بەش خىل كېسەلنىڭ قوزغىلىدىغان ۋاقتى


1. مېڭە تىقىلمىسى: سائەت 6 دىن 12 گىچە بولغان ۋاقىتتا ئاسان قوزغىلىدۇ. چۈنكى ئادەم بەدىنىدە قان بېسىمى سائەت 7 دىن 11 گىچە بولغان ۋاقىتتا ئۆرلەيدۇ، قان پىلاستىنكىلىرى ئۇيۇيدۇ، ئارتېرىيە قىسقىرايدۇ.

2. مېڭىگە قان چۈشۈش: سائەت 14 تىن 22 گىچە بولغان ۋاقىتتا ئاسان قوزغىلىدۇ. چۈنكى ئادەم بەدىندە قان بېسىمنىڭ ئۆزگىرىشى چۈشتىن كەچكىچە بولغان ۋاقىتتا، چۈشتىن بۇرۇنقى ۋاقىتىكىدىن كۈچلۈك بولىدۇ. يۇقىرى قان بېسىمى قانچە ئېغىر بولسا، ئۆزگىرىشى شۇنچە تېز بولىدۇ.

3. ئۆتكۈر يۈرەك مۇسكۇل تىقىلمىسى: سائەت 8 دىن 12 گىچە بولغان ۋاقىتتا ئاسان قوزغىلىدۇ. تاجىسىمان ئارتېرىيە چۈشتىن بۇرۇن تېز كېڭىيىدۇ، ئۇنىڭ ئۈستىگە بۇ ۋاقىتتا قان بېسىمى ھەمىشە ئۆرلەيدۇ، يۈرەكنىڭ سوقۇش رېتىمسىز بولىدۇ، قان پىلاستىنكىلىرى ئۇيۇشىدۇ، تاجىسىمان ئارتېرىيە تارىيىدۇ. شۇڭا يۈرەك مۇسكۇلىغا قان يېتىشمەيدۇ.

4. يۈرەك سانجىقى: قوزغىلىش ۋاقتى ۋە سەۋەبى ئۆتكۈر يۈرەك مۇسكۇلى تىقىلمىسىنىڭكىگە ئوخشاش.

5. يۈرەكنىڭ سوقۇشى رېتىمسىزلىشىش: بۇ كېسەل سائەتتە 5دىن 10غىچە بولغان ۋاقىتتا، 16 دە، 23 دە قوزغىلىدۇ. 

ئالدىنقى ماقالىمىزدا كادمىي ۋە يۇقىرى قان بېسىم تېمىسىدا تەپسىلى توختالدۇق . ياكى يۈرەك كېسىلى بار بىمارلار جىنسىي تۇرمۇش ئۆتكۈزمەسلىكى كېرەكمۇ؟ توغرىسىدىكى ماقالىنى ئوقۇپ بېقىشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمىز .