بويۇن ئومۇرتقىسى كېسەللىكىگە ئاسانلا خاتا دىياگنوز قويۇلۇپ قالىدىغان بولغاچقا، مۇتەخەسسىسلەر بەدەندە تۆۋەندىكىدەك ئالامەتلەر كۆرۈلسە، بويۇن ئومۇرتقىسىدا مەسىلە بار-يوقلىقنى تەكشۈرتۈپ بېقىشنى تەۋسىيە قىلدى


1. باش ياكى چېكە ئاغرىش؛ 

2. باش قېيىش؛ 

3. قۇلاق غوڭۇلداش ياكى ئاڭلاش ئىقتىدارى تۆۋەنلەپ كېتىش؛ 

4. يۈرەك رىتىمى قالايمىقانلىشىش، يۈرەك سانجىپ ئاغرىغاندەك ئالامەتلەر كۆرۈلۈش («بويۇن ئومۇرتقىسى خاراكتېرلىك يۈرەك كېسەللىكى»، بويۇن نېرۋا تۈگۈنلىرى سىمپاتىك غولى غىدىقلىنىشقا ئۇچرىسىلا يۈرەككە تەسىر كۆرسىتىپ، «يۈرەك كېسەللىكى» گە ئوخشاپ كېتىدىغان ئالامەتلەر كۆرۈلىدۇ)؛

5. قان بېسىمى تۆۋەنلەپ كېتىش؛ 

6. قان بېسىمى يۇقىرىلاپ كېتىش؛ 

7. ئىچكى ئەزالار ئىقتىدارىنىڭ قالايمىقانلىشىپ كېتىشى. مەسىلەن: نەپەسلىنىش سىستېمىسى، ھەزىم قىلىش سىستېمىسى، ئىچكى ئاجرىتىش سىستېمىسىنىڭ ئىقتىدارى قالايمىقانلىشىش؛ 

8. چاچتا ماي مىقدارى بىر قەدەر كۆپ بولۇش، باشتا مايلىق تېرە ياللۇغى كۆپ يۈز بېرىش، چاچ چۈشۈش؛

9. باش دائىم بىر يانغا قىڭغىيدىغان بولۇپ قېلىش؛

10. گەجگە ئاغرىش. 


ئالدىنقى ماقالىمىزدا قاتما خاراكتىرلىك ئۇمۇرتقا ياللۇغى 强直性脊柱炎 تېمىسىدا تەپسىلى توختالدۇق .