قاتما خاراكتېرلىك ئومۇرتقا ياللۇغى ئىچكى تاشقى سوغۇقلۇقنىڭ تەسىر قىلىشىدىن كېلىپ چىقىدىغان، كىلىنىكىدا بويۇن، كۆكرەك، بەل ئومۇرتقا ساھەسى ئاغرىش، ھەرىكىتى توسقۇنلۇققا ئۇچراش، ھەرىكەت قىلغاندا ئاغرىش كۈچىيىش بىلەن ئىپادىلىنىدىغان جاھىل خاراكتېرلىك كېسەللىك


دىياگنوز ئاساسى:

1)  بىماردا كۆرۈلگەن تىپىك كېلىنىكىلىق ئالامەتلەرگە ئاساسەن : بويۇن، كۆكرەك، بەل ئومۇرتقا ساھەسى ئاغرىش، ھەرىكەت قىلغاندا ئاغرىق كۈچىيىش، ھەرىكىتى قىيىنلىشىش ياكى توسقۇنلۇققا ئۇچراش، پۈتۈن بەدەن سوغۇق بولۇش، زىيادە توڭۇش، نەپەس ئېلىش ۋە چىقىرىش قىيىنلىشىش .

2)      قوشۇمچە تەكشۈرۈش نەتىجىسىگە ئاساسەن :

(1)     لابۇلاتورىيىلىك تەكشۈرگەندە ASO مۇسبەت بۇلۇش، ESR يۇقىرى بۇلۇش .

(2)  رىنتىگېندا ياكى MRIسايىلاندۇرۇپ تەكشۈرگەندە ئومۇرتقا تۈۋرۈكىنىڭ فىزىيولوگىيەلىك ئەگىرلىكى يوقۇلۇش، ئومۇرتقا سۆڭىكىنىڭ قىرى بۇزۇلۇش، ئومۇرتقا تۈۋرىگىدە بامبۇكسىمان ھالەت شەكىللىنىش، ئومۇرتقا پەي – مۇسكۇللىرى ياللۇغلىنىپ ئىششىش، ئېغىرلىرىدا مۇسكۇل قېتىپ كالتسىي پىشىش ئەھۋالى بۇلۇش قاتارلىقلارغا ئاساسەن دىياگنوز قويۇلدى .

ئالامىتى :

بىماردا كېسەل باشلانغاندا بويۇن، كۆكرەك، بەل ئومۇرتقا ساھەسى ئاغرىش، بەدەن سوغۇق بۇلۇش، زىيادە توڭلاش ئەھۋالى بولۇپ ئومۇرتقىنىڭ ھەرىكىتى قىيىنلىشىش ئەھۋالى كۆرۈنەرلىك بولمايدۇ، تەدرىجىي ئومۇرتقا ساھەسى ئاغرىش ئەھۋالى ئېغىرلىشىپ، ھەرىكەت قىلغاندا ئاغرىق كۈچىيىش، ئومۇرتقا ھەرىكىتى قىيىنلىشىش، مۇسكۇللار قېتىش ئەھۋالى بولۇپ ئېغىرلاشقاندا ئومۇرتقا تۈۋرۈكى غەيرىلىشىش، ھەرىكىتى توسقۇنلۇققا ئۇچراش، مۇسكۇللار قېتىشىپ كالتسىي پىشىش، بىمار ئوڭدىسىغا ياكى دۈم بولۇپ ياتالماسلىق ، بەدەن ئۇرۇقلاش، نەپەس ئېلىش ۋە چىقىرىش قىيىنلىشىش، ئۇيقۇسىزلىق، يول يۈرۈش – ئولتۇرۇپ قوپۇش ھەرىكىتى قىيىنلىشىش ئەھۋالى كۆرۈلىدۇ .

دەرىجىگە بۆلۈنۈشى :

1 . يېنىك دەرىجىدە : بويۇن، كۆكرەك، بەل ئومۇرتقا ساھەسى ئاغرىش، بەدەن سوغۇق بۇلۇش، زىيادە توڭلاش ئەھۋالى بولۇپ ئومۇرتقىنىڭ  ھەرىكىتى قىيىنلىشىش ئەھۋالى كۆرۈنەرلىك بولمايدۇ،
2 . ئوتتۇرھال دەرىجىدە : بويۇن، كۆكرەك، بەل ئومۇرتقا ساھەسى ئاغرىش، ھەرىكەت قىلغاندا ئاغرىق كۈچىيىش، ئومۇرتقا ھەرىكىتى قىيىنلىشىش، نەپەس ئېلىش ۋە چىقىرىش يەڭگىل دەرىجىدە قىيىنلىشىش،  بەدەن سوغۇق بۇلۇش، زىيادە توڭلاش ئەھۋالى بولىدۇ .
3 . ئېغىر دەرىجىدە : بويۇن، كۆكرەك، بەل ئومۇرتقا ساھەسى ئاغرىش، ھەرىكەت قىلغاندا ئاغرىق كۈچىيىش، ئومۇرتقا تۈۋرۈكى غەيرىلىشىش، ھەرىكىتى توسقۇنلۇققا ئۇچراش، مۇسكۇللار قېتىشىپ كالتسىي پىشىش، بىمار ئوڭدىسىغا ياكى دۈم بولۇپ ياتالماسلىق ، بەدەن ئۇرۇقلاش، نەپەس ئېلىش ۋە چىقىرىش قىيىنلىشىش، ئۇيقۇسىزلىق، يول يۈرۈش ۋە ئولتۇرۇپ قوپۇش ھەرىكىتى قىيىنلىشىش ئەھۋالى كۆرۈلىدۇ .

ئالدىنقى ماقالىمىزدا بوغۇم ياللۇغىنىڭ تۆت خىل ئالامىتى تېمىسىدا تەپسىلى توختالدۇق . ياكى بويۇن ئومۇرتقىسى كېسەللىكىنىڭ ئون خىل ئىپادىسى توغرىسىدىكى ماقالىنى ئوقۇپ بېقىشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمىز .