1) مەنىي چىقىرىشتىن ئىلگىرى: مەزى بېزىنىڭ ئالدى قورۇغۇچى مۇسكۇلى بىلەن ئىچكى قورۇغۇ

 1) مەنىي چىقىرىشتىن ئىلگىرى:  مەزى بېزىنىڭ ئالدى قورۇغۇچى مۇسكۇلى بىلەن ئىچكى قورۇغۇچى مۇسكۇلى يىغىلغان ھالەتتە بولىدۇ، سۈيدۈك يولىنىڭ مەزى بېزىدىكى يېقىن ئۇچى ئېچىلمايدۇ، شۇڭا دوۋساقتىن ئايرىلىپ تۇرىدۇ، ئەمما مەزى بېزىنىڭ تۆۋەن تەرىپىدىكى سۈيدۈك يولى بوشلۇقى كېڭىيىپ، سىرتقى قورۇغۇچى مۇسكۇلنى بوشاشتۇرۇپ، يىراقراق يان تەرەپتىكى سۈيدۈك يولى بىلەن تۇتاشتۇرىدۇ، بۇنىڭ بىلەن مەنىي چىقارغاندا باكتېرىيىلەر يۇقىرىغا سىلجىشقا شارائىت يارىتىلىپ، مەزى بېزىگە كىرىپ ئۇنى ياللۇغلاندۇرىدۇ. 
 
2) مەنىي تەن ئىچىدە چىققاندا: مەنىي چىققاندا مەزى بېزى نەيچىسى بىلەن مەنىي چىقىرىش نەيچىسىنىڭ يۆنىلىشى پارالېل بولىدۇ، ئېغىزى سۈيدۈك يولى ۋە سۈيدۈكنىڭ چىقىش يۆنىلىشىگە قاراپ ئېچىلىدۇ، مەنىي چىققاندا مۇسكۇل يىغىلىدۇ. بۇ ھال مەنىينىڭ چىقىشىغا پايدىلىق بولۇپلا قالماي، مەزى بېزىدىكى باكتېرىيىلەرنىڭ چىقىلپ كېتىشىگىمۇ پايدىلىق. ئەمما مەزى بېزىنىڭ تاشقى ئايلانما نەيچىسىدىكى باكتېرىيىلەر ئاسانلىقچە چىقىپ كەتمەيدۇ. 
 
3) مەنىي تەن سىرتىغا چىققاندا: تاشقى قورۇغۇچى مۇسكۇل ۋە شارچە بۇلۇتسىمان مۇسكۇللار يىغىلىپ مەنىينى زەكەرگە ھەيدەيدۇ. تاشقى قورۇغۇچى مۇسكۇل يىغىلىپ سۈيدۈك يولىنىڭ مەزى بەز قىسمىدىكى تۆۋەنكى ئۇچىنى ئېتىۋېتىدۇ، شۇنىڭ بىلەن بۇ يەردە بېسىم ئېشىپ، باكتېرىيىلەرنىڭ مەزى بېزى سىرتقى ئايلانما نەيچىسىگە كىرىۋېلىشىغا شارائىت يارىتىلىدۇ. مەزى بېزى كۆپ ھاللاردا سىرتقى ئايلانما نەيچىسى ئارقىلىق يۇقۇملانغاچقا، مەزى بېزى ئادەتتە كېسىپ ئېلىۋېتىلگەن تەقدىردىمۇ ياللۇغلىنىش مەسىلىسىنى پۈتۈنلەي ھەل قىلىپ كەتكىلى بولمايدۇ. 

ئالدىنقى ماقالىمىزدا مەزى بېزى ياللۇغىنىڭ قانداق ئالاھىدىلىكى بار؟ تېمىسىدا تەپسىلى توختالدۇق . ياكى مەزى بېزى ياللۇغى قايسى كېسەللەردىن پەيدا بولىدۇ ؟ توغرىسىدىكى ماقالىنى ئوقۇپ بېقىشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمىز .