسەن كېسەللىك پەيدا قىلمايدۇ. سۆزنەك شارچە باكتېرىيەسى، تۇبېركۇليۇز تاياقچە باكتېرىيەسى، زەمبۇرۇغ، تۈكلۈك تامچە قۇرت ۋە مىكوپلازمىلارمۇ ئۆزىگە لايىق مەزى بېزى ياللۇغى پەيدا قىلىدۇ. 

ئالدىنقى ماقالىمىزدا مەزى بېزى قانداق يوللار ئارقىلىق يۇقۇملىنىدۇ؟ تېمىسىدا تەپسىلى توختالدۇق . ياكى مەزى بېزىگە كىرىۋالغان باكتېرىيەلەرنىڭ ھەممىسى مەزى بېزىنى ياللۇغلاندۇرامدۇ؟ توغرىسىدىكى ماقالىنى ئوقۇپ بېقىشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمىز .