چشنىڭ ساغلام بولۇشى سالامەتلىكىنى كاپالەتلەندۈرۈشنىڭ مۇھىم شەرتى شۇڭا، چىش ئاسراشنى بالىلاردىن باشلاش لازىم بالىلاردا ئەڭ كۆپ كۆرۈلىدىغان چىش ئاغرىقى چىشنى قۇرت يېيىشتىن ئىبارەت

ئېغىز بوشلۇقىدىكى باكتېرىيە ۋە يېمەكلىك قالدۇقلىرى ئېغىزدىكى شىلىمشىق سۇيۇقلۇق بىلەن قوشۇلۇپ، چىش يۈزىگە چاپلىشىۋېلىپ، ئاستا-ئاستا چىشنىڭ قاتتىق توقۇلمىلىرىنى بۇزۇپ، كاۋاكچىلارنى پەيدا قىلىدۇ ھەتتا چىشىنى پۈتۈنلەي بۇزىۋېتىدۇ.

بالىلاردىكى چىش ئاغرىقىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە داۋالاش

چىشنى قۇرت يېيىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن:

1. چىش تەركىبىدىكى فىتورنى كۆپەيتىپ، چىش ئېمالىنىڭ قۇرۇلمىسىنى ئۆزگەرتىپ، ئۇنىڭ باكتېرىيەگە تاقابىل تۇرۇش ئىقتىدارىنى ئاشۇرۇش كېرەك.

2. ئېغىز تازلىقىغا ئەھمىيەت بېرىش، ئەتىگەن ۋە كەچتە چىش چوتكىلاش، چىش چوتكىسىنى مۇۋاپىق تاللاش ۋە چوتكىلاش ئۇسۇلىغا دىققەت قىلىش لازىم.

3. بالىلار قەنت-گېزەك، پىچىنە-پىرەنىكلەرنى ئازراق يېيىشى، بولۇپمۇ ئۇخلاش ئالدىدا يېمەسلىكى كېرەك.

ئەگەر بالىنىڭ چىشىنى قۇرت يېگەن بولسا، دەرھال دوختۇرغا كۆرسىتىپ، مۇۋاپىق بىر تەرەپ قىلىش كېرەك.


ئالدىنقى ماقالىمىزدا بوۋاقلاردىكى «قىزىل كاسا» كېسىلىنى داۋالاش تېمىسىدا تەپسىلى توختالدۇق .