قىزىتما ئەڭ كۆپ ئۇچرايدىغان كلىنكىلىق ئالامەت بولۇپ ، ۋاقتىدا دوختۇرغا كۆرۈنۈپ قىزىتما ئۆرلەشنىڭ سەۋەبىنى تېپىش ھەمدە قىزىتمىنى چۈشۈرۈش بىلەن بىللە ، مۇۋاپىق ئوزۇقلىنىش قىزىتمىنى كونترول قىلىش ۋە قىزىتمىنىڭ بەدەنگە بولغان زىيىنىنى تۆۋەنلىتىشتە ئىنتايىن مۇھىم

شۇڭا بۇ مەزگىلدە ئوزۇقلۇق تەركىبى مول بولغان سۈتتە ، پۇرچاقتا ئىشلەنگەن يېمەكلىكلەر ، تۇخۇم ۋە تەركىبىدە ۋىتامىنCبولغان مېۋە – چىۋە ، كۆكتات ، كۆكتات شىرنىسى ، كۆكتات شورپىسى ، چىلان قاتارلىق يېمەكلىكلەرنى كۆپرەك ئىستېمال قىلىپ تۇرۇش كېرەك .

چۈنكى قىزىتما تۈپەيلىدىن ئورگانىزمنىڭ ماددا ئالمىشىشى تېزلىشىپ ، ئىسسىقلىق ئېنېرگىيىسى ۋە ھەر خىل ئوزۇقلۇق ئېلېمېنتلىرىنىڭ سەرپىياتى ئادەتتىكىدىن ئېشىپ كەتكەچكە ، سۈت ۋە پۇرچاقتا ئىشلەنگە يېمەكلىكلەر ، تۇخۇم تىپىدىكى يېمەكلىكلەر ئورگانزىمنىڭ ئاقسىل ماددىسىغا ۋە ئېنېرگىيىگە بولغان ئېھتىياجىنى تولدۇرىدۇ . شۇنىڭ بىلەن يەنە سامساق ، غولپىياز ، مۇچ قاتارلىق يېمەكلىكلەردىن پەرھىز تۇرۇش لازىم .

ئالدىنقى ماقالىمىزدا سەزگۈرلۈك كېسىلىنى ئېغىرلاشتۇرۇۋېتىدىغان ئون ئادەت تېمىسىدا تەپسىلى توختالدۇق . ياكى سوزۇلما خاراكتېرلىك ئاغرىق ئادەمنى ئاسان قېرىتىۋېتىدۇ توغرىسىدىكى ماقالىنى ئوقۇپ بېقىشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمىز .