مەزى بېزى يۇقۇملىنىش يوللىرى تۆۋەندىكىچە:

1) قان ئارقىلىق يۇقۇملىنىدۇ. بەدەننىڭ يۇقۇملاندۇرۇش ئوچىقىدىكى باكتېرىيەلەر قان بىلەن بىللە مەزى بېزىگە كىرىدۇ. 

2) لىمفا سۇيۇقلۇقى ئارقىلىق يۇقۇملىنىدۇ. تۆۋەندىكى سۈيدۈك يولى ۋە بوغماق ئۈچەيدىكى ياللۇغ لىمفا كانىلى ئارقىلىق مەزى بېزىنى يۇقۇملاندۇرىدۇ. 

3) بىۋاسىتە كېڭىيىدۇ. بۇ مەزى بېزىنىڭ يۇقۇملىنىشىدا ئەڭ كۆپ كۆرۈلىدىغان ئەھۋال. ئارقا سۈيدۈك يولىدىكى يۇقۇم مەزى بېزى نەيچىسى ئارقىلىق مەزى بېزىگە كېڭىيىدۇ: سۈيدۈك يولى سايمانلىرى (دوۋساق ئەينىكى، سۈيدۈك يولى ئەينىكى قاتارلىقلار) بىلەن تەكشۈرۈش ۋە داۋالاش (سۈيدۈكنى سۈيدۈك يولى ئارقىلىق تارتىپ چىقىرىش، سۈيدۈك يولى ئارقىلىق دورا كىرگۈزۈش) قاتارلىق مەشغۇلاتلاردا دېزىنفېكسىيە قائىدىسىگە قاتتىق ئەمەل قىلىنمىسا ۋە ئۈستۈنكى سۈيدۈك يولى يۇقۇملانغان بولسا، باكتېرىيە سۈيدۈك يولى ئارقىلىق مەزى بېزىگە كىرىدۇ. سۆزنەك شارچە باكتېرىيەسى قاتارلىقلارمۇ سۈيدۈك يولى ئارقىلىق يۇقىرىغا يامراپ، مەزى بېزىنى يۇقۇملاندۇرىدۇ. 


ئالدىنقى ماقالىمىزدا مەزى بېزىدىكى يىرىڭلىق ئىششىقنىڭ كلىنىكىدا قانداق ئىپادىلىرى بولىدۇ؟ تېمىسىدا تەپسىلى توختالدۇق . ياكى مەزى بېزى ياللۇغىنى قايسى باكتېرىيەلەر پەيدا قىلىدۇ ؟ توغرىسىدىكى ماقالىنى ئوقۇپ بېقىشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمىز .