مەزى بېزى سۇيۇقلۇقى نورمال بولسا، سۈت رەڭ، تۇخۇمنىڭ ئېقىدەك پارقىراق بولىدۇ مەزى

 مەزى بېزى سۇيۇقلۇقى نورمال بولسا، سۈت رەڭ، تۇخۇمنىڭ ئېقىدەك پارقىراق بولىدۇ.

مەزى بېزى ياللۇغلانغاندا، زور يۇتقۇچى ھۈجەيرىلەر ياغنىڭ كۆپ قىسمىنى يۇتۇۋېلىپ، مەزى بېزى سۇيۇقلۇقىدىكى لېتىستىننى ئازايتىۋېتىدۇ ياكى يوقىتىۋېتىدۇ، بۇنىڭ بىلەن مەزى بېزى سۇيۇقلۇقىنىڭ رەڭگى سارغۇچ، دۇغلاشقان بولىدۇ ياكى ئۇنىڭدا پاختىسىمان نەرسىلەر پەيدا بولىدۇ.

ئادەتتە ياللۇغ پەيدا بولغاندا ھەر بىر ھەسسىلەندۈرۈلگەن نۇقتىدىكى ئاق قان ھۈجەيرىسىنىڭ سانى 10 دىن چوڭ بولىدۇ دەپ قارىلىدۇ. مەزى بېزى سۇيۇقلۇقىنى مازوكقا سۈركەپ گرام رەڭگىنى تەكشۈرسە، دىئاگنوز قويۇشقا ياردەم بېرىدىغان ياللۇغلاندۇرغۇچى باكتېرىيىنى تاپقىلى بولىدۇ، بۇ باكتېرىيىنى بېقىپ كۆپەيتكەندىن كېيىنمۇ دىئاگنوز قويۇشقا ياردىمى بولىدۇ، ئامما ئۇنىڭ مۇسبەت چىقىش نىسبىتى ناھايىتى تۆۋەن بولىدۇ. 

ئالدىنقى ماقالىمىزدا مەزى بېزى ياللۇغى بىلەن ئاغرىغانلارنىڭ مەنىيسىنى تەكشۈرۈشنىڭ قانداق ئەھمىيىتى با تېمىسىدا تەپسىلى توختالدۇق . ياكى ئاستا خاراكتېرلىك مەزى بېزى ياللۇغىنى تۈز ئۈچەيدىن بارماقنى تىقىپ تەكشۈرگەندە نې توغرىسىدىكى ماقالىنى ئوقۇپ بېقىشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمىز .