مەزى بېزىدىكى يىرىڭلىق ئىششىقنىڭ كلىنىكىدا قانداق ئىپادىلىرى بولىدۇ؟مەزى بېزىدىكى

 مەزى بېزىدىكى يىرىڭلىق ئىششىقنىڭ كلىنىكىدا قانداق ئىپادىلىرى بولىدۇ؟ 
 
مەزى بېزىدىكى يىرىڭلىق ئىششىقنىڭ كلىنىكىدىكى ئىپادىسى باكتېرىيە مەنبەلىك مەزى بېزى ياللۇغىنىڭكىدىن روشەن بولىدۇ، يەنى سىيگەندىكى توسالغۇ ئالاھىدە ئېغىر بولىدۇ، سۈيدۈك دائىم ئۆتكۈر خاراكتېرلىك توختاپ قالىدۇ، سۈيدۈك يولىدىن بەزىدە يىرىڭلىق ئاجرالمىلار چىقىدۇ، بەزىدە يىرىڭلىق ئىششىق يېرىلىپ، يىرىڭ سۈيدۈك يولى، تۈز ئۈچەي، چات ياكى دوۋساق ئەتراپىدىكى بوشلۇقلارغا كىرىۋېلىپ، قوشقۇچى توقۇلمىلارنى ياللۇغلاندۇرىدۇ. 
 
مەزى بېزىدىكى يىرىڭلىق ئىششىققا قانداق دىئاگنوز قويۇلىدۇ؟ 
 
مەزى بېزىدىكى يىرىڭلىق ئىششىققا دىئاگنوز قويۇشتا ئاساسلىقى دوۋساقنىڭ غىدىقلىنىش ئالامەتلىرى، سۈيدۈك يولىنىڭ توسۇلۇپ قېلىش ئالامەتلىرى ۋە ئومۇمىي بەدەن خاراكتېرلىك زەھەرلىنىش ئالامەتلىرى ئاساس قىلىنىدۇ. تۈز ئۈچەيدىن بارماقنى تىقىپ تەكشۈرگەندىمۇ مەزى بېزىدىكى ئۆزگىرىشنى بىلگىلى بولىدۇ. 
 
مەزى بېزىدىكى يىرىڭلىق ئىششىق قانداق داۋالىنىدۇ؟ 

مەزى بېزىدىكى يىرىڭلىق ئىششىق ئېنىق بولغاندىن كېيىن، ئالدىن بىلەن ئىششىقنى يېرىپ يىرىڭ چىقىرىۋېتىلىدۇ ھەمدە كەڭ سپېكترلىق ئانتىبىئوتىكلار ئىشلىتىلىدۇ. 

ئالدىنقى ماقالىمىزدا تامچە قۇرت مەنبەلىك مەزى بېزى ياللۇغى دېگەن نېمە؟ تېمىسىدا تەپسىلى توختالدۇق . ياكى مەزى بېزى ئاغرىغاندا ئاساسلىقى قانداق ئالامەتلەر كۆرۈلىدۇ؟ توغرىسىدىكى ماقالىنى ئوقۇپ بېقىشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمىز .