مەزى بېزى ئاغرىش دېگەن نېمە؟مەزى بېزىنىڭ ئاغرىشىدىكى سەۋەب تېخى ئېنىق ئەمەس ئۇنىڭ

 مەزى بېزى ئاغرىش دېگەن نېمە؟ 
 
مەزى بېزىنىڭ ئاغرىشىدىكى سەۋەب تېخى ئېنىق ئەمەس. ئۇنىڭ ئاغرىغانلىقى ھەقىقىي يۇقۇملانغانلىقىدىن بولماستىن، بەلكى داس بوشلۇقى ئاستىدىكى مۇسكۇلنىڭ ئادەت خاراكتېرلىك تارتىشىپ قالغانلىقى ۋە سىپازمىلانغانلىقىدىن بولىدۇ.

بۇ بەلكىم داس بوشلۇقى ئاستىدىكى مۇسكۇلنىڭ نورمالسىزلاشقانلىقى بىلەن مۇناسىۋەتلىك بولۇشى مۇمكىن. بۇ كېسەللىك كۆپىنچە قىسمەن جايدىكى ئاغرىق ۋە ياللۇغ بىلەن مۇناسىۋەتلىك بولىدۇ، روھىي ئامىلنىڭ بەلگىلىك تەسىرى بولىدۇ. 

مەزى بېزى ئاغرىشنىڭ كلىنكىدا قانداق ئالاھىدىلىكى بولىدۇ؟ 
 
مەزى بېزىدىكى ئاغرىق ياشلار ۋە قىرانلاردا كۆپرەك كۆرۈلىدۇ. بۇ غەيرىي خاس مەزى بېزى ياللۇغىنىڭ ئالامىتى بولسىمۇ، لېكىن ئادەتتە ئاغرىق كىشىدە سۈيدۈك ئاجرىتىش سىستېمىسى يۇقۇملانغانلىق تارىخى بولمايدۇ. 

مەزى بېزى ئاغرىغاندا قانداق پاتولوگىيىلىك ئۆزگىرىش بولىدۇ؟ 
 
مەزى بېزى ئاغرىيدىغانلارنىڭ مەزى بېزىدە ياللۇغلىنىشتىن پەيدا بولغان روشەن پاتولوگىبلىك ئۆزگىرىش بولمايدۇ. بۇ يەردىكى ئاغرىق نىرۋا غىدىقىغا قايتۇرۇلغان بىرخىل ئىنكاستىنلا ئىبارەت. بۇنىڭ بىلەن قاننىڭ يېپىشقاقلىقى ئېشىپ كېتىشى ھەمدە بەدەن سۇيۇقلۇقىنىڭ تەڭشىلىشىگە تەسىر يېتىش ئارقىلىق ئۇششاق قان تومۇرلاردا ئۆزگىرىش پەيدا بولۇشى، ئاخىرىدا ئۇششاق قان تومۇرلاردا قاننىڭ ئايلىنىشىغا قارىتا توسالغۇ پەيدا بولۇشى مۇمكىن. 


مەزى بېزى ئاغرىيدىغانلارنىڭ مەزى بېزىنى تۈز ئۈچەيدىن بارماقنى تىقىپ تەكشۈرگەندە نېمىلەر مەلۇم بولىدۇ ؟ 
 
مەزى بېزى نورمال چىقىدۇ، ئەمما ئۇنىڭ ئىككى يېنىدىكى مەقئەتنى كۆتۈرگۈچى مۇسكۇل ۋە يانپاش سىرتىدىكى تولغىغۇچى مۇسكۇل بېسىلىپ ئاغرىش سېزىمى پەيدا بولىدۇ.

ئالدىنقى ماقالىمىزدا مەزى بېزى ئاغرىغاندا ئاساسلىقى قانداق ئالامەتلەر كۆرۈلىدۇ؟ تېمىسىدا تەپسىلى توختالدۇق . ياكى مەزى بېزى ياللۇغى ساقايغاندىن كېيىن قانداق بولىدۇ ؟ توغرىسىدىكى ماقالىنى ئوقۇپ بېقىشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمىز .