مەزى بېزىدىكى يىرىڭلىق ئىششىقنىڭ كىلىنىكىدىكى ئىپادىسى باكتېرىيە مەنبەلىك مەزى بېزى ياللۇغىنىڭكىدىن روشەن بولىدۇ، يەنى سىيگەندىكى توسالغۇ ئالاھىدە ئېغىر بولىدۇ

سۈيدۈك دائىم ئۆتكۈر خاراكتېرلىك توختاپ قالىدۇ، سۈيدۈك يولىدىن بەزىدە يىرىڭلىق ئاجرالمىلار چىقىدۇ، بەزىدە يىرىڭلىق ئىششىق يېرىلىپ، يىرىڭ سۈيدۈك يولى، تۈز ئۈچەي، چات ياكى دوۋساق ئەتراپىدىكى بوشلۇقلارغا كىرىۋېلىپ، قوشقۇچى توقۇلمىلارنى ياللۇغلاندۇرىدۇ. 

ئالدىنقى ماقالىمىزدا قانداق ئالامەتلەر كۆرۈلگەندە مەزى بېزى ياللۇغىدىن گۇمان قىلىشقا بولىدۇ؟ تېمىسىدا تەپسىلى توختالدۇق . ياكى مەزى بېزى قانداق يوللار ئارقىلىق يۇقۇملىنىدۇ؟ توغرىسىدىكى ماقالىنى ئوقۇپ بېقىشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمىز .