تىز بوغۇم سۆڭەك ئۆسۈش كېسەللىكى ھازىر جەمئىيىتىمىزدە كۆپ كۆرۈلۈۋاتقان، يول يۈرۈش، ئولتۇرۇپ قوپۇش قىيىن بولۇش، ئېغىر بولغانلىرىدا يول يۈرەلمەسلىك ھەتتا ئورنىدىن تۇرالماسلىق بىلەن ئىپادىلىنىدىغان كېسەللىك

سەۋەبى :

 سىرتقى زەخىم ۋە ئۇرۇلۇش سوقۇلۇشتىن تىز بوغۇمىدا سۈركىلىش يەنى بوغۇم پەردىسى سۆڭەك يۈزىدە زەخىم كېلىپ چىقىدۇ، بۇنىڭ بىلەن شۇ سۆڭەكنىڭ ئاناتومىيەلىك تۈزۈلۈشىدە بۇزۇلۇش ۋە كالتسىي مىقدارى تۆۋەنلەش كېلىپ چىقىدۇ. بۇنىڭ بىلەن شۇ سۆڭەكنىڭ ئاناتومىيەلىك پۈتۈنلۈكىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش ۋە كالتسىينى تولۇقلاش ئۇچۇن قايتا ئۆسۈش ۋە تولۇقلاش يۈز بېرىپ سان سۈپەت جەھەتتىن ئەسلىدىكى مىقداردىن ئېشىپ كېتىش سەۋەبلىك سۆڭەك ئۆسۈكچىسى كېلىپ چىقىدۇ .

خىلىتلارنىڭ غەيرى تەبىئىي ئۆزگىرىشى بولۇپمۇ غەيرى تەبىئىي سەۋدا ۋە غەيرى تەبىئىي بەلغەم خىلىتىنىڭ سان سۈپەت جەھەتتىن ئۆزگىرىپ يەرلىك ئورۇنغا چۆكمە چۈشۈپ قان ئايلىنىش ۋە ئۆتكۈنچى يوللارنىڭ راۋانلىقىغا تەسىر يەتكۈزۈپ نورمالنى بوغۇم سۇيۇقلۇقىنى بۇزۇپ قېتىشىشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىپ يەرلىك ئۇرۇندىكى چۆكمىگە چۈشكەن ماددىلار ۋاقىتنىڭ ئۆتۈشى بىلەن ئۆزىگە كالتسىي يىغىپ سۆڭەك ئۆسۈكچىسىنى شەكىللەندۈرىدۇ .

سوغۇق ئۆتكۈزۈۋېلىش، نەم زەيكەش مۇھىتتا ياشايدىغانلاردىمۇ يۇقىرىدىكىگە ئوخشاش سەۋەبلەر بىلەن يەرلىك ئورۇندا سۆڭەك ئۆسۈكچىسى شەكىللىنىدۇ .

بەدىنى زىيادە سېمىز كىشىلەرنىڭ ئاساسلىق ئېغىرلىق بېسىمى تىزغا چۈشىدىغان بولغاچقا تىز بوغۇمىدا سۈركىلىش سەۋەبلىك ئاستا خاراكتېرلىك زەخىم كېلىپ چىقىپ بۇخىل كېسەللىكنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ .

ئالامەت :

تىز بوغۇمىدا ئىچىشىپ ۋە چىڭقىلىپ ئاغرىش، كۆپرەك يول يۈرگەندە، ئېغىر ھەرىكەت قىلغاندا ئاغرىق كۈچىيىش، پەلەمپەيگە چىقىپ چۈشۈش قىيىن بولۇش، پەلەمپەيدىن چۈشكەندە تىز بوغۇم كۈچسىزلىنىپ قالغاندەك بولۇپ ئاسانلا يىقىلىپ كېتىش، ھەرىكەت قىلغاندا تىز بوغۇمىدىن ئاۋاز چىقىش، بولۇپمۇ پەلەمپەيدىن چۈشكەندە سانجىلىپ ئاغرىش. سوغۇق ۋە يامغۇرلۇق كۈنلەردە ئاغرىق كۈچىيىش قاتارلىق ئالامەتلەر كۆرۈلىدۇ .

دىياگنوز قويۇشتا تىپىك كىلىنىكىلىق ئالامەت ۋە رېنتىگېنلىك تەكشۈرۈشكە ئاساسەن ناھايىتى ئاسانلا دىياگنوز قويغىلى بولىدۇ .

داۋالاش :

كېسەللىك مەيلى خىلىتلارنىڭ غەيرى تەبىئىي ئۆزگىرىشىدىن ياكى باشقا سەۋەبلەردىن كېلىپ چىققان بولسۇن دەسلىپىدە قان ئايلىنىشنى ياخشىلاش، نېرىپلارنىڭ ئۆتكۈزۈشچانلىقى ۋە ئۆتكۈنچى يوللارنى راۋانلاشتۇرۇش ئۇچۇن مۇۋاپىق ئۇۋلاش، ھەرىكەتلەندۈرۈش، يىڭنە سانجىش، ئىسسىق ئۆتكۈزۈش ئىلىپ بېرىش كېرەك .

قايسى خىلىتنىڭ غەيرى تەبىئىي ئۆزگىرىشىنى كېلىپ چىققان بولسا شۇنىڭغا قارتا پىشۇرغۇچى (مۇنزىچ ) ، سۈرگۈچى (مۇسھىل) دورىلارنى بېرىپ بەدەن تەقىيە قىلىنىدۇ، ئاساسى داۋالىغۇچى دورىلاردىن، ياللۇغ قايتۇرۇپ ئاغرىق پەسەيتكۈچى  ،  سۆڭەك ئۆسۈشنى چەكلىگۈچى دورىلاردىن ‹‹كاپسۇلى سۆرۈنجان، مەجۈنى سۆرۈنجان، ھەببى سۆرۈنجان، مەجۈنى چۆبىچىن، مائۇل ئۇسۇل مۇرەككەپ، زىماتى سۆڭەك ئۆسۈش، پاشۆيە›› قاتارلىق دورىلار ئىشلىتىلىدۇ. 

رەئىس ئەزالارنى ۋە ئومۇمىي بەدەننى قۇۋۋەتلەپ، قان ئايلىنىشنى جالاندۇرۇپ، بەدەننىڭ تەبىئەت كۈچىنى ئاشۇرغۇچى دورىلار دىن ‹‹داۋائىل مىشكى، ئەبرىشىم جەۋھىرى، شىپائىي قەلب، جاۋارىش ئەنبەر، خېمىرى گاۋزىبان ئەنبىرى، لوبوبى كەبىر، ماداتۇل ھايات، مەجۈنى سۆلەپ، داۋائى تەرەنجىبىن، ئەنجۈر شەربىتى، ›› قاتارلىق دورىلار تاللاپ ئىشلىتىلىدۇ.

ئالدىنى ئىلىش ۋە پەرھىزى:

سوغۇق ئۆتۈپ قىلىشتىن، زىيادە ھېرىپ-چارچاش، زۇكام بۇلۇش، ئېغىر جىسمانىي ھەرىكەتلەرنى قىلىشتىن، ئۇزۇن مۇددەت ئۆرە تۇرۇشتىن، زەخىملىنىشتىن ساقلىنىش، زىيادە تويۇنۇپ تاماق يېيىشتىن، بولۇپمۇ يەل پەيدا قىلغۇچى، تەستە ھەزىم بولىدىغان غىزالاردىن (پولۇ، مىفەن، مانتا، خوشاڭ، سامسا، گۆشگىردە، تونۇر كاۋىپى، تاۋا كاۋاپ، موما، گىردە، لەڭمەن، گۆشنان، لازا، ئاچچىقسۇ، قېتىق ۋە باشقا سوغۇق ئىچىملىكلەردىن پەرھىز قىلىشى كېرەك ).روھى جەھەتتىن، ساقىيىشقا ئىشەنچ تۇرغۇزۇش. ئاسان ھەزىم بولىدىغان، لەتىف غىزالاردىن (سۇيقاش، نارىن چۆپ، ئۈگرە، شورپا، كاكچا ۋە تەركىبىدە ھەرخىل ۋىتامىنلار ھەم كالتسىي مول بولغان سەي كۆكتات ۋە مېۋە-چىۋىلەرنى كۆپرەك ئىستېمال قىلىشى كېرەك )
دىققەت قىلىدىغان ئىشلار :
داۋالاش جەريانىدا كۈچەپ ئۇۋلاش، كوپ ھەرىكەت قىلدۇرۇپ قايتا زەخىملىنىشنىڭ ئالدىنى ئىلىش كېرەك. 

ئالدىنقى ماقالىمىزدا ئولتۇرغۇچ نېرىپ ئاغرىقى 坐骨神经痛 تېمىسىدا تەپسىلى توختالدۇق . ياكى بويۇن ئومۇرتقىسى ئاغرىش ۋە ئۇنى داۋالاش توغرىسىدىكى ماقالىنى ئوقۇپ بېقىشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمىز .