ئانتىبىئوتىك|抗生素|كاڭ شىڭ سۇ|antibioticمەزى بېزى ياللۇغى سۈيدۈك يولىدىكى يۇقۇملىنىشتىن بو

ئانتىبىئوتىك|抗生素| كاڭ شىڭ سۇ|antibiotic

مەزى بېزى ياللۇغى سۈيدۈك يولىدىكى يۇقۇملىنىشتىن بولغانلاردا چوڭ ئۈچەي تاياقچە باكتېرىيىسى ئاساسلىق يۇقۇملاندۇرغۇچى ھېسابلىنىدۇ، قاننىڭ يۇقۇملىنىشىدىن بولغانلاردا سېرىق ئۈزۈمسىمان شارچە باكتېرىيە ئاساسلىق يۇقۇملاندۇرغۇچى ھېسابلىنىدۇ. شۇڭا، مەزى بېزى ئۆتكۈر خاراكتېرلىك ياللۇغلانغانلارغا كەڭ سىپېكتىرلىق ئانتىبىئوتىك ئىشلىتىلسە ئۈنۈمى ياخشى بولىدۇ. 
 
ئاستا خاراكتېرلىك مەزى بېزى ياللۇغىنى داۋالاشنىڭ ئۇسۇلى خېلى كۆپ، ئەمما «ئالاھىدە شىپالىق خاس دورا» كۆپ ئەمەس. دورا توختىتىلغان ھامان يەنە قوزغايدۇ. ئادەتتە ئىشلىتىلىۋاتقان ئانتىبىئوتىكلار مەزى بېزى توقۇلمىسىغا سىڭىپ كىرەلمەيدىغان بولغاچقا، ئۈنۈمى تۆۋەنرەك بولىدۇ. ئاستا خاراكتېرلىك مەزى بېزى ياللۇغىنى داۋالاشتا ئالدى بىلەن مەزى بېزى سۇيۇقلۇقىدىكى باكتېرىيىنى يېتىشتۈرۈپ ھەمدە ئۇنىڭ دورىغا سەزگۈرلۈك دەرىجىسىنى تەجرىبە قىلىپ كۆرگەندىن كېيىن، تەجرىبە نەتىجىسىگە ئاساسەن ئۈنۈمى بولىدىغان ئانتىبىئوتىك دورىلارنى تاللاپ ئىشلىتىش لازىم. 
 
شۇڭا، مەزى بېزىياللۇغى بىلەن ئاغرىغانلار مۇنتىزىم دوختۇرخانىلارنىڭ دۈيدۈك يولى كېسەللىكلىرى بۆلۈمىدە تەكشۈرتۈپ، دوختۇرنىڭ كۆرسەتمىسى بويىچە مۇۋاپىق كېلىدىغان ئانتىبىئوتىكلارنى ئىشلىتىشى كېرەك. 

ئالدىنقى ماقالىمىزدا مەزى بېزى ياللۇغىنىڭ ساقايغانلىقىغا قانداق ھۆكۈم قىلىنىدۇ؟ تېمىسىدا تەپسىلى توختالدۇق . ياكى مەزى بېزى ياللۇغى بىلەن ئاغرىغانلار بۇ كېسەللىككە قانداق مۇئامىلە قىلىشى كېرەك؟ توغرىسىدىكى ماقالىنى ئوقۇپ بېقىشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمىز .