مەزى بېزى ياللۇغىنى پەيدا قىلىدىغىنى ئاساسلىقى گرام مەنپىي باكتېرىيىسى بولۇپ، بۇن

 مەزى بېزى ياللۇغىنى پەيدا قىلىدىغىنى ئاساسلىقى گرام مەنپىي باكتېرىيىسى بولۇپ، بۇنىڭدا چوڭ ئۈچەي تاياقچە باكتېرىيسى ئاساسىي ئورۇندا، شەكىل ئۆزگەرتكۈچى تاياقچە باكتېرىيە، كرېبس تاياقچە باكتېرىيىسى، ساختا بىر سپورىلىق باكتېرىيە ئۇرۇقدىشى قاتارلىقلار، شۇنداقلا كەم ئۇچرايدىغان باشقا گرام مەنپىي باكتېرىيىلىرى ئىككىنچى ئورۇندا تۇرىدۇ.

گرام مۇسبەت باكتېرىيىلىرىدىن ئۈچەي شارچە باكتېرىيىسىدىن باشقىلىرى ئاساسەن كېسەللىك پەيدا قىلمايدۇ. سۆزنەك شارچە باكتېرىيىسى، تۇبېركۇليوز تاياقچە باكتېرىيىسى، زەمبۇرۇغ، تۈكلۈك تامچە قۇرت ۋە مىكوپلازمىلارمۇ ئۆزىگە لايىق مەزى بېزى ياللۇغى پەيدا قىلىدۇ. 

گرام مەنپىي باكتېرىيىسى|革兰氏阴性菌
گرام مۇسبەت باكتېرىيىسى|革兰氏阳性菌


ئالدىنقى ماقالىمىزدا مەزى بېزى ياللۇغى قايسى كېسەللەردىن پەيدا بولىدۇ ؟ تېمىسىدا تەپسىلى توختالدۇق . ياكى نېمە ئۈچۈن تاشقى ئايلانما رايون مەزى بېزى ياللۇغى ئوڭاي پەيدا بولىدىغان ئورۇن د توغرىسىدىكى ماقالىنى ئوقۇپ بېقىشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمىز .