ساغرا ۋە پۇتنىڭ ئارقا تەرىپى تۇراقلىق ھالدا ئاغرىش، بەزىدە تىز كەينى ئويمىنى، پاقالچاقنىڭ ئارقىسى ۋە تاپانغا قەدەر يېتىپ بارىدۇ بەزىلەر بولسا باشقا كېسەللىكلەرنىڭ شېرىكچىلىكىدە ئۇلارنىڭ ئالامىتى سۈپىتىدە ياكى باشقا كېسەللىكلەر ئولتۇرغۇچ نېرۋىغا زىيان يەتكۈزگەنلىكتىن يۈز بىرىدۇ دەپ ھېسابلايدۇ

ئالامىتى:
ساغرا ۋە پۇتنىڭ ئارقا تەرىپى تۇراقلىق ھالدا ئاغرىش، بەزىدە تىز كەينى ئويمىنى، پاقالچاقنىڭ ئارقىسى ۋە تاپانغا قەدەر يېتىپ بارىدۇ. بەزىلەر بولسا باشقا كېسەللىكلەرنىڭ شېرىكچىلىكىدە ئۇلارنىڭ ئالامىتى سۈپىتىدە ياكى باشقا كېسەللىكلەر ئولتۇرغۇچ نېرۋىغا زىيان يەتكۈزگەنلىكتىن يۈز بىرىدۇ دەپ ھېسابلايدۇ.

مۇنداق كېسەللىكلەر ئاساسلىقى سۆڭەك ۋە بوغۇم كېسەللىكلەردىن ئىبارەت بولىدۇ. مەسىلەن:توققۇز كۆز-يانپاش بوغۇم كېسەللىكلىرى، ئومۇرتقا بوغۇملىرىغا كۆمۈرچەك ئۆسۈش كېسەللىكى، ئومۇرىتقىلار ئارىسىدا كۆمۈرچەك ئۆسۈپ قىلىش، ئومۇرىتقا ئۆسمىلىرى، ئومۇرىتقا سىلى قاتارلىقلار؛ يەنە يۇلۇن ئۆسمىسى، داس بوشلۇقى ئىچىدىكى كېسەللىكلەر—بالىياتقۇ ئوسمىسى، مەزى بېزى كېسەللىكلىرى، ھامىلە بېسىپ قويۇش، قەۋزىيەت ۋە باشقىلار.

ئىرقىننىسانىڭ سەۋەبلىرىدىن يەنە ئولتۇرغۇچ نېرۋىغا قاتتىق سوغۇق ئۆتۈپ كېتىش، ئۇرۇلۇش، سوقۇلۇش، بېسىمغا ئۇچراش، ۋە جىئۇل مۇفاسىل ئاسارەت قالدۇرۇش؛ ئاغرىش-تۇتۇق ئاغرىش، سانجىلىپ ئاغرىش، كۆيۈپ ئاغرىش ياكى ئېسىلىپ ئاغرىش خۇسۇسىيەتلىرىدە بولىدۇ. ماڭغاندا، يۆتەلگەندە ۋە چۈشكۈرگەندە ياكى بەلنى. ئەگكەندە ئاغرىق كۈچىيىپ كېتىش مۇمكىن.

تەكشۈرگەندە ئولتۇرغۇچ نېرۋا ئورۇنلاشقان جاينى بويلاپ بېسىپ باقسا ئاغرىيدۇ ھەتتا مەزكۇر نېرۋا تارقالغان مۇسكۇللارنى بېسىپ باقسا شۇ جايلارنىڭ گۆشلىرىمۇ ئاغرىيدۇ، بولۇپمۇ پاقالچاق بۇلجۇڭ گۆشلىرى ئاغرىپ كېتىدۇ.

پاقالچاقنى تۈزلەپ ئاندىن بىمارنىڭ پۇتىنى تۇتۇپ تۇرۇپ يۇقىرىغا كۆتۈرۈپ پەيدىن پەي تۈزلەنسە قاتتىق ئاغرىق ھاسىل بولىدۇ. بۇ ئىرقىننىسانىڭ ئالاھىدىلىكىدۇر. ھەرىكەتلەندۈرگەندە ئاغرىيدۇ، لېكىن سېزىمنىڭ توسقۇنلۇققا ئۇچرىشى ئاز ئۇچرايدۇ. 

ئالدىنقى ماقالىمىزدا بوغۇم ياللۇغىنىڭ كېلىپ چىقىش سەۋەبى ۋە ئۇنى داۋالاش تېمىسىدا تەپسىلى توختالدۇق . ياكى تىز بوغۇم سۆڭەك ئۆسۈش كېسەللىكى توغرىسىدىكى ماقالىنى ئوقۇپ بېقىشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمىز .