تۆۋەندە بەدەندىكى كۆرۈلگەن ئالامەتلەرگە قارىتا قايسى بۆلۈمگە نومۇر ئېلىشى توغرىسىدا بىر يىغىنچاقلىما قىلدۇق . ئالامەتلەر كۆرۈلگەندە توغرا بولغان بۆلۈمدە مۇناسىۋەتلىك تەكشۈرۈشلەر بىلەن توغرا دىئاگنوز قويۇشقا پايدىسى بولىدۇ ھەم ۋاقىت تېجىلىپ قالىدۇ .

بەدەندە قايسى خىل ئالامەتلەر كۆرۈلگەندە قايسى بۆلۈملەرگە كۆرۈنۈش لازىم؟


باشتىكى مەسىلىلەر
باش قېيىش ، باش ئاغرىش : ئىچكى كېسەللىكلەر بۆلۈمى ، نېرۋا كېسەللىكلىرى بۆلۈمى ، يۈرەك قان تومۇر كېسەللىكلىرى بۆلۈمى
باش قايغاندا دۇنيا چۆگىلىگەندەك ھىس قىلىش : قۇلاق بۇرۇن بوغاز بۆلۈمى ، نېرۋە كېسەللىكلىرى بۆلۈمى

كۆزدىكى مەسىلىلەر
كۆزدە ھارغىنلىق ، قىزىرىش ، قىچىشىش ، ئاغرىش : كۆز بۆلۈمى
كۆز قۇرۇش : كۆز بۆلۈمى
كۆز پولتىيىپ چىقىش : كۆز بۆلۈمى ، ئىچكى ئاجراتما سېستىمىسى بۆلۈمى
كۆز ئىچىدە ھاشارەتلەر ئۇچقاندەك ھىس كېلىش : كۆز بۆلۈمى

قۇلاقتىكى مەسىلىلەر 
قۇلاق ئاغرىش ، قۇلاق توسۇلۇپ قېلىش: قۇلاق بۇرۇن بوغاز بۆلۈمى
قۇلاق غوڭۇلداش : قۇلاق بۇرۇن بوغاز بۆلۈمى

بۇرۇن مەسىلىلىرى
بۇرۇندىن قان ئېقىش : قۇلاق بۇرۇن بوغاز بۆلۈمى
بۇرۇندىن سۇ ئېقىپ توختىماسلىق ، بۇرۇن تىقىلىپ قېلىش : قۇلاق بۇرۇن بوغاز بۆلۈمى
زىيادە سېزىمچانلىق بۇرۇن ياللۇغى : قۇلاق بۇرۇن بوغاز بۆلۈمى ، بالىلار بۆلۈمى
خورەك تارتىش: قۇلاق بۇرۇن بوغاز بۆلۈمى ، نېرۋا كېسەللىكلىرى بۆلۈمى ، نەپەسلىنىش كۆكرەك كېسەللىكلىرى بۆلۈمى


ئېغىز مەسىلىلىرى
ئېغىزدا يارا : چىش كېسەللىكلىرى بۆلۈمى، بوغاز كېسەللىكلىرى بۆلۈمى
ئېغىز پۇراش: چىش كېسەللىكلىرى بۆلۈمى ، ئىچكى كېسەللىكلەر بۆلۈمى ، ئاشقازان ئۈچەي كېسەللىكلىرى بۆلۈمى ، قۇلاق بۇرۇن بوغاز بۆلۈمى
دۇدۇقلاش ، كېكەچلەش : بوغاز كېسەللىكلىرى بۆلۈمى ، روھىي كېسەللىكلەر بۆلۈمى
يۇتقۇنۇش زورلۇق ھىس قىلىش: ئاشقازان ئۈچەي كېسەللىكلىرى بۆلۈمى ، بوغاز كېسەللىكلىرى بۆلۈمى ، نېرۋا كېسەللىكلىرى بۆلۈمى ، ئىچكى كېسەللىكلەر بۆلۈمى
يۆتىلىش : ئۆپكە كېسەللىكلەر بۆلۈمى ، ئىچكى كېسەللىكلەر بۆلۈمى ، قۇلاق بۇرۇن بوغاز كېسەللىكلىرى بۆلۈمى

بوغاز ،يۇتقۇنچاق مەسىلىلىرى : 
بوغاز ئاغرىش ، ئانگىنا )‏بادام بېزى ياللۇغى‏(: ئىچكى كېسەللىكلەر بۆلۈمى ، قۇلاق بۇرۇن بوغاز كېسەللىكلىرى بۆلۈمى
يۆتەلگەندە قان كېلىش : ئۆپكە كېسەللىكلىرى بۆلۈمى ، قۇلاق بۇرۇن بوغاز كېسەللىكلىرى بۆلۈمى ، ئىچكى كېسەللىكلەر بۆلۈمى 
بوغازدا غەلىتە جىسىم ھىسسى بولۇش: قۇلاق بۇرۇن بوغاز بۆلۈمى ، ئاشقازان كېسەللىكلىرى بۆلۈمى


بويۇن مەسىلىلىرى
بويۇن ئىششىپ قېلىش ، قالقان بەز ئىششىقى ، بويۇن بېزى ئىششىقى : ئىچكى ئاجراتما كېسەللىكلىرى بۆلۈمى ، تاشقى كېسەللىكلەر بۆلۈمى ، قۇلاق بۇرۇن بوغاز كېسەللىكلىرى بۆلۈمى ، ئىچكى كېسەللىكلەر بۆلۈمى


يۈرەك ، ئۆپكە ، كۆكرەك مەسىلىلىرى
نەپەس ئېلىشتا زورلىنىش: يۈرەك قان تومۇر كېسەللىكلىرى بۆلۈمى ، ئىچكى كېسەللىكلەر بۆلۈمى ، تاشقى كېسەللىكلەر بۆلۈمى
كۆكرەك مەيدە ئاغرىش : يۈرەك قان تومۇر كېسەللىكلىرى بۆلۈمى ، ئىچكى كېسەللىكلەر بۆلۈمى ، تاشقى كېسەللىكلەر بۆلۈمى
يۈرەك ئېغىش : يۈرەك قان تومۇر كېسەللىكلەر بۆلۈمى ، ئىچكى ئاجراتما كېسەللىكلىرى بۆلۈمى ، ئىچكى كېسەللىكلەر بۆلۈمى
مەيدە كۆيگەندەك ھىس قىلىش: ئىچكى كېسەللىكلەر بۆلۈمى ، ئاشقازان ئۈچەي يولى كېسەللىكلىرى بۆلۈمى


ئەمچەك مەسىلىلىرى 
ئەمچەك ئىششىپ ئاغرىش ، قىزىرىپ ئىششىش ئاغرىش : ئاياللار كېسەللىكلىرى بۆلۈمى ، تاشقې كېسەللىكلەر بۆلۈمى
ئەمچەك ئۇچىدىن رەڭلىك سۇيۇقلۇق كېلىش ، قان كېلىش : ئاياللار كېسەللىكلىرى بۆلۈمى ، تاشقى كېسەللىكلەر بۆلۈمى 

بەل دۈمبە مەسىلىلىرى
بەل دۈمبە سىقىراپ ئاغرىش : سۆڭەك كېسەللىكلىرى بۆلۈمى ، فىزىكىلىق داۋالاش بۆلۈمى ، ئىچكى كېسەللىكلەر بۆلۈمى
مۈرە سىقىراپ ئاغرىش : سۆڭەك كېسەللىكلىرى بۆلۈمى ، فىزىكىلىق داۋالاش بۆلۈمى ، ئىچكى كېسەللىكلەر بۆلۈمى ، نېرۋا كېسەللىكلىرى بۆلۈمى


قورساق مەسىلىلىرى 
ھەزىم قىلىش ياخشى بولماسلىق ، ئاشقازان كىسلاتاسى كۆپىيىپ كېتىش : ئاشقازان ئۈچەي يولى كېسەللىكلىرى بۆلۈمى ، ئىچكى كېسەللىكلەر بۆلۈمى 
قۇسۇش ، قان قۇسۇش : ئاشقازان ئۈچەي يولى كېسەللىكلىرى بۆلۈمى ، ئىچكى كېسەللىكلەر بۆلۈمى 
جىگەرنى ياغ قاپلاپ كېتىش : ئاشقازان ئۈچەي يولى كېسەللىكلىرى بۆلۈمى ، ئىچكى كېسەللىكلەر بۆلۈمى ، تاشقى كېسەللىكلەر بۆلۈمى
جىگەر رولى ناچارلىشىش : ئاشقازان ئۈچەي يولى كېسەللىكلىرى بۆلۈمى ، ئىچكى كېسەللىكلەر بۆلۈمى ، تاشقى كېسەللىكلەر بۆلۈمى
قورساق ئاغرىش : ئاشقازان ئۈچەي يولى كېسەللىكلىرى بۆلۈمى ، ئىچكى كېسەللىكلەر بۆلۈمى ، تاشقى كېسەللىكلەر بۆلۈمى ، ئاياللار كېسەللىكلىرى بۆلۈمى
قورساق كۆپۈش ، ئىچى سۈرۈپ قېلىش : ئاشقازان ئۈچەي يولى كېسەللىكلىرى بۆلۈمى ، ئىچكى كېسەللىكلەر بۆلۈمى 
قەۋزىيەت ، چوڭ تەرەتتە قان كىلىش ، چوڭ تەرەت قاپقارا كېلىش : ئاشقازان ئۈچەي يولى كېسەللىكلىرى بۆلۈمى ، ئىچكى كېسەللىكلەر بۆلۈمى 


سۈيدۈك يولى ۋە كۆپىيىش سىستىمىسىدىكى مەسىلىلەر
كىچىك تەرەتتە قان كىلىش ، كىچىك تەرەت كۆپ كىلىش ، ئىچىشىپ كىلىش ، نورمال كىچىك تەرەت قىلالماسلىق : سۈيدۈك يولى سىستىمىسى كېسەللىكلىرى بۆلۈمى ، ئاياللار كېسەللىكلىرى بۆلۈمى ، بۆرەك كېسەللىكلىرى بۆلۈمى 
كىچىك تەرەت تۇتالماسلىق : سۈيدۈك يولى سىستىمىسى كېسەللىكلىرى بۆلۈمى ، ئاياللار كېسەللىكلىرى بۆلۈمى ، نېرۋە كېسەللىكلىرى بۆلۈمى ، كىچىك بالىلار كېسەللىكلىرى بۆلۈمى
كىچىك تەرەت دۇغلۇق كىلىش ، زىيادە كۆپۈكلۈك كېلىش : سۈيدۈك يولى سىستىمىسى كېسەللىكلىرى بۆلۈمى ،  بۆرەك كېسەللىكلىرى بۆلۈمى 
جىنسىي كېسەللىكلەر : سۈيدۈك يولى سىستىمىسى كېسەللىكلىرى بۆلۈمى ، ئاياللار كېسەللىكلىرى بۆلۈمى
جىنسىي ئەزادا ئاجراتمىلار كۆپىيىپ كىتىش (ئاق خۇن كۆپىيىش ، رەڭلىك پۇراقلىق كېلىش ) : ئاياللار كېسەللىكلىرى بۆلۈمى


تۆت ئەزا يەنى پۇت قول مەسىلىلىرى : 
قول پۇتتا ئۇيۇشۇقلۇق ھىس قىلىش : نېرۋا كېسەللىكلىرى بۆلۈمى ، يۈرەك قان تومۇر كېسەللىكلىرى بۆلۈمى
بوغۇملار سىقىراپ ئاغرىش : سۆڭەك كېسەللىكلىرى بۆلۈمى ، فىزىكىلىق داۋالاش بۆلۈمى ، رىماتىزما بۆلۈمى
مۇسكۇللارنى باسقاندا ئاغرىق ھىس قىلىش : سۆڭەك كېسەللىكلىرى بۆلۈمى ، نېرۋا كېسەللىكلىرى بۆلۈمى ، فىزىكىلىق داۋالاش بۆلۈمى
مۇسكۇللاردا كۈچسىزلىك ھىس قىلىش ۋە پۈتۈنلەي كۈچ يوقاپ كىتىش : نېرۋا كېسەللىكلىرى بۆلۈمى ، فىزىكىلىق داۋالاش بۆلۈمى
مۇسكۇللار تارتىشىش : نېرۋا كېسەللىكلىرى بۆلۈمى ، فىزىكىلىق داۋالاش بۆلۈمى ، نېرۋا تاشقى كىسەللىكلەر بۆلۈمى
تۇتقاقلىق كېسىلى : نېرۋا كېسەللىكلىرى بۆلۈمى

ئالدىنقى ماقالىمىزدا قانداق كىشىلەرگە ئاسان ئىسسىق ئۆتۈپ قالىدۇ؟ تېمىسىدا تەپسىلى توختالدۇق .