مەزى بېزى ياللۇغى بىلەن ئاغرىغانلار كۈندىلىك خىزمەت ۋە يېتىپ-قوپۇشتا نېمىلەرگە دىققەت قىلىشى كېرەك؟

ئادەتتە زۇكام بولۇپ قېلىشتىن، سوغۇق تېگىشتىن ۋە چوڭ تەرەت قېتىپ قېلىشتىن ھەزەر ئەيلەش زۆرۈر. ئۇزاق ئولتۇرىدىغان، ئۇزاق ۋاقىت ۋېلىسىپىت مىنىدىغان، ئاپتوموبىل ھەيدەيدىغان ۋە تۇرالغۇسى نەم جايدا بولغانلاردىن بۇ كېسەللىك بىلەن ئاغرىيدىغانلارنىڭ نىسبىتى بىرقەدەر يۇقىرى بولىدۇ، شۇڭا ئۇزاق ئولتۇرۇشقا، ۋېلىسىپىت مىنىشكە ياكى ئۇزاق ۋاقىت ئاپتوموبىل ھەيدەشكە بولمايدۇ، ئۇنداق بولمىغاندا مەزى بېزى بېسىلىپ، ئۇنىڭدا قاننىڭ ئايلىنىشىغا تەسىر يېتىدۇ. 

ئالدىنقى ماقالىمىزدا مەزى بېزى ياللۇغى ھالەت ئۆزگىرىش كېسەللىكلىرىنى پەيدا قىلامدۇ؟ تېمىسىدا تەپسىلى توختالدۇق . ياكى قانداق ئالامەتلەر كۆرۈلگەندە مەزى بېزى ياللۇغىدىن گۇمان قىلىشقا بولىدۇ؟ توغرىسىدىكى ماقالىنى ئوقۇپ بېقىشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمىز .