ئاۋسترالىيەدە ئىشلەنگەن پەرزەنت كۆرەلمەسلىك ھەققىدىكى بىر تەتقىقاتتىن مەلۇم بولۇش

ئاۋسترالىيەدە ئىشلەنگەن پەرزەنت كۆرەلمەسلىك ھەققىدىكى بىر تەتقىقاتتىن مەلۇم بولۇشىچە، جورىسى ھامىلىدار بولمايدىغان ئەرلەردە ئومۇميۈزلۈك ۋىتامىن D كەمچىل بولۇش ئەھۋالى بولىدىكەن.

ئاۋسترالىيە تۇغماسلىق، پەرزەنت كۆرمەسلىكنى داۋالاش مەركىزىدىكى دوكتور ئاننىي كلارك پەرزەنت كۆرەلمەسلىك كېسىلىگە گىرىپتار بولغان 800 گە يېقىن ئەرنىڭ قېنىنى تەكشۈرگەندە، ئۇلارنىڭ ئۈچتىن بىرىنىڭ بەدىنىدىكى ۋىتامىن D نىڭ نورمال سەۋىيەدىن تۆۋەن، شۇنىڭ بىلەن بىللە فۇلىك كىسلاتاسى يېتەرسىز ئىكەنلىكىنى بايقىغان. ۋىتامىن D بىلەن فۇلىك كىسلاتاسىنىڭ يېتەرسىز بولۇشى ئاياللارنىڭ ھامىلىدار بولماسلىقى بىلەن مۇناسىۋەتلىك ئىكەن. 
 
   تەتقىقاتچىلارنىڭ قارىشىچە، ۋىتامىن D بىلەن فۇلىك كىسلاتاسىنىڭ يېتەرسىز بولۇشى DNA ئۈزۈلۈش چاستوتىنىڭ يۇقىرىراق بولۇشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىشى مۇمكىن بولۇپ، نۇر چۈشۈشنى قوبۇل قىلىش ۋىتامىن D نى تولۇقلاشتىكى ئۈنۈملۈك ئۇسۇل ئىكەن.
 

ئالدىنقى ماقالىمىزدا نېمە ئۈچۈن تاشقى ئايلانما رايون مەزى بېزى ياللۇغى ئوڭاي پەيدا بولىدىغان ئورۇن د تېمىسىدا تەپسىلى توختالدۇق . ياكى مەزى بېزى ئۆسۈپ قېلىشنىڭ دەسلەپكى ئالامەتلىرى قانداق؟ توغرىسىدىكى ماقالىنى ئوقۇپ بېقىشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمىز .