كىشىلەر كۆزنىڭ ئارامسىزلىنىشى كۆزنىڭ ئۆزىدە مەسىلە يۈزبەرگەنلىكىدىن بولىدۇ، دەپ قارايدۇ. ئەمەلىيەتتە ھەيزمۇ كۆزگە تەسىر قىلىدۇ. چۈنكى، ھەيز مەزگىلىدە ئانىلىق ھورمون مېتابولىزمىنىڭ توسالغۇغا ئۇچرىشى تۆۋەنكى دۆڭچە مېڭە ۋە ۋېگېتاتىۋ (ئىچكى ئەزا) نېرۋىسى ئىقتىدارىنىڭ قالايمىقانلىشىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ، كۆزدىكى قان تومۇرلارنى كېڭەيتىپ سەزگۈ نېرۋىلىرىغا تەسىر قىلىدۇ، شۇنىڭ بىلەن كۆز كېسەللىكلىرىنى پەيدا قىلىدۇ. ئادەتتە ھەيز بىلەن مۇناسىۋەتلىك بولغان كۆز كېسەللىكلىرى تۆۋەندىكىدەك بىرنەچچە خىل بولۇشى مۇمكىن.

ئاياللاردىكى بەزى كۆز كېسەللىكلىرى ھەيز بىلەن مۇناسىۋەتلىك

 1. كۆزگە قان تولۇش. ھەيز كېلىشتىن بىر – ئىككى كۈن بۇرۇن كۆزدە بىرىكتۈرگۈچى پەردە قىزىرىپ ئىششىش ياكى قان تولۇش قاتارلىق ئالامەتلەر كۆرۈلىدۇ، ھەيز كەلگەندىن كېيىن تەدرىجىي ئاجىزلىشىدۇ، ئىككى – ئۈچ كۈندىن كېيىن بۇ ئالامەتلەر تەدرىجىي يوقايدۇ. بۇنداق ئالامەتلەر ھەيزى قالايمىقان ئاياللاردا كۆپ كۆرۈلىدۇ ھەم دەۋرىي قوزغىلىپ تۇرىدۇ.

 2.كۆز چىڭقىلىپ ئاغرىش ۋە يورۇقلۇقتىن قورقۇش. ھەيز كېلىشتىن ئۈچ – تۆت كۈن بۇرۇن كۆز چىڭقىلىپ ئاغرىشى مۇمكىن، بۇنىڭ ئاساسلىق ئىپادىلىرى باش ئاغرىش، ئاسان چېچىلىپ قېلىش، ئۇيقۇسىراش، ماغدۇرسىزلىنىش ۋە بەل – قورساقلار ئاغرىش قاتارلىقلاردىن ئىبارەت بولىدۇ. بەزى ئاياللاردا يەنە يورۇقلۇقتىن قورقۇش ۋە ياشاڭغىراش قاتارلىق ئالامەتلەر كۆرۈلىدۇ، گەرچە بۇ خىل ئالامەتلەر ھەيز مەزگىلىدە سەل ئاجىزلىسىمۇ پۈتۈنلەي يوقاپ كەتمەيدۇ.

 3.كۆز قاناش. بەزى ئاياللاردا ھەيز كېلىشتىن ئۈچ – تۆت كۈن بۇرۇن كۆز ئالمىسى بىرىكتۈرگۈچى پەردىسىنىڭ ئاستى قاناش، ھەتتا كۆرۈش تور پەردىسى قاناش ئەھۋاللىرى يۈز بېرىدۇ، ھەيز كەلگەندىن كېيىن قاناش توختايدۇ. بۇ خىل ئەھۋال ھەيز مىقدارى ئاز، ياكى ھەيزى يوق ئاياللاردا كۆپ كۆرۈلىدۇ.

 دىققەت قىلىشقا تېگىشلىكى شۇكى، ھەيز مەزگىلىدىكى كۆز ئاغرىقىنىڭ ئادەتتىكى كۆز ئاغرىقىغا ئوخشىشىپ كېتىدىغان تەرەپلىرى بولىدۇ، ئەمما بۇ خىل كۆز ئاغرىقلىرىنى ئادەتتىكى كۆز ئاغرىقلىرىغا ئوخشاش داۋالاشقا بولمايدۇ، بولۇپمۇ ئانتىبىئوتىك تۈرىدىكى كۆز دورىلىرىنى ئىشلىتىشكە بولمايدۇ. ئەگەر ئالامەتلىرى ئانچە ئېنىق بولمىسا، ھەيز كەلگەندىن كېيىن ئۆزلۈكىدىن يوقاپ كېتىدۇ، ئېغىرراقلىرىدا ھەيزنى تەڭشەش ئاساس قىلىنىدۇ.

ئېرفانجان ياسىن تەرجىمىسى


ئالدىنقى ماقالىمىزدا سۈت بېزى راكى ھەققىدە سوئال جاۋابلار تېمىسىدا تەپسىلى توختالدۇق .