ئومۇمەن نىكاھلىنىپ بىللە ئۆتۈپ ئۈچ يىلدىن ئارتۇق ۋاقىتقىچە ھامىلىدار بولماسلىق، تۇغماسلىق دەپ ئاتىلىدۇ تۇغماسلىق ھەقىقىي تۇغماسلىق، غەيرىي تۇغماسلىق دەپ ئىككى تۈرگە بۆلىنىدۇ ھەقىقىي توغماسلىق تۇغما ھالدىكى تۇغماسلىققا، غەيرىي ھەقىقىي تۇغماسلىق بىر- ئىككىنى تۇغۇپ بولغاندىن كېيىن ھەرخىل كېسەللىكلەر سەۋەبىدىن تۇغماس قالغانلىقىغا ئېيتىلىدۇ


سەۋەبى:

تۇغماسلىققا تەسىر قىلىدىغان ئامىللار ناھايىتى كۆپ بولۇپ:
 1. ئەر كىشى تەرەپتە: تۇغماسلىقنىڭ %35-%30 سەۋەبى ئەر كىشى تەرەپتە بولۇپ تەكشۈرگەندە مەنى ئىچىدە ئۇرۇق تاق ياكى سانى ئاز، ھەرىكەتلىنىش ئىقتىدارى زەئىپ، شەكلى غەيرىي نورمالنى بولۇش قاتارلىقلار بايقىلىدۇ. بۇنىڭ مۇتلەق كۆپ قىسمى ئۇرۇقداننىڭ تەرەققىياتى تۇغما ناچار بولۇش، ئۇرۇقدان قورۇلۇپ يىگىلەپ كەتكەنلىكتىن ئۇرۇقدان يۇشۇرۇن خالتىغا چۈشمەسلىك، قالقان بەز مېڭە ئۈستى ھورمۇنى قاتارلىقلارنىڭ خىزمىتى ناچار بولۇش ياكى ئۇرۇق ئۆتكۈزۈش نەيچىسى ياللۇغى سەۋەبىدىن كېلىپ چىقىدۇ.

ئايال تەرەپتىكى سەۋەبلەر:

 1) ئاياللارنىڭ مىزاجىنىڭ ماددىسىز بۇزۇلۇشى يەنى بەدەندە ئىسسىقلىق، سوغۇقلۇق، ھۆللۈك ياكى قۇرۇقلۇقنىڭ بىرەرسى ئۆلچەمدىن زىيادە بولۇپ قېلىشىدىن كېلىپ چىقىدۇ.

 2) ئومۇمىي بەدەن ياكى مىزاجىنىڭ ماددىلىق  بوزۇلۇشلىرى يەنى قان، سەپرا سەۋدا ياكى بەلغەم خىلىتىدىن بىرىنىڭ نورمالسىز بولۇشىدىن كېلىپ چىقىدۇ.

 3) تۇخۇمدان خىزمىتى ياخشى بولماسلىق: يەنى تۇخۇمداننىڭ تۇخۇم ياكى سېرىق تەنچە چىقىرىش ئىقتىدارى ناچار بولۇپ بالىياتقۇ ئىچكى پەردىسى ياخشى تەرەققىي قىلماي، ئۇرۇقلانغان تۇخۇمنىڭ ئورۇنلىشىشىغا مۇۋاپىق بولماسلىق، ئىچكى ئاجراتما بەزلىرىدىن قالقان بەز مېڭە ئۈستۈنكى ھورمۇنى ياكى بۆرەك ئۈستى بەزلىرىنىڭ خىزمىتىنىڭ قالايمىقانلىشىش كېسەللىكلىرى، ئوزۇقلىنىش ناچارلىق قاتارلىقلارنىڭ تۇخۇمدان خىزمىتىگە تەسىر قىلىشىدىن كېلىپ چىقىدۇ.

 4) بالىياتقۇ بوينىدىكى ئامىللار: بالىياتقۇ بوينىدىكى شىلىمشىق سويۇقلۇقلار ئايال كىشى تۇخۇم ئاجرىتىپ چىقىۋاتقان مەزگىلدە ئاددەتتىكىدىن كۆپىيىپ ئۆزىنىڭ ئىشقارلىق تەسىرى بىلەن جىنسىي يولدىكى كىسلاتالىق سۇيۇقلۇقنى مۆتىدىللەشتۈرۈپ، ئاتىلىق ئۇرۇقنىڭ ھەرىكەتلىنىشىگە تەسىر يەتكۈزۈپ، بالىياتقۇ بوينىدىن چىقىرىدىغان شىلىمشىق سۇيۇقلۇقى قۇيۇلۇپ ياكى نۇرغۇن ئاق قان ھۈجەيرىسى پەيدا بولۇپ ئۇرۇقداننىڭ كىرىشىگە تەسىر يەتكۈزۈش. بۇنىڭ سىرتىدا بالىياتقۇ بوينى بوۋاسىرى ياكى مۇسكۇل ئۆسمىسىمۇ ئۇرۇقنىڭ بالىياتقۇغا كىرىشىگە دەخلى يەتكۈزىدۇ.

 5) بالياتقۇدىكى ئامىللار: بالىياتقۇ مۇسكۇل ئۆسمىسى بالىياتقۇ بوينى ياكى تۇخۇم ئۆتكۈزۈش نەيچىسىنىڭ ئارىلىق قىسىملىرىنى توسۇپ قويۇش، شىللىق پەردە ئاستىدىكى مۇسكۇل ئۆسمىسى ئۇرۇقلانغان تۇخۇمنىڭ بالىياتقۇغا ئورۇنلىشىغا دەخلى قىلىش ياكى بالىياتقۇنىڭ تولۇق تەرەققىي قىلالماسلىقىنى كەلتۈرۈپ چىقارغان ھامىلىدار بولالماسلىق، بالىياتقۇ ئارقىسىغا ئىگىلىۋالغانلىقتىن ئورۇقلانغان تۇخۇم ئەركىن كىرەلمەي قېلىش، سىل كېسىلىگە گىرىپتار بولۇش، بالىياتقۇنى سوغۇق قاپلاپ كېتىش، قالايمىقان جىنسىي مۇناسىۋەت ئۆتكۈزۈش ۋە قۇۋۋەتنىڭ ئاجىزلىقى سەۋەبىدىن كېلىپ چىقىدۇ.


ئالدىنقى ماقالىمىزدا نۇر چۈشۈشنىڭ يېتەرسىز بولۇشى ئەرلەرنىڭ پەرزەنت كۆرەلمەسلىكىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىكەن تېمىسىدا تەپسىلى توختالدۇق . ياكى مەزى بېزى بىمارلىرى سەمىگە… توغرىسىدىكى ماقالىنى ئوقۇپ بېقىشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمىز .