مەزى بېزى ئاغرىغاندا ئاساسلىقى قانداق ئالامەتلەر كۆرۈلىدۇ؟1) چاتراق، زەكەر، دوۋسۇن

 مەزى بېزى ئاغرىغاندا ئاساسلىقى قانداق ئالامەتلەر كۆرۈلىدۇ؟ 
 
1) چاتراق، زەكەر، دوۋسۇن سۆڭەكنىڭ ئۈستى تەرىپى، ئۇرۇقدان خالتىسى، سۈيدۈك يولى قاتارلىق سىيىش بىلەن مۇناسىۋىتى بولمىغان داس بوشلۇقى ئاغرىيدۇ. 
 
2) سىيىشتە ئىككىلىنىش، سۈيدۈك چىقىۋېتىپ توختاپ قېلىش، سۈيدۈك ئىنچىكە چىقىش، سىيگەندە بېسىم بولماسلىق ۋە سىيىپ بولغاندى كېيىن سۈيدۈك تامچىلاشقا ئوخشاش نورمالسىزلىقلار كۆرۈلىدۇ. 
 
3) سۈيدۈك قىستاش، پات-پات سىيىش ۋە كېچىدە سىيىش قېتىم سانى كۆپىيىشكە ئوخشاش غىدىقلىغۇچى سۈيدۈك چىقىرىش فۇنكىسىيىسىدە نورمالسىزلىقلار كۆرۈلىدۇ. 
 
4) مەزى بېزى ئاغرىيدىغانلارنىڭ كۆپچىلىكىدە جىددىيلىشىش، تەشۋىشلىنىش، خامۇش بولۇپ قېلىشقا ئوخشاش نېرۋا ئاجىزلىقنىڭ ئالامەتلىرى كۆرۈلىدۇ. 

ئالدىنقى ماقالىمىزدا مەزى بېزىدىكى يىرىڭلىق ئىششىق تېمىسىدا تەپسىلى توختالدۇق . ياكى مەزى بېزى ئاغرىش توغرىسىدىكى ماقالىنى ئوقۇپ بېقىشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمىز .