مەزى بېزىدىكى تاشنىڭ پەيدا بولۇش سەۋەبى ئېنىق ئەمەس مەزى بېزىدىكى تاش ئادەتتە مەز

مەزى بېزىدىكى تاشنىڭ پەيدا بولۇش سەۋەبى ئېنىق ئەمەس. مەزى بېزىدىكى تاش ئادەتتە مەزى بېزى پۈۋەكچىسىدە پەيدا بولىدۇ. مەزى بېزىدىكى تاش كۆپىنچە بىر دانە يادرو ئاقسىلى ۋە ئاز مىقداردىكى ياغ ھەم كرىستال پۈرىن بىلەن ئورالغان، تۆكۈلگەن ئېپىتېلىي ھۈجەيرىسىدىن شەكىللەنگەن يۇمىلاق ياكى تۇخۇمسىمان ئورگانىك يادرو كىراخمالسىمان تەنچىدىن ئىبارەت بولىدۇ.

بۇ كراخمالسىمان تەنچە بەزى ئەھۋاللاردا يات ماددىلارنىڭ رولىنى ئويناپ، ئانئورگانىك تۇزنى بارغانسېرى كۆپەيتىپ ھەم چۆكمە ھاسىل قىلدۇرۇپ تاشقا ئايلاندۇرىدۇ، بۇ تاشنىڭ يادروسى ھۈجەيرە، باكتېرىيە يىپچىلىرى ياكى نىكروزلانغان توقۇلمىلاردىن تەركىب تاپىدۇ. 
 
مەزى بېزىدىكى تاشنىڭ ئادەتتە ئالامىتى بولمايدۇ، باشقا كېسەللىكلەرنى تەكشۈرگەندە بەزى ئالامەتلىرى مەلۇم بولىدۇ. كۆپرەك كۆرۈلىدىغان ئالامەتلىرى:
 
1) پات-پات سىيىش: يەرلىك ئورۇن غىدىقلانغاندا ۋە دوۋساقنىڭ ئۈچ بۇرجەك رايونى ئاستا خاراكتېرلىك ياللۇغلانغاندا ئادەمنىڭ سىيگۈچى كېلىپلا تۇرىدۇ. ئەھۋال ئېغىرراق بولغانلاردا سۈيدۈك قىستاش، سۈيدۈك ئاغرىتىپ كېلىش، سىيگۈچى كەلگەندەك بولسىمۇ سۈيدۈك چىقماسلىق، تەستە سىيىش ئەھۋاللىرى كۆرۈلىدۇ، ھەرخىل ئانتىبىئوتىكلاردا داۋالانغان تەقدىردىمۇ كېسەللىك ئالامىتى كونترول قىلىنمايدۇ. 
 
2) سۈيدۈك قان ئارىلاش كېلىش: ئاخىرقى سۈيدۈكنى تەكشۈرگەندە، كۆپ ھاللاردا ئۇنىڭدا قان بولىدۇ. 
 
3) ئاغرىش: چات، يانپاش سۆڭەكنىڭ ئۈستى تەرىپى ۋە توققۇز كۆز سۆڭەكنىڭ ئارقا تەرىپى بولقىدا ئۇرغاندەك ئاغرىيدۇ، بەزىدە ئاغرىق قورساقنىڭ تۆۋەن تەرىپىگىچە كېڭىيىدۇ. 
 
4) جىنسىي ئىقتىدار توسالغۇغا ئۇچراش: مەزى بېزىدە تاش بولسا جىنسىي ئاجىزلىق پەيدا بولىدۇ، مەنىي ئاغرىتىپ كېلىدۇ، زەكەر زىيادە قايىم بولۇۋالىدۇ، مەنىي قان ئارىلاش كېلىدۇ. 
 
5) مەزى بېزىدىكى تاشنىڭ چىقىپ كېتىش تارىخى: مەزى بېزىدىكى تاش بەزىدە ئۆزلۈكىدىن چىقىپمۇ كېتىدۇ ياكى مەزى بېزىنى ئۇۋۇلىغاندا چىقىپ كېتىدۇ. 

ئالدىنقى ماقالىمىزدا مەزى بېزىدە تاش بارلىقىغا قانداق دىئاگنوز قويۇلىدۇ؟ تېمىسىدا تەپسىلى توختالدۇق . ياكى تامچە قۇرت مەنبەلىك مەزى بېزى ياللۇغى دېگەن نېمە؟ توغرىسىدىكى ماقالىنى ئوقۇپ بېقىشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمىز .