سۆڭەك شالاڭلىشىش ئوتتۇرا ياش-ياشانغانلار (بولۇپمۇ ئاياللار) ئەڭ كۆپ گىرىپتار بولىدىغان كېسەللىكلەرنىڭ بىرى بولۇپ، سۆڭەكنىڭ زىچلىق دەرىجىسى تۆۋەنلەش، كۆپ كاۋاكلىشىش، چۈرۈك بولۇپ قېلىشنى كۆرسىتىدۇ بۇ ئاياللاردىكى ھورمۇن-ئانىلىق ھورمۇن بىلەن زور دەرىجىدە مۇناسىۋەتلىك چۈنكى ئاياللاردا ھەيز توختاپ كەتكەندىن كېيىن، ئانىلىق ھورمۇن ئازىيىپ كەتسە، سۆڭەك چۈرۈكلىشىپ كېتىدۇ، كالتسىيمۇ ئاسان شۈمۈرۈلمەيدىغان بولۇپ قالىدۇ  

سۆڭەك شالاڭلىشىشنىڭ پەيدا بولۇش سەۋەبى ئىچىدە، كالتسىي يېتىشمەسلىك ئاساسىي ئورۇندا تۇرىدۇ، يەنە ئاشقازىنى كېسىپ ئېلىۋېتىلگەنلەر، ئۇزۇن مۇددەت سېرىقلىق چۈشكەنلەر ۋە ئىنچىكە ئۈچىيى ئارقىلىق يېتەرلىك مىقداردا كالتسىي شۈمۈرۈشكە ئامالسىز قالغان بىمارلار ياكى بۆرەك كېسىلى، سوزۇلما جىگەر كېسىلىگە گىرىپتار بولغانلار، تۇخۇمداننى كېسىپ ئېلىۋېتىش ئوپېراتسىيەسى قىلىنغانلاردا بۇ خىل كېسەللىك پەيدا بولىدۇ، جەمەتىدە كېسەللىك تارىخى بارلاردىمۇ ئاسان پەيدا بولىدۇ. مەزكۇر كېسەلگە گىرىپتار بولسا سۆڭەكنىڭ دەزلىرى كۆپىيىدۇ، بوي پاكارلايدۇ، پاقالچاق، ساغرا ۋە غول ئاغرىيدۇ، ئاسانلا ئومۇرتقا سۆڭىكى يانغا ئېگىلىپ قېلىش، ئومۇرتقا سۆڭىكى سۇنۇش قاتارلىق كېسەللىكلەر پەيدا بولىدۇ. 

يانپاش بوغۇمى ۋە غول ئاغرىش مەزكۇر كېسەللىكنىڭ دەسلەپكى ئالامىتى بولۇشى مۇمكىن. نۇرغۇن بىمارلاردا توساتتىن ئۆزلۈكىدىن سۆڭەك سۇنۇش يۈز بېرىدۇ، سۆڭىكى كۆپ ئورۇندىن سۇنۇشى مۇمكىن. X نۇر ئارقىلىق تەكشۈرگەندە، بىمارنىڭ سۆڭىكىنىڭ شالاڭلاشقانلىقى، سۆڭەك پوستلاق ماددىسىنىڭ نېپىزلەپ كەتكەنلىكى، ئومۇرتقا سۆڭىكى ئارىلىق تەخسىلىرىنىڭ ئۇرچۇق شەكىلدە يوغىناپ يۈزىنىڭ پۇلتىيىپ چىققانلىقى، ئېغىز دىيامېتىرىنىڭ ئىنتايىن كىچىكلەپ قۇشنىڭ تۇمشۇقىغا ئوخشاپ قالغانلىقى بايقىلىدۇ. قاننى لابوراتورىيەلىك تەكشۈرگەندە، قان زەردابىدىكى ئىشقارلىق فوسفاتازا مىقدارىنىڭ ئۆرلەپ قالغانلىقى، قاندىكى فوسفور مىقدارى ۋە كالتسىي مىقدارى تۆۋەنلەپ قالغانلىقى بايقالسا، سۆڭەك شالاڭلىشىش كېسىلى دەپ دىياگنوز قويۇشقا بولىدۇ. سۆڭەك شالاڭلشىش كېسىلىگە گىرىپتار بولغانلار كالتسىي تولۇقلاش بىلەن بىر ۋاقىتتا، ۋىتامىن D، ۋىتامىن A ۋە ۋىتامىن C لارنى تولۇقلىشى زۆرۈر، شۇنداق قىلغاندىلا ئاندىن ياخشى داۋالاش ئۈنۈمىگە ئېرىشەلەيدۇ. 

كالتسىي يېتىشمەسلىكنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغان سەۋەب، ھەرىكەتنىڭ كەمچىل بولۇشىدىن باشقا، زىيادە كۆپ ئاقسىل قوبۇل قىلىشىمۇ بەدەندىكى كالتسىينىڭ زىيانغا ئۇچرىشىنى تېزلىتىۋېتىدۇ. بۇنىڭدىن باشقا، دىققەت قىلىشقا تېگىشلىكى شۇكى، ئەگەر ئۇزۇن مۇددەت كۆپلەپ گۆش ئىستېمال قىلسىمۇ سۆڭەكتىكى كالتسىي ئازىيىپ كېتىدۇ. 

بۇلاردىن باشقا، گازلىق سۇ، قەھۋە، ھاراق قاتارلىق ئىچىملىكلەرمۇ كالتسىينىڭ زىيانغا ئۇچرىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىشى مۇمكىن. يەنە ئۆرۈك مېغىزى، مۇقاتىل، پالەك ئىستېمال قىلىش مىقدارىغا دىققەت قىلىش لازىم. چۈنكى ئۇلارنىڭ تەركىبىدە كۆپ مىقداردا چۆپ كىسلاتاسى بار بولۇپ، ئۇ كالتسىينىڭ بەدەنگە شۈمۈرۈلۈشىگە توسقۇنلۇق قىلىدۇ. 

سۆڭەك شالاڭلىشىش كېسىلىنىڭ ئالدىنى ئېلىشتا، دائىم ھەرىكەت قىلىش، يېمەك-ئىچمەك ئادىتىنى تەڭشەش، تەركىبىدە كالتسىي مول يېمەكلىكلەر بىلەن كۆپرەك ئوزۇقلىنىشتىن باشقا، يەنە قەرەللىك ھالدا سالامەتلىك تەكشۈرتۈپ، كېسەللىك بايقالسا بالدۇرراق داۋالىنىش لازىم.

تولۇقلاشقا تېگىشلىك ۋىتامىن، مىنېرال ماددا

ۋىتامىن D، ۋىتامىن A، ۋىتامىن C، كالتسىي، ماگنىي، بور، گۈڭگۈرت، سىنك.

كۆپرەك ئوزۇقلىنىشقا تېگىشلىك يېمەكلىكلەر

كۆكتات: سەرەبىل، باش پىياز، كاللەكبەسەي قاتارلىقلار.

دانلىق ئاشلىق، قارا ئاشلىق: قارا بۇغداي، ئۈچكىلىك مېۋىلەر، سۇلۇ، بۇغداي ئۈندۈرمىسى، بۇغداي ئۇنىدىن ئىشلەنگەن يېمەكلىك قاتارلىقلار. 

باشقىلار: تۇخۇم، دۇفۇ، پىشلاق، خەيدەي، شېكەر قىيامى قاتارلىقلار. 

بېلىقلاردىن سالمون بېلىقى، ساردىنا بېلىقى، كامبالا بېلىقى قاتارلىق كالتسىينىڭ ياخشى مەنبەسى ھېسابلىنىدۇ. 

ئالدىنقى ماقالىمىزدا بەل ئۇمۇرتقا سۆڭەك ئۆسۈش تېمىسىدا تەپسىلى توختالدۇق . ياكى بوغۇم ياللۇغىنىڭ تۆت خىل ئالامىتى توغرىسىدىكى ماقالىنى ئوقۇپ بېقىشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمىز .