خانىم قىزلار زىيادە ئورۇق بولۇپ كەتسە قايسى كېسەللىكلەر كېلىپ چىقىدۇ؟

خانىم-قىزلار بەك ئورۇق بولۇپ كەتسە پەيدا بولىدىغان كېسەللىكلەر


    1.ئۆتكە تاش چۈشۈش. زىيادە ئورۇق بولغاندا بەدەندىكى ئىسسىقلىق ئېنېرگىيەسى يېتىشمەي، بەدەندىكى بىر قىسىم مايلار ئۆتتە يىغىلىپ قېلىپ ئۆتكە تاش چۈشۈپ قالىدۇ.

    2. ھامىلدار بولالماسلىق. زىيادە ئورۇق بولغاندا ھورمۇننىڭ ئاجرىلىپ چىقىشىغا تەسىر يېتىپ ، ھامىلدار بولالماسلىق كېلىپ چىقىدۇ .

    3. قان ئازلىق . ئورۇقلارنىڭ تامىقى بەك ئاز بولغانلىقتىن ئاشقازان ھەرىكىتى ئاستىلاپ، ئاشقازان كىسلاتاسىنىڭ ئاجرىلىپ چىقىشىمۇ ئاستىلايدۇ، بۇنىڭ بىلەن ئوزۇقلۇقنىڭ نورمال سۈمۈرۈلۈشىگە تەسىر كۆرسىتىپ، قان ئازلىقنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.

    4. سۆڭەك شالاڭلىشىش. ھەددىدىن زىيادە ئورۇق بولغاندا ئادەم بەدىنىدىكى ھورمۇن ئازىيىپ، كالتىسىي بىلەن سۆڭەكنىڭ بىرىكىشى تەسىرگە ئۇچرايدۇ، بۇنىڭ بىلەن سۆڭەكنىڭ زىچلىقى تۆۋەنلەيدۇ.


ئالدىنقى ماقالىمىزدا ئاياللاردىكى بەزى كۆز كېسەللىكلىرى ھەيز بىلەن مۇناسىۋەتلىك تېمىسىدا تەپسىلى توختالدۇق .