مەنى ئاغرىپ كېلىش دىگىنىمىز ، مەنى كەلگەندە زەكەر ، سۈيدۈك يولى ، ئەۋرەت ھەم تۆۋەنكى قوساق قىسمىدا ئۆتكۈنچە ئاغرىشنى كۆرسىتىدۇ مەنى كېلىش ۋاقتى ئەرلەرنىڭ جىنسىي مۇناسىۋەت جەريانىدىكى ھېسسىياتنىڭ يۇقىرى پەللىگە يەتكەن ۋاقتىنى كۆرسىتىدۇ بۇ جەرياننى

      جىنسىي مېدىتسىناسىنىڭ تەتقىقاتىغا ئاساسلانغاندا ، مەنى ئاغرىتىپ كېلىش كۆپىنچە كۆپىيىش سىستېمىسىدىكى ئەزا خاراكتىرلىك كېسەللىك ئۆزگىرىشلەر سەۋەبىدىن پەيدا بولىدۇ . ئاساسلىقى تۆۋەندىكى بىرقانچە نۇقتىغا يىغىنچاقلىغىلى بولىدۇ :
 
 
      سۈيدۈك يولى ھەم جىنسىي ئورگانلار ئەرلەر تۆۋەنكى سۈيدۈك يولى يۇقۇملىنىشىغا گىرىپتار بولغاندا مەنى ئاغرىپ كېلىش ئەھۋاللىرى كۆرۈلىدۇ . بۇ سۈيدۈك يولى ياللۇغى ، دوۋسون ياللۇغى ، مەزى بېزى ياللۇغىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ . بۇ يۇقۇملىنىشلار يەرلىك ئورۇنلارىدىكى توقۇلمىلارنىڭ ئىششىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ . مەنى كەلگەن چاغدىكى مۇسكۇللارنىڭ رىتىملىق تارتىشىشى بۇ ياللۇغ ئورۇنلىرىغا تەسىر كۆرسىتىپ ئاغرىق پەيدا قىلىدۇ . ئۇرۇق خالتىسى ياللۇغى ھەم يان ئۇرۇقدان ياللۇغىمۇ مەنى ئاغرىتىپ كېلىش ئەھۋالىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ . بەزى بىمارلاردا يەنە ئاغرىق سەۋەبىدىن مەنى يۈرۈپ كېتىش ئەھۋاللىرىمۇ كۆرۈلىدۇ .
 
      ئەرلەر سۈيدۈك يولى سىستېمىسى ئورگانلىرىدا كۆرۈلگەن جاھىل خاراكتىرلىك ئۆسمىلەرمۇ مەنى ئاغرىتىپ كېلىش ئەھۋالىنى كەلتۈرۈپ چقىرىدۇ . مەسىلەن ئۇرۇقتان ، يان ئۇرۇقداندا ئۆسمە كۆرۈلگەندە ، جىنسىي مۇناسىۋەتتىكى بېسىم ھەم ئۇرۇقداننىڭ ھەرىكەتلىنىشىدە ئاغرىق پەيدا قىلىدۇ . لېكىن بۇ خىل ئاغرىق ئالدىنقى سەۋەبلەر كەلتۈرۈپ چىقارغان ئاغرىقتىن سەل يېنىكرەك بولۇپ ، كۆپىنچە ئىچىدىن سىېزىلەر-سېزىلمەس ئاغرىيدۇ . مەزى بېزى ، ئۇرۇق خالتىسى ، ئۇرۇق توشۇش نەيچىسى قاتارلىق ئورۇنلاردا ئۆسمە پەيدا بولۇش مۇمكىنچىلىكى بىر قەدەر تۆۋەن بولسىمۇ ، لېكىن پەيدا بولغاندىمۇ بىرقەدەر يوشۇرۇن ئاغرىقنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ . شۇڭا مۇشۇنداق ئاغرىق پەيدا بولغاندا چوقۇم ئەھمىيەت بېرىش لازىم .
 
 
       بۇنىڭدىن سىرت ، ئەرلەر سۈيدۈك يولى تۇبىركۇليۇزى ھەم ، سۈيدۈك يولىدا گۆش ئۆسۈندىسى پەيدا بولۇپ قېلىش ، زەكەر قاتتىق تۈگۈن ئالامىتى قاتارلىق كېسەللىكلەرمۇ مەنى ئاغرىپ كېلىشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ ؛ جىنسىي مۇناسىۋەت ئۆتكۈزگەندە ھەرىكەت بەك ئېغىر بولۇپ كېتىش ، جىنسىي تۇرمۇش قېتىم سانى كۆپلەپ كېتىش قاتارلىقلار سەۋەبىدىن جىنسىي ئورگانلارغا ئېغىر بېسىم ئېلىپ كەلسىمۇ ، ئاغرىق پەيدا قىلىدۇ .
 
      جىنسىي مۇتەخخەسىسلىرى شۇنى تەۋسىيە قىلىپ مۇنۇلارنى ئەسكەرتمەكتە ، جىنسىي تۇرمۇش ئادەتتە نورمال كېلىپ ، تۇيۇقسىز مەنى ئاغرىپ كېلىش ئەھۋاللىرى كۆرۈلسە بۇ كېسەللىكنىڭ ئالامىتى ئىكەنلىكىدىن بىشارەت بېرىدىغانلىقىنى ، بالدۇرراق دوختۇرخانىغا بېرىپ تەكشۈرتۈپ بېقىشى لازىم . كىسەللىك ۋاقتىدا جىنسىي تۇرمۇشنى پەرز تۇتۇش ئارقىلىق كېسەللىك ئەزاغا بولغان غىدىقلاشنى ئازايتىش ، دىئاگنوزى ئېنىق بولغان كېسەللىكلەر ۋاقتىدا داۋالاشقا ئەھمىيەت بېرىش لازىم . 

ئالدىنقى ماقالىمىزدا مەزى بېزى قورقىدىغان بىر نەچچە ئامىل تېمىسىدا تەپسىلى توختالدۇق . ياكى جەلەق دىگەن نىمە؟ توغرىسىدىكى ماقالىنى ئوقۇپ بېقىشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمىز .