بۇ كېسەلىككە ئاساستۈز ئۈچەيدىن بارماقنى تىقىپ تەكشۈرۈش، B تىپلىق ئۇلترا بىنەپشە نۇ

بۇ كېسەلىككە ئاساستۈز ئۈچەيدىن بارماقنى تىقىپ تەكشۈرۈش، B تىپلىق ئۇلترا بىنەپشە نۇرلۇق تەكشۈرۈش ئەسۋابى (بىچاۋ)، سۈيدۈك يولى ئەينىكى ۋە رېنتگېندە تەكشۈرۈش ئارقىلىق دىئاگنوز قويۇلىدۇ. 
 
رېنتگېن سۈرىتىدە مەزى بېزىدىكى تاشنىڭ كۆلەڭگىسى كۆرۈنىدۇ، مەزى بېزىنىڭ ئورنى ئۆزگەرسىمۇ، ئۇنىڭدىكى تاشنىڭ ئورنى ئۆزگەرمەيدۇ، بۇنىڭ بىلەن مەزى بېزىدىكى تاشنى دوۋساقتىكى تاشتىن پەرقلەندۈرگىلى بولىدۇ، شۇنىڭ بىلەن بىللە يەنە مەزى بېزىدىكى تاشنىڭ سانى، چوڭ-كىچىكلىكى ۋە جايلىشىش ئورنىنىمۇ بىلگىلى بولىدۇ. 

ئالدىنقى ماقالىمىزدا مەزى بېزى تۇبېركۇليوزى دېگەن نېمە؟ تېمىسىدا تەپسىلى توختالدۇق . ياكى مەزى بېزىدە تاش پەيدا بولۇش دېگەن قانداق گەپ؟ توغرىسىدىكى ماقالىنى ئوقۇپ بېقىشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمىز .